
خەلق تورى، شاڭخەي، 4-ئاينىڭ 15-كۈنى تېلېگراممىسى (مۇخبىر تاڭ شياۋلى) شاڭخەي، باشتىن-ئاخىر دۇنيا بىلەن سۆزلىشىپ كېلىۋاتقان شەرقتىكى بۇ مەرۋايىت يەنە بىر قېتىم شەھەر ئۇپۇق سىزىقىنىڭ پارلاق يۈكسىلىشىنى كۈتۈۋالدى. شاڭخەينىڭ يېڭى يەر بەلگىسى − خۇڭكوۋ شىمالىي ۋەيتەنگە جايلاشقان شاڭخەي بەييۈلەن مەيدانىنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى بەييۈلەن مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سىرتقا رەسمىي ئېچىۋېتىلدى. شەھەر ئاھالىلىرى، ساياھەتچىلەر ئېگىزلىكى 320 مېتىر كېلىدىغان ئۈستى ئوچۇق ئۆگزىگە چىقىپ، شاڭخەينىڭ ئۆزگىچە ئۇپۇق سىزىقىنى 360 گىرادۇس ئايلىنىپ كۆرەلەيدۇ.
شاڭخەي بەييۈلەن مەيدانى خۇاڭپۇجياڭ دەرياسى بىلەن سۇجوۋ دەرياسى كېسىشكەن «دەۋر كوردىناتى»غا جايلاشقان، ئۇنىڭ ئەڭ ئۈستۈنكى قەۋىتىدىكى مەنزىرە كۆرۈش سۇپىسى ئۆزگىچە كۆرۈش بۇلۇڭى ئارقىلىق شاڭخەينىڭ 100 يىللىق مەدەنىيەت تومۇرىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. بۇ يەردە ۋەيتەندىكى دۆلەتلەر ئىمارەت توپىنىڭ تارىخىي ئىزنالىرىنى، لۇجيازۈيدىكى ئاسمان-پەلەك ئورمانلىقنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى، شىمالىي ۋەيتەننىڭ ۋېيلەي يەرشارى مېھمانخانىسىنىڭ قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن مەنزىرىسىنى كۆرگىلى بولىدۇ. شاڭخەينىڭ ئۆتمۈشى، بۈگۈنى، كەلگۈسى مۇشۇ يەردە گىرەلىشىپ، بىر مەيدان 100 يىلدىن ھالقىغان مەدەنىيلىك دىيالوگىنى بەرپا قىلغان.






