4-ئاينىڭ 3-كۈنى، دۆربىلجىن ناھىيەسىنىڭ قوشبېك ئۇرۇقچىلىق مەيدانى قوشبېك كەنتىدىكى ئېتىزلىقتا، كەنت ئاھالىلىرى بۇغداي ئۇرۇقى ۋە ئوغۇتنى سېيالكىغا سالدى، گۈرۈلدىگەن ئاۋاز بىلەن تەڭ سېيالكا ئۇياقتىن-بۇياققا ئۆتۈپ، تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىشنى باشلىدى. بۇ يىل، دۆربىلجىن ناھىيەسى 50 مىڭ مو يەرگە يازغى بۇغداي تېرىشنى پىلانلىدى، 4-ئاينىڭ ئاخىرىغىچە تېرىپ بولۇش مۆلچەرلەندى.
(دۆربىلجىن ناھىيەلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇخبىرلىرى خې شيۇجۇەن، ۋاڭ ياۋۋېي)
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى