تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەقدىرلەندى!

    يېقىندا، ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى «2024-يىللىق ئېكولوگىيە-مۇھىتنى قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ مانىۋېرىدا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان كوللېكتىپ ۋە شەخسلەرنى تەقدىرلەش توغرىسىدىكى ھۆججەت»نى بېسىپ تارقاتتى، شىنجاڭ(بىڭتۇەننى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىكى كۆپلىگەن ئورۇن ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ تەقدىرلەندى. 

    4-ئاينىڭ 9-كۈنى، مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ئېكولوگىيە-مۇھىت مىنىستىرلىقى ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك 11 كوللېكتىپ ۋە كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلىگەن ئۆلكە دەرىجىلىك ئالتە كوللېكتىپ، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان شەھەر دەرىجىلىك 45 كوللېكتىپ، ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ناھىيە دەرىجىلىك 74 كوللېكتىپ ۋە ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان 213 شەخسنى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ تەقدىرلىگەن. 

    بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايونلۇق ئېكولوگىيەلىك مۇھىت-نازارىتى 2024-يىللىق مەملىكەتلىك ئېكولوگىيە-مۇھىتنى قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ مانىۋېرىدا ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ئۆلكە دەرىجىلىك كوللېكتىپ دىگەن نامغا ئېرىشتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە-مۇھىت ئىدارىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيە-مۇھىت ئىدارىسىدىن ئىبارەت ئىككى ئورۇن ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان شەھەر دەرىجىلىك كوللېكتىپ دىگەن نامغا ئېرىشتى. ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئېكولوگىيە-مۇھىت ئىدارىسى مىدۇڭ رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى، قاراماي شەھەرلىك ئېكولوگىيە-مۇھىت ئىدارىسى جەرەنبۇلاق رايونلۇق شۆبە ئىدارىسى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە-مۇھىت ئىدارىسى سانجى شەھەرلىك شۆبە ئىدارىسى ۋە شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 3-شى ئېكولوگىيە-مۇھىت قوغداش بويىچە ئۇنىۋېرسال مەمۇرىي قانۇن ئىجرا قىلىش تارماق ئەترىتىدىن ئىبارەت تۆت ئورۇن ئىپادىسى گەۋدىلىك بولغان ناھىيە دەرىجىلىك  كوللېكتىپ دىگەن نامغا ئېرىشتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق ئېكولوگىيە-مۇھىت ئىدارىسىدىكى ما كەيرۇي قاتارلىق ئون شەخس ئىپادىسى گەۋدىلىك شەخس بولۇپ باھالاندى. 

    ئىگىلىنىشىچە، 2024-يىلى، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر دەرىجىلىك ئېكولوگىيە-مۇھىت تارماقلىرى دىققەتنى «ئاتموسفېرانى قوغداشقا دائىر نازارەت قىلىش ۋە يار-يۆلەك بولۇش، نۇقتىلىق مەخسۇس ھەرىكەت، پەن-تېخنىكا ۋاسىتىلىرىنى ئەمەلىي قوللىنىش، قانۇن ئىجرا قىلىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش، قوشۇن ئىقتىدار قۇرۇلۇشى»دىن ئىبارەت بەش جەھەتكە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئېكولوگىيە-مۇھىتنى قوغداش بويىچە قانۇن ئىجرا قىلىش چوڭ مانىۋېرى پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرغان، جەمئىي 20 مىڭدىن ئارتۇق قانۇن ئىجرا قىلغۇچى خادىمنى 13 نۆۋەت نەق مەيداندا نازارەت قىلىش ۋە يار-يۆلەك بولۇش، 16 نۆۋەت يىراق مۇساپىلىك نازارەت قىلىش ۋە يار-يۆلەك بولۇش ھەم ئىككى نۆۋەت كۆچمە خەۋەرلىشىش مەنبەسى بويىچە مەخسۇس نازارەت قىلىش ۋە يار-يۆلەك بولۇشقا تاللاپ ئەۋەتىپ، 88 مىڭدىن ئارتۇق مۇھىت مەسىلىسىنى بايقىغان ھەم ھەل قىلىشقا تۈرتكە بولغان، ئېغىر تىپتىكى دىزېل يېقىلغۇلۇق يۈك ئاپتوموبىللىرىنىڭ قانۇنغا خىلاپ بۇلغىما چىقىرىش مەسىلىسىدىن 30 مىڭدىن كۆپرەكنى تۈزەتكەن.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.