شىنخۇا ئاگېنتلىقى، خانوي، 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىرلار ياڭ يىجۈن، زوۋ شۆميەن) شۇ جاي ۋاقتى 4 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى چۈشتە، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى سۇ لىن، ۋيېتنام سوتسىيالىستىك جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسى لياڭ چياڭنىڭ تەكلىپى بىلەن، ۋيېتنامدا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن خانويغا يېتىپ باردى.
شى جىنپىڭ مەخسۇس ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ خانوي نويباي خەلقئارا ئايروپورتىغا يېتىپ بارغاندا، ۋيېتنامنىڭ دۆلەت رەئىسى لياڭ چياڭ، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ دائىمىي شۇجىسى چېن جىنشيۇ، ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى لى خۇەيجۇڭ قاتارلىق ۋيېتنامنىڭ پارتىيە، ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى ۋە يەرلىكتىكى ۋەكىللەر قىزغىن كۈتۈۋالدى. ۋيېتناملىق ياش قىز شى جىنپىڭغا گۈل تەقدىم قىلدى. ھۆرمەت قاراۋۇللىرى قىزىل پاياندازنىڭ ئىككى تەرىپىدە سەپ بولۇپ تۇرۇپ، قورال تۇتۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى. شۇ جايدىكى ياشلار ئۇچىسىغا مىللىيچە كىيىملەرنى كىيىپ، دۇمباق چېلىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت بايرىقىنى پۇلاڭلىتىپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.
شى جىنپىڭ يازما سۆز قىلىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى، جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن، قېرىنداش ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى، ۋيېتنام ھۆكۈمىتى ۋە ۋيېتنام خەلقىگە سەمىمىي سالام يوللىدى ۋە ياخشى تىلەكلەرنى بىلدۈردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 95 يىللىقى، ۋيېتنامنىڭ دۆلەت قۇرۇلغانلىقىنىڭ 80 يىللىقى ۋە جەنۇبىي رايون ئازاد قىلىنغانلىقىنىڭ 50 يىللىقى. ۋيېتنام كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋيېتنام خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، پارتىيە قۇرۇش، دۆلەت قۇرۇشتىكى «ئىككى 100 يىل»لىق نىشانغا قاراپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى، خەلقئارا ۋە رايون تەسىر كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك سانائەتلەشتۈرۈش، زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا خۇشاللىنارلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى. جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئىككى دۆلەت تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش سوتسىيالىستىك قوشنا دۆلەت، ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى. دۆلەتنىڭ مۇستەقىللىقى ۋە مىللەتنىڭ ئازادلىقىنى قولغا كەلتۈرۈشتىكى قاينام ـ تاشقىنلىق يىللاردا، ئىككى تەرەپ مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، بىر ـ بىرىنى قوللىدى، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. ئۆز دۆلىتىنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ئۇيغۇن كېلىدىغان سوتسىيالىزم يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەھەتتە، ئىككى تەرەپ ئۆزئارا ئۆگىنىپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، قول تۇتۇشۇپ ئورتاق ئىلگىرىلەپ، دۇنياغا سوتسىيالىزم تۈزۈمىنىڭ پارلاق ئىستىقبالىنى نامايان قىلدى. بۇ يىل جۇڭگو ـ ۋيېتنام دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى ھەم «جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش يىلى»، جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشى يېڭى تەرەققىيات پۇرسىتىنى كۈتۈۋالدى. مەن بۇ قېتىمقى زىيارەتنى پۇرسەت بىلىپ، ۋيېتنامدىكى رەھبىرىي يولداشلار بىلەن جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدىكى ئومۇمىي خاراكتېرلىك، ئىستراتېگىيە خاراكتېرلىك، يۆنىلىش خاراكتېرلىك مەسىلىلەر ھەم ئورتاق كۆڭۈل بۆلىدىغان خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرى توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ۋيېتنام تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈشنى ئۈمىد قىلىمەن.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ يى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، گۇڭئەن مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىق ھەمراھ بولۇپ بارغان خادىملار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ باردى.
جۇڭگونىڭ ۋيېتنامدا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى خې ۋېيمۇ ئايروپورتقا بېرىپ كۈتۈۋالدى.
شى جىنپىڭ ئاپتوموبىل بىلەن ئايروپورتتىن ئۆزى چۈشكەن مېھمانسارايغا بېرىش يولىدا، جۇڭگو ـ ۋيېتنام ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت بايراقلىرى شامالدا جەۋلان قىلىپ تۇراتتى، «جۇڭگو ـ ۋيېتنام دوستلۇقى مەڭگۈ ياشناپ تۇرىدۇ»، «تاغ ـ دەريالىرى تۇتاش، تەقدىرداش»، «جۇڭگو بىلەن ۋيېتنامنىڭ دوستلۇق رىشتى چوڭقۇر، يولداش ھەم قېرىنداش» قاتارلىق قىزىل لوزۇنكىلار كۆزنى قاماشتۇراتتى. شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى ۋە جۇڭگو مەبلىغىدىكى ئاپپاراتلار، جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى يولنىڭ ئىككى تەرىپىگە يىغىلىپ، شى جىنپىڭنىڭ زىيارەتكە كەلگەنلىكىنى قىزغىن قارشى ئالدى.