تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ «تولۇقلىما»دىن بەھرىمەن بولدى! چوڭ پوچتا يوللانمىسى پوچتا ھەققى ئېلىنماي ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈلىدىغان بولدى!

    4-ئاينىڭ 7-كۈنىدىن 11-كۈنىگىچە، تيەنماۋ تورى «ئەتىياز پەسىللىك ئائىلە بېزەكچىلىكى بايرىمى» پائالىيىتىنى باشلىدى، بۇنىڭغا دۆلەتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى قوشۇلۇپ، شىنجاڭدىكى ئىستېمالچىلار كۆپ خىل ئېتىبارلاردىن بەھرىمەن بولالايدىغان بولدى. پائالىيەت مەزگىلىدە، داڭلىق ماركىلار ئورگان تەرەپتىن %15 ئېتىبار قىلىدۇ، دۇكان ھالقىغان سودىدا 200 يۈەن ئۆلچەمگە توشسا 30 يۈەن كېمەيتىلىدۇ، سۇپا مال تۈرى بويىچە %10لىك  ئېتىبار بېلەت تارقىتىدۇ. داڭلىق ماركىلارنىڭ ئالاقىدار ياردەم پۇلى ئۈستىلەپ قوشۇلغان ئاساستا، يەنە دۆلەتنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىدىن ئەڭ يۇقىرى بولغاندا %20 بەھرىمەن بولغىلى بولىدۇ، ياردەم پۇلنى قوشقاندىن كېيىن ئەڭ كۆپ ئېتىبار %50كە يېتىدۇ. 

 تاۋباۋ  تورى تەمىنلىگەن سۈرەت. 

    بۇ قېتىمقى پائالىيەت دۆلەت كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش بويىچە يولغا قويغان 15 چوڭ تۈرنى قاپلىغان بولۇپ، توڭلاتقۇ، كىرئالغۇ، تېلېۋىزور، ھاۋا تەڭشىگۈچ، مۇنچا، گاز ئوچاق، بۇستارتقۇ، مىكرو دولقۇنلۇق ئوچاق، توك قازان، سۇ تازىلىغۇچ، قاچا يۇيۇش ماشىنىسى ھەم يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر، كومپيۇتېر، ئەقلىي ئىقتىدارلىق قول سائەت-بىلەيزۈكنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ھەربىر كىشى ئەڭ كۆپ بولغاندا %20 ياردەم پۇلدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. 

     ياردەم پۇل سىياسىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شەخس ئىستېمالچىلار 1-دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا، مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسىنىڭ %20ى بويىچە ياردەم پۇلدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، 2-دەرىجىلىك ئېنېرگىيە ئۈنۈمى ياكى سۇ ئۈنۈمى ئۆلچىمىدىكى مەھسۇلاتلارنى سېتىۋالسا %15 ياردەم پۇلدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، 3C يان تېلېفون، رەقەملىك مەھسۇلاتلار تۈرىدىكى ياردەم پۇلدىن %15 بەھرىمەن بولالايدۇ. 

    شىنجاڭدىكى ئىستىمالچىلار «يۈنشەنفۇ» APPسىغا كىرىپ، «ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىنىڭ ئېتىبار بېرىش ياردەم پۇلى»نى چېكىپ، كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى ۋە يېڭىنى سېتىۋېلىش سالاھىيىتىگە ئېرىشەلەيدۇ؛ «تاۋباۋ» تورى APPسىغا كىرىپ، «دۆلەت ياردەم پۇلى»نى تېپىپ، دۆلەت ياردەم پۇلى مەخسۇس ئېتىبار بېتىگە بىۋاسىتە كىرىپ، تيەنماۋ تورىنىڭ «ئەتىياز پەسىللىك ئائىلە بېزەكچىلىكى بايرىمى» پائالىيىتىگە قاتنىشىپ، قوش ياردەم پۇلدىن بەھرىمەن بولالايدۇ، چوڭ پوچتا يوللانمىسىدىن پوچتا ھەققى ئېلىنماي ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈپ بېرىلىدۇ.

«شىنجاڭ گېزىتى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.