سۇ چېچىكىنىڭ يۇقۇشچانلىقى ئىنتايىن كۈچلۈك، «ئۇچراشقان ھامان يۇقىدۇ» دەپ قارىلىدۇ، ئاسان يۇقۇملىنىدىغان كىشىلەر ئاغرىقلار بىلەن ئۇچراشسا، تەخمىنەن %90ى يۇقۇملىنىدۇ. يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ساغلاملىق ئەسكەرتمىسى ئېلان قىلدى: ھاۋالىلىك بېقىش ئاپپاراتلىرى، مەكتەپ قاتارلىق كىشىلەر توپلاشقان مائارىپ ئاپپاراتلىرى ئالدىنى ئېلىش ئېڭىنى ئۆستۈرۈش، ئالدىنى ئېلىش-مۇداپىئەلىنىش تەدبىرلىرىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە دىققەت قىلىشى كېرەك.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، سۇ چېچىكى چىققاندىن كېيىن، قىسمەن ئاغرىقلاردا كېسەللىك كۆرۈلگەن دەسلەپكى مەزگىلدە قىزىش، باش ئاغرىش، يۇتقۇنچاق ئاغرىش، يۆتىلىش قاتارلىق يۇقىرى نەپەس يولىدىكى بەزى يۇقۇملىنىش ئالامەتلىرى كۆرۈلىدىكەن، ئارقىدىن بەدىنى ۋە باش قىسمىدا ئەسۋە پەيدا بولۇپ، ئاخىرىدا تەرەققىي قىلىپ سۇ قاپارتمىسى، يىرىڭلىق قاپارتمىغا ئايلىنىدىكەن ھەم كۆرۈنەرلىك قىچىشىش ئالامىتى كۆرۈلىدىكەن.
ئاپتونوم رايونلۇق كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش مەركىزى ئىممۇنىتېتلاش-پىلانلاش ئورنىنىڭ مۇدىر ۋىراچى مەخمۇتجان قۇربان مۇنداق ئەسكەرتتى: ھازىر دەل سۇ چېچىكى تارقىلىدىغان پەسىل، مەكتەپ تەۋە رايوندىكى كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش ئاپپاراتلىرى ياكى مەھەللە سەھىيە مۇلازىمەت مەركەز(يېزىلىق دوختۇرخانا)لىرى مەكتەپلەرگە قارىتا نازارەتچىلىك ۋە يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، تۈرلۈك ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە ھەيدەكچىلىك قىلىشى كېرەك.
مەكتەپ قاتارلىق مائارىپ ئاپپاراتلىرى ساغلاملىقنى كۆزىتىپ ئۆلچەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئەتىگەنلىك، چۈشلۈك، كەچلىك تەكشۈرۈش ۋە كېسەل سەۋەبىدىن مەكتەپكە كەلمەسلىك خاتىرىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، مەكتەپلەر ساغلاملىق تەربىيەسى تەشۋىقات خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، سۇ چېچىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش بىلىملىرىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، ئوقۇغۇچىلار ھەم ئوقۇتقۇچى، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنى ياخشى تازىلىق ئادىتى يېتىلدۈرۈشكە تەربىيەلىشى ۋە يېتەكلىشى كېرەك.
مەكتەپ ئىچىدە سۇ چېچىكى كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار بايقالغان ھامان، مەكتەپ ئىچىدە ياكى سىنىپلار ئارا بىز مەزگىل كوللېكتىپ پائالىيەتكە تەشكىللىمەسلىك ھەمدە كېسەللىك كۆرۈلگەن بارلىق سىنىپ ۋە ياتاقلارنى بىر قېتىم ئۈزۈل-كېسىل دېزىنفېكسىيە قىلىش كېرەك، قويۇقلۇقى 1000 مىللىگىرام\لېتىرلىق خلورلۇق دېزىنفېكسىيە دورىسى ئىشلىتىپ، سىنىپ، ياتاق قاتارلىق جايلاردىكى پارتا-ئۈستەللەرنىڭ يۈزى، ئىشىك تۇتقۇچى، دېرىزە تەكچىسى قاتارلىق كۆپ ئۇچرىشىدىغان نەرسىلەرنىڭ يۈزىنى دېزىنفېكسىيەلەش سۇيۇقلۇقى بىلەن سۈرتۈش كېرەك. يەنە ھەر كۈنى دېگۈدەك دېزىنفېكسىيەلەپ، دېزىنفېكسىيەلەش خاتىرىسى قالدۇرۇش كېرەك.
«تىيانشان تورى»دىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى