شىنجاڭ گېزىتى، كۇچا، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، 2025 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى كېڭەيتىش، ئالغا سىلجىتىش پائالىيىتى كۇچا شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل ئاپتونوم رايونىمىز يېڭى ماھىيەتلىك مەزمۇن قوشۇش، يېڭى لىنىيە بەرپا قىلىش، يېڭى كەسىپ ھالىتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، يېڭى ئاساسىي گەۋدىلەرنى يېتىلدۈرۈش، يېڭى بازىلاردىن ياخشى پايدىلىنىشتىن ئىبارەت بەش جەھەتتىن قول سېلىپ، ساياھەت ئارقىلىق ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتىگە تۈرتكە بولىدىكەن.
بۇ يىل، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ. ئامما قاتنىشىش، ساياھەتچىلەر ھېس قىلىش، بازار ھەمكارلىقىنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، يېڭىچە ساياھەت تەرەققىيات كەسىپ ھالىتى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىدۇ. ئويۇن قويۇش، مەدەنىيەت مىراسلىرى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى، خاسلىققا ئىگە بايرام، كۆرگەزمىلەر بىلەن «يېمەك - ئىچمەك، قونالغۇ، قاتناش، ساياھەت، مال سېتىۋېلىش، كۆڭۈل ئېچىش»نى ئۆز ئىچىگە ئالغان مەدەنىيەت - تەنتەربىيە - سودا - ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسىنىڭ يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ. ساياھەت شەھىرى، مەنزىرە رايونى، يېزا - كەنت قاتارلىق ئوخشاش بولمىغان قاتلاملاردا، ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە بىر تۈركۈم ئۈلگە كۆرسىتىش نۇقتىلىرىنى بەرپا قىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭنى ساياھەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى. 2024 - يىلى، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى كەسىپ توپى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، پۈتۈن بىر يىلدا كۈتۈۋېلىنغان ساياھەتچى 300 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئاشتى، ساياھەتچىلەرنىڭ ئىستېمال خىراجىتى 350 مىليارد يۈەندىن ئاشتى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى يېڭىدىن گۈللەنگەن ئىستراتېگىيەلىك تۈۋرۈك كەسىپ ۋە روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە خەلق تۇرمۇشى كەسپى، بەخت كەسپىگە ئايلىنىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم ۋاسىتە بولۇپ قالدى.
2024 - يىلى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى، مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلار ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە 1 ئىجادىي تەرەققىي قىلىش مىسالى، ئون تىپىك مىسال، 15 ئۈلگە كۆرسىتىش مەنزىرە رايونى، 20 خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيەت - ساياھەت ئالدىن تاللاش نۇقتىسى تىزىملىكىنى ئوتتۇرىغا چىقاردى.
پائالىيەتتە، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ساياھەت ئارقىلىق ئارىلىشىش، ئالماشتۇرۇش، يۇغۇرۇلۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش خىزمىتى تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇردى؛ كۇچا شەھىرى كۈسەن تار كوچىسى، قەشقەر قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونى، خوتەن ناھىيەسى يوتقان قەدىمىي شەھىرى قاتارلىق مەنزىرە رايونلىرى مىساللارنى ھەمبەھرىلىدى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىگە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەر نەق مەيداندا يېتەكچىلىك قىلدى.
پائالىيەت نەق مەيدانىدا يەنە 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئىجادىي تەرەققىي قىلىش مىسالى، تىپىك مىساللار، ئۈلگە كۆرسىتىش مەنزىرە رايونى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيەت - ساياھەت ئالدىن تاللاش نۇقتىلىرى ئېلان قىلىندى ھەم ئۇلارغا ۋىۋىسكا بېرىلدى.
«كېيىنكى قەدەمدە دۇنياۋى ساياھەت مەنزىلگاھى قۇرۇش نىشانى، ئورۇن بېكىتمىسىنى كۆزلەپ، ئىلى ئوبلاستىنىڭ تارىخ - مەدەنىيەت بايلىقىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە رەتلەپ، ئېسىل ساياھەت لىنىيەلىرىنى ئېچىپ، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپىنى خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان كەسىپ، خەلقنى بېيىتىش كەسپىگە ئايلاندۇرىمىز» دېدى ئىلى ئوبلاستلىق مەدەنىيەت - رادىيو - تېلېۋىزىيە ۋە ساياھەت ئىدارىسىنىڭ ئىدارە باشلىقى جانار ئاقان.
خوتەن يوتقان قەدىمىي شەھىرى مەنزىرە رايونىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى ياڭ فەن مۇنداق تونۇشتۇردى: مەنزىرە رايونىمىز شىنجاڭ بويىچە تۇنجى پۈتۈن مەنزىرە رايونىدا مېڭىش شەكلىدىكى سېزىمچانلىققا ئىگە ئويۇن «بارچە مىللەت چالدى ساز، يۈتيەنمۇ بار بۇ نەغمىدە»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جاڭ چيەن، بەن چاۋ، شۈەن زاڭ، فا شيەن قاتارلىق شەخسلەرنىڭ ھېكايىسىنى سەھنىگە ئېلىپ چىقىپ ساياھەتچىلەرنىڭ قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى، «بىز ساياھەت كەسىپ ھالىتىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈش ئارقىلىق سەرخىل تەتقىقات - ئۆگىنىش دەرسلىرىنى بارلىققا كەلتۈرۈپ، قالتىس ئويۇنلارنى قويۇش، چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلدۇرۇش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنى خوتەنگە كېلىشكە، خوتەننىڭ مەدەنىيىتى ۋە تارىخىنى چۈشىنىشكە جەلپ قىلىمىز».
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى بىرلىك سەپ بۆلۈمى، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت - ساياھەت نازارىتى، مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتى، تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى قاتارلىق تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى ھەم 2024 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ساياھەت ئارقىلىق ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش بويىچە ئىجادىي تەرەققىي قىلىش مىسالى، تىپىك مىساللار، ئۈلگە كۆرسىتىش مەنزىرە رايونلىرى، خەلق ئۆرپ - ئادىتى مەدەنىيەت - ساياھەت ئالدىن تاللاش نۇقتىلىرى بولۇش شەرىپىگە ئېرىشكەن ئورۇنلارنىڭ ۋەكىللىرى يىغىنغا قاتناشتى. يىغىنغا قاتناشقۇچىلار يەنە كۈسەن تار كوچىسى، تارىخ - مەدەنىيەت داڭلىق شەھىرى كۆرگەزمە مەركىزى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىپ، كۇچانىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسىنى ھېس قىلدى.