تۆت پەسىل ئالمىشىپ، ئۈرۈمچىگە باھار جىممىدە يېتىپ كەلدى. كەچكى قۇياش غەربكە پېتىپ، ئاسماندا گۈزەل كەچكى شەپەق جۇلالىنىپ، خۇددى كىمخاب توندەك ئەتراپقا يېيىلدى، پۈتۈن شەھەر قىزغۇچ ئالتۇن رەڭگە كىردى. يىراقتىكى بوغدا چوققىسى شەپەق نۇرىغا چۆمۈلۈپ، قىزىل ئالتۇندىن ھەل بەرگەندەك تۈسكە كىرىپ، شەھەر ئۇپۇق سىزىقىدىكى زامانىۋى ئىمارەتلەر بىلەن بىر-بىرىگە ھۆسىن قوشۇپ تۇراتتى. تۆت پەسىل نۆۋەت بىلەن ئالمىشىپ تۇرسىمۇ، تىيانشان تېغى بىلەن پۈتۈن شەھەر باشتىن-ئاخىر شەپەق نۇرى ئارقىلىق ئايرىلىپ، بىر-بىرىگە نەزەر سېلىپ، خۇددى زامان-ماكان ھالقىغان مەڭگۈلۈك مېھىر-مۇھەببەتتەك، بىر-بىرىنى قوغداپ كەلمەكتە.
«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى