جاھاندىكى ئەڭ گۈزەل ۋاقىت 4 - ئاي دەل باھار پەيتى بولۇپ
باھار شامىلى يەڭگىل سىيپاپ ئۆتكەندە
گۈل-چېچەكلەرنىڭ خۇش ھىدىنى تارقىتىدۇ
ساياھەتچىلەر پورەكلەپ ئېچىلغان گۈل-چېچەكلەر ئارىسىدا تاماشا قىلغاچ
باھار شادلىقىغا چۆمىدۇ
باھاردىكى رەڭ تەڭشەش تەخسىسى قانچىلىك گۈزەل؟
بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى ↓

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، بېيجىڭ شەھىرى بېيخەي باغچىسى باھار تۈسىگە چۆمدى. خەلق تورى مۇخبىرى ۋېڭ چىيۈ فوتوسى

4-ئاينىڭ 5-كۈنى، سەنشى تەييۈەندىكى يىڭزې رايونى 1-ماي مەيدانى ئەتراپىدا، تاشئالمىلار كېچە جىمجىتلىقىغا جور بولۇپ چېچەكلىدى. خەلق تورى مۇخبىرى ۋاڭ فەن فوتوسى

3-ئاينىڭ 26-كۈنى، ۋۇخەن داشۆدە، پورەكلەپ ئېچىلغان يىڭخۇا گۈللىرى بىلەن مەكتەپ ئىچىدىكى قەدىمىي ئىمارەتلەر بىر-بىرىگە ھۆسن قوشقانىدى. خەلق تورى مۇخبىرى جوۋ ۋېن فوتوسى

3-ئاينىڭ 26-كۈنى، جېجياڭ شاۋشىڭدىكى كېچياۋ رايونى گۇاجۇخۇ كۆلى بويىدىكى يىڭخۇا گۈللىرى كەڭ كۆلەمدە پورەكلەپ ئېچىلدى. خەلق تورى جاڭ يۇڭتاۋ فوتوسى

3-ئاينىڭ 24-كۈنى، گۇيجوۋ چيەننەن ئوبلاستىنىڭ گۇيدىڭ ناھىيەسىدىكى «جىنخەي قارلىق تېغى» مەنزىرە رايونىدىكى 1500 مودىن ئارتۇق يەردىكى قىچا گۈللىرى بەس-بەستە ئېچىلدى. خەلق تورى مۇخبىرى تۇ مىن فوتوسى

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، خېيلۇڭجياڭ خاربىندىكى شەرقىي شىمال يېزا ئىگىلىك داشۆسى قورۇسىدا، بىڭلىڭ گۈلى چىملىق ۋە گۈللۈكلەردە پورەكلەپ ئېچىلدى. خەلق تورى مۇخبىرى سۇ جىڭگاڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 22-كۈنى، خەينەننىڭ خەيكۇ ۋۇجىشەن يولىدىكى بومباكس گۈلى بەس-بەستە ئېچىلدى. خەلق تورى مۇخبىرى فۇ ۋۇپىڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 18-كۈنى، جياڭشى شاڭراۋنىڭ يۈگەن ناھىيەسى سەنتاڭ يېزىسى شېنبۇ كەنتىدىكى ئالتۇن رەڭلىك قىچا ئېتىزى خۇددى يېڭى چىققان ئايغا ئوخشاپ قالدى. خەلق تورىدىن جۇ خەيپېڭ فوتوسى

3-ئاينىڭ 29-كۈنى، شاڭخەي شەھىرى گۇسۈن باغچىسىدا يىڭخۇا گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلىپ، باھار تۈسىگە كىردى. خەلق تورى مۇخبىرى ۋاڭ چۇ فوتوسى

4-ئاينىڭ 2-كۈنى، خېنەن لوياڭدىكى ۋاڭچېڭ باغچىسىدا مودەنگۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى. خەلق تورى مۇخبىرى ۋاڭ يۈشىڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 1-كۈنى، خېبېي شيۇڭئەننىڭ ھەممە يېرى باھار تۈسىگە تولدى. خەلق تورى مۇخبىرى لى جاۋمىن فوتوسى

3-ئاينىڭ 26-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى جىڭجوۋ شەھىرى جىڭجوۋ رايونىنىڭ بالىڭشەن بازىرى چيەنشەن ئورمان گۈزەل سەنئەت باغچىسىدا يىڭخۇا گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى. خەلق تورى مۇخبىرى ۋاڭ گوجى فوتوسى

4-ئاينىڭ 3-كۈنى، يۈننەن كۇنمىڭدىكى دالا باغچىسىدا گۈللەر پورەكلەپ ئېچىلدى. خەلق تورى مۇخبىرى جۇاڭ جىبىن فوتوسى

4-ئاينىڭ 5-كۈنى، شەنشى ئۆلكىسى شىئەن شەھىرىدىكى چىن شىخۇاڭ قەبرىسى مۇزېيىدا مېيخۇا گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلدى. خەلق تورى مۇخبىرى سۈن تىڭ فوتوسى

4-ئاينىڭ 2-كۈنى، تيەنجىن شەھىرى بىنخەي يېڭى رايونى 2-چوڭ كوچىسى تەيدا شەھەر باغچىسىدا يىڭخۇا گۈللىرى پورەكلەپ ئېچىلغان بولۇپ، شەھەر ئاھالىلىرى يىڭخۇا دەرىخى ئاستىدا ئارام ئېلىپ، سەيلە قىلماقتا. خەلق تورى مۇخبىرى سۈن يىفەن فوتوسى