يېقىندا، شىنجاڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسىدا «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميېنى» يېڭى ئەندىزىسىنى يولغا قويدى، سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميېنى»نى قوزغاتقاندىن كېيىن، شەخسىي ھېسابات قالدۇق سوممىسىنى ھەر ۋاقىت جورىسى، ئاتا-ئانىسى، پەرزەنتلىرى قاتارلىق يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميېنى»غا يۆتكىسە بولىدۇ، مەبلەغنى ئۆلكە ئاتلاپ داۋالىنىش، دورا سېتىۋېلىش، ئاھالىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەققىنى تاپشۇرۇش قاتارلىق ئىشلارغا ئىشلەتكىلى بولىدۇ، ھېسابات يۆتكىگەندە رەسمىيەت ھەققى ئېلىنمايدۇ، سۇغۇرتا تۈرىنىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدۇ، ئىشچى - خىزمەتچىلەر داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھېساباتى بىلەن ئاھالىلەرنىڭ داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھېساباتى ئارىسىدا ئەركىن يۆتكەپ ئىشلىتىشكە بولىدۇ. لېكىن «داۋالىنىش سۇغۇرتىسى ھەميېنى»نى قانداق ئېچىپ ئىشلىتىش كېرەك؟ سىزگە بىر- بىرلەپ ئۆگىتىپ قويىمىز، تېز كېلىپ كۆرۈڭ!
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى