
قىپقىزىل گىلاسلار شاخلىرىغا پاتماي قالدى (4-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا تورى ليۇ يۈن فوتوسى

ساياھەتچى گىلاسلىق باغدا سۈرەتكە چۈشۈپ داكا قىلماقتا (4-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا تورى ليۇ يۈن فوتوسى

قىزىرىپ پىشقان گىلاسلار (4-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا تورى تارقاتقان (سۇڭ رۈيچېڭ فوتوسى)
ھازىر دەل گىلاس پىشىدىغان پەسىل، يۈننەن ئۆلكىسىنىڭ كۇنمىڭ شەھىرى فۇمىن ناھىيەسىدىكى گىلاسلار ئۈزۈش پەسلىنى كۈتۈۋالدى، قىپقىزىل گىلاسلار خۇددى قىزىل ھېقىقتەك شاخلىرىغا ئېسىلىپ تۇرغان بولۇپ، ناھايىتى چىرايلىق كۆرۈنەتتى.
رەسسام گىلاسلىق باغدا (4-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى ليۇ يۈن فوتوسى

گىلاسلار ئارقا-ئارقىدىن پىشتى (4-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى ليۇ يۈن فوتوسى

مول ھوسۇل شادلىقى (4-ئاينىڭ 8-كۈنى تارتىلغان). شىنخۇا ئاگېنتلىقى ليۇ يۈن فوتوسى
بۇنىڭ ئىچىدە، فۇمىن ناھىيەسىنىڭ چىجيۇ بازىرى يىراق-يېقىنغا داڭلىق «گىلاس ماكانى» بولۇپ، پۈتۈن بازار بويىچە گىلاس ئۆستۈرۈش كۆلىمى 4500 موغا يېتىدۇ، يىللىق ھوسۇلى 1500 توننىدىن ئاشىدۇ، ئۇ، كۇنمىڭ شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپىدىكى ئەڭ چوڭ گىلاس مەركەزلىك ئۆستۈرۈش رايونلىرىنىڭ بىرى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل، چىجيۇ بازىرىدىكى گىلاسلار چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدىن باشلاپ ئارقا-ئارقىدىن پىشىشقا باشلىغان، كۆپ مىقداردا ئۈزۈپ بازارغا سېلىش ۋاقتى 4-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بولۇپ، «1-ماي» قىسقا دەم ئېلىش مەزگىلىگىچە سىجىل ئۈزۈلىدىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فۇمىن ناھىيەسى يەنە 500 مودىن ئارتۇق يەردە «چوڭ گىلاس» ئۆستۈرۈشنى كېڭەيتكەن بولۇپ، 5-ئاينىڭ بېشىدا بازارغا سېلىشنى مۆلچەرلىدى، بۇنىڭ بىلەن شەھەر ئاھالىلىرىنى يېڭى گىلاس بىلەن تەمىنلەش ۋاقتىنى ئۇزارتقىلى بولىدۇ. (ليۇ يۈن فەن فاڭيۈ)
«شىنخۇا تورى» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى