شىنجاڭلىق پۇتبولچى قىز:
سول پۇتۇمدا پۇتبولچىلار ئايىغى، ئوڭ پۇتۇمدا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ جىڭجىڭ
3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ئۈرۈمچى ئولىمپىك تەنتەربىيە مەركىزىنىڭ ئۇنىۋېرسال تەنتەربىيە سارىيىدا، 2025 - يىللىق «ئاسىيا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى ئاياللار پۇتبول كۈنى» قىزلار پۇتبول بايرىمىلىق «ئانار گۈلى . ئارزۇغا ئىنتىلگۈچى قىزلار» ئۈرۈمچى 2 - نۆۋەتلىك ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىسى قىزغىن ئۆتكۈزۈلۈۋاتاتتى، شىئەندىن مەخسۇس شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ مۇسابىقىگە قاتناشقان زۇلپىنۇر تۇرغۇنجان مۇسابىقە ئاخىرلاشقىچە مەيداندىن چۈشمىدى، «بۈگۈن جازا نۇقتا توپ تېپىشتىن قورقىدىغان پىسخىكىلىق كۆلەڭگىنى يەڭدىم، ناھايىتى پۇخادىن چىقتىم!»
23 ياشلىق زۇلپىنۇر شەنشى كىيىم - كېچەك قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، ئۆيى ئاتۇشتا، ئۇ كىچىكىدىن ئاكىسى بىلەن ئىنىسىنىڭ توپ تېپىشىنى كۆرۈپ چوڭ بولغاچقا، ئۆزىمۇ توپ تېپىشنى ياقتۇرۇپ قالغانىدى. ئۇ شىنجاڭ رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا سىنىپىغا كىرگەندىن كېيىن ئاندىن تىرېنېرنىڭ يېتەكچىلىكىدە توپ تېپىشنى مەشىق قىلىشقا باشلىدى. «ئاتا - ئانام ئادەتتىكى دېھقان بولسىمۇ، مېنىڭ توپ تېپىشىمنى ئىنتايىن قوللايدۇ، شۇڭا مەن بۈگۈنگىچە قەتئىي داۋاملاشتۇرالىدىم» دېدى زۇلپىنۇر.
زۇلپىنۇر توپ تېپىشنى ياقتۇرغاچقا، ھەمىشە پۇتبول مەيدانىدىكى ئەڭ ئالاھىدە پۇتبولچى ھېسابلىناتتى. «توپ تېپىدىغانلارنىڭ ھەممىسى ئوغۇللار، مەشىق قىلغاندا ئۆزۈم يالغۇز قىلساممۇ بولىدۇ، بىراق مۇسابىقىگە چۈشۈپ توپ تېپىش ماھارىتىمنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، جەزمەن ئوغۇللار بىلەن كوماندا بولۇپ تەشكىللىنىشىمگە توغرا كېلىدۇ.» ئۇ مۇنداق دېدى: ئوغۇللار بىلەن كوماندا بولۇپ تەشكىللىنىپ توپ تەپكەندىن كېيىن مىجەزىم ئوچۇق - يورۇق بولۇپ كەتتى، شۇنداقلا نۇرغۇن دوستلار بىلەن تونۇشتۇم، «كۆپچىلىك سىردىشىپ تۇرغاندىلا، مۇسابىقىدە ئۇتقىلى بولىدۇ، بۇمۇ پۇتبولنىڭ مېنى جەلپ قىلىشىدىكى سەۋەب».
داليەندە تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئوقۇۋاتقاندا، تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۈن - تىنسىز توپ تېپىۋاتقان زۇلپىنۇر ياخشى دوستى ۋېن شىن بىلەن تونۇشۇپ قالدى. «ئۇنىڭ توپ مەيدانىدا يالغۇز توپ مەشىق قىلىۋاتقانلىقىنى كۆردۈم، مەن ئۆزى يالغۇز توپ تېپىدىغان قىزلارنىڭ مىجەزىنى چۈشەنگەچكە، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۇنىڭ يېنىغا بېرىپ گەپ قىلدىم» دېدى ۋېن شىن. ئۆيى داليەندە بولغان ئوچۇق - يورۇق ۋېن شىن ناتونۇش مۇھىتتا ياتسىراپ قالغان زۇلپىنۇر بىلەن بىرلىكتە توپ تېپىش ماھارىتىگە تايىنىپ مەكتەپ ئوغۇللار پۇتبول كوماندىسىغا كىردى.
2018 - يىلى، داليەن مەكتەپ پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسى باشلاندى، ۋېن شىن بىلەن زۇلپىنۇر ناھايىتى تېزلا پۈتۈشۈپ، قىزلار پۇتبول كوماندىسى تەشكىللەپ مۇسابىقىگە قاتناشماقچى بولدى. «ئىككىمىز ئايرىم - ئايرىم ھالدا ياتىقىمىزدىكى قىزلارنى قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلدۇق، ئاندىن ئۆزئارا خەۋەر قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق 14 قىز ئوقۇغۇچىنى تاپتۇق.» زۇلپىنۇر مۇنداق دېدى: ۋېن شىن ماڭا نۇرغۇن ئىشلارنى ئۆگەتتى، مەسىلەن: ۋاسكېتبول ئوينايدىغان قىزلارنىڭ بەدەن ساپاسى ياخشى، پۇتبول تېپىشنى سىناپ باقسا بولىدۇ؛ مىجەزى ئوخشاش بولمىغان كوماندا ئەزالىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرغاندا لايىقىدا بولۇشقا دىققەت قىلىش كېرەك دېگەندەك. ئاخىرىدا، مەكتەپنىڭ قوللىشى بىلەن، قىزلار ئوڭۇشلۇق ھالدا مۇسابىقىگە قاتناشتۇق.
بۇ مەزگىلدىكى كەچۈرمىشلەر زۇلپىنۇرغا شارائىت يار بەرمىگەن چاغلاردىمۇ شارائىت يارىتىپ توپ تېپىشنى ئۆگەتتى. شەنشى دۆلەت مۇداپىئە سانائىتى كەسپىي تېخنىكا شۆيۈەنىگە كىرىپ ئالىي تېخنىكومدا ئوقۇغاندىن كېيىن، ئۇ شۆيۈەن، فاكۇلتېت پۇتبول كوماندىسىغا كىردى − «شۇنداق، بۇمۇ ئوغۇللار كوماندىسى ئىدى. ئەينى چاغدا مەن ئالتە يىل توپ تەپتىم، توپ تېپىش ماھارىتىم ئوغۇللارنىڭكىدىن قېلىشمايتتى.» ئۇ ئوغۇل كوماندا ئەزالىرىغا قارىغاندا تېخىمۇ تىرىشچان، بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا تېخىمۇ جۈرئەت قىلالايدىغان، پۇتبول كوماندىسىنىڭ خىزمىتىنى قىلىشتا تېخىمۇ قىزغىن بولغاچقا، پۈتۈن كوماندىدىكى بىردىنبىر قىز كوماندا باشلىقى بولۇپ قالدى.
زۇلپىنۇرنىڭ ئالىي تېخنىكومدا ئوقۇۋاتقان چاغدىكى پۇتبول كوماندىسىدىكىلەر بىلەن بىللە چۈشكەن سۈرەتلىرىنى ۋاراقلىغاندا، سۈرەتتىكى بارلىق ئوغۇل كوماندا ئەزالىرى پارقىراق ھال رەڭلىك پۇتبولچىلار كىيىمى كىيگەنىدى. «مەن كوماندا باشلىقى بولغاچقا، كۆپچىلىكنىڭ پىكرىنى ئېلىپ بۇ رەڭنى تاللىدىم، ئويلىمىغان يەردىن ئۇلارنىڭ ھەممىسى قوشۇلدى!» ئۇ كۈلۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: مېنىڭ يېتەكچىلىكىمدە، شۆيۈەن تۇنجى قېتىم مۇسابىقىگە قاتنىشىپ، مەكتەپ بويىچە 2 - لىكنى قولغا كەلتۈردى.
داشۆدىكى مەزگىلدە، زۇلپىنۇر «شاڭدى پيەنئەي تىچيۇ» ناملىق قىسقا سىن سۇپىسىنى تىزىملىتىپ، كۈندىلىك توپ تېپىش ئەھۋالىنى ھەمبەھرىلىدى. بۇنىڭ ئىچىدىكى «سول پۇتۇمدا پۇتبولچىلار ئايىغى، ئوڭ پۇتۇمدا ئېگىز پاشنىلىق ئاياغ» ناملىق بىر سىننىڭ كۆرۈلۈش مىقدارى نەچچە يۈز مىڭ قېتىمغا يەتتى. شۇنىڭ بىلەن مەكتەپداش سىڭلىسى گو شياۋگې ئۇنىڭغا دىققىتىنى ئاغدۇردى، ئىككىسى بىرلىكتە مەكتەپ قىزلار پۇتبول كوماندىسىنى تەشكىللەپ قۇرۇپ، شەنشى ئۆلكىلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پۇتبول بىرلەشمە مۇسابىقىسىگە قاتناشتى.
گو شياۋگېنىڭ نەزەرىدە، مەكتەپداش ئاچىسى شىنجاڭلىقلارغا خاس يېقىملىق تەسىر بېرەتتى. «مەكتەپداش ئاچام دائىم <پۇتبول تەپسىڭىز خۇشال بولىسىز> دەيدۇ، بۇنىڭغا ئۇنىڭ ناھايىتى تەسىرچانلىققا ئىگە تەبەسسۇمى قوشۇلغاچقا، نۇرغۇن قىزلار پۇتبولنى ياقتۇرۇپ قالدى.» كېيىن ئۇ زۇلپىنۇرنىڭ تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ۋاقتىدىلا قىزلار پۇتبول كوماندىسى تەشكىللەپ قۇرغانلىقىنى، بارغانلىكى يېرىدە پۇتبول كوماندىسى تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدى.
2022 - يىلى، زۇلپىنۇر جۇڭگو پۇتبولچىلار جەمئىيىتىنىڭ D دەرىجىلىك تىرېنېرلىق گۇۋاھنامىسىنى ئىمتىھان بېرىپ ئېلىپ، شىئەندىكى مەلۇم پۇتبول كۇلۇبىنىڭ تىرېنېرىغا ئايلاندى. ئۇ قىشلىق، يازلىق تەتىلدە ئاتۇشقا قايتىپ كېلىپ، چىڭشۈن كۇلۇبىدا بالىلارنى توپ تېپىشقا يېتەكلەيدۇ. «ئاتۇشتا پۇتبول مەيدانلىرى بارغانسېرى ياخشى قۇرۇلۇۋاتىدۇ، نۇرغۇن قىزلار باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپلا توپ تېپىدۇ، شەھەردە ۋە ئوبلاستتا يەنە مەخسۇس ئاياللار پۇتبول مۇسابىقىلىرى تەشكىللىنىپ تۇرۇۋاتىدۇ، ھازىرقى دەۋردىكى ئۇلارغا ھەقىقەتەن ھەۋەس قىلىمەن».
ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، زۇلپىنۇر تولۇق كۇرس مەكتىپىگە ئىمتىھان بېرىپ كىردى. بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ قىسقا سىن سۇپىسىدا پۇتبولغا مۇناسىۋەتلىك نەچچە يۈز مەزمۇننى ئېلان قىلىپ، 20 مىڭدىن ئارتۇق مەستانىنى جەلپ قىلدى، ئەتراپىغا پۇتبولنى قىزغىن سۆيىدىغان نۇرغۇن ساۋاقداشلار يىغىلدى، «بۇلتۇر مەكتەپ قىزلار پۇتبول كوماندىسىنى يېتەكلەپ شەنشى ئۆلكىلىك داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى بىرلەشمە مۇسابىقىسىدىكى 24 كوماندا ئىچىدە 5 - لىككە ئېرىشىپ، مەكتەپ تارىخىدىكى ئەڭ ياخشى نەتىجىنى ياراتتۇق».
توپ تېپىدىغان قىزلار تېرىسى ئاپتاپتا كۆيۈپ قارىداپ قېلىش، پۇتى توم بولۇپ قېلىشتىن ساقلىنالمايدۇ، «شۇنداقتىمۇ مەن پۇتبولنى قىزغىن سۆيىمەن. بۇ، قىزىقىشىم بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى جەمئىيەتتە پۇت تىرەپ تۇرۇشتىكى ماھارىتىم − مەن ئىزچىل پۇتبول تېپىشنى داۋاملاشتۇرىمەن» دېدى زۇلپىنۇر.