يېقىندا، شىنجاڭ ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى كۈنەس ناھىيەسىدىكى نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسى مەنزىرە رايونى باھار تۈسىگە كىردى، يەردىكى چىملار يېشىل رەڭ ئېلىپ، ياۋا ئۆرۈك دەرەخلىرىنىڭ بەزىلىرى غۇنچە چېچەككە، بەزىلىرى غۇچچىدە چېچەككە تولۇپ، «يېرىمى يېشىل، يېرىمى قىزىل» باش باھار مەنزىرىسى ھاسىل بولغانىدى. ساياھەتچىلەر مەنزىرە رايونىنى سەيلە قىلىپ، چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدىدىن مەستخۇش بولدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كۈنەس ناھىيەسى نارات ئۆرۈك چېچىكى جىلغىسىنى يادرو قىلىپ، ئەتىياز پەسىللىك ساياھەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، «چوڭ نارات» رايون ساياھىتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، «گۈل-چېچەك ئىقتىسادى»نى يېتىشتۈرۈشنى ئىلى دەرياسى ۋادىسىنىڭ ئەتىياز پەسىللىك ساياھەتچىلىكىدىكى «ئالتۇن خەتلىك ۋىۋىسكا»غا ئايلاندۇردى.





ئاپتور: جاڭ ۋېنتىڭ، ساۋ شياۋجۈەن، فېڭ مېڭياۋ
ئاپتورنىڭ خىزمەت ئورنى: كۈنەس ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزى