□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ
«بۇ يىل 2 - ئايدا پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغاندىن بۇيان، ھەر كۈنى شىركىتىمىزگە كېلىپ مالىيە - باج ئىشلىرى ۋە قانۇن كەسپى بويىچە مەسلىھەت سورايدىغان ۋە كېڭىشىدىغان پۇقراۋى كارخانىلار ئالدىنقى مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسىدىن ئارتۇق كۆپەيدى، سۆھبەت جەريانىدا پۇقراۋى كارخانىچىلارنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتقا بولغان تولۇپ تاشقان ئىشەنچىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.» يېقىندا، شىنجاڭ جيۇجياڭ كارخانا مۇلازىمەت گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پۇقراۋى كارخانىلار سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنى چوڭقۇر ئۆگىنىش ئارقىلىق، سۇپا تىپىدىكى كارخانىنى زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىشقا بولغان ئىشەنچىم تېخىمۇ ئاشتى.
لى ۋېينى دەسلەپتە كۆرگەن چاغدا، ماڭا بەرگەن تۇنجى تەسىرى مۇلايىملىقى بولدى. ئەمما ئۇنىڭ ئىلگىرى «قارشىلىشىدىغان ئۆسمۈر» ئىكەنلىكىنى ھېچكىممۇ ئويلاپ يېتەلمەيتتى.
«مەن مەكتەپتىن چېكىنىپ، ئىگىلىك تىكلەيمەن.» 2011 - يىلى تېخى شىنجاڭ مالىيە - ئىقتىساد داشۆسىنىڭ 4 - يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان لى ۋېي ئاتا - ئانىسىنى چۆچۈتۈۋېتىدىغان بىر قارارنى چىقاردى. ئاتا - ئانىسى قاتتىق قارشى تۇرغان بولسىمۇ، بىراق لى ۋېي يەنىلا يولىدىن يانماي ئىگىلىك تىكلەش يولىغا مېڭىپ، كۆزنەك تور بېكىتىدە تىجارەت بىلەن شۇغۇللاندى. بازارنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋە كارخانا باشقۇرۇش تەجرىبىسى كەمچىل بولغاچقا، تەرەپ - تەرەپتىن جۇغلىغان ئىگىلىك تىكلەش مەبلىغى ناھايىتى تېزلا تۈگىدى.
تىجارەتتىكى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن، لى ۋېي شېرىكلىرى بىلەن «تور تاللا بازىرى» ئېچىشنى سىناق قىلىپ، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان ئولتۇراق رايونغا كۆكتات، مېۋە - چېۋە قاتارلىق تاۋارلارنى يەتكۈزۈپ بەردى. ئەمما ئامباردا بېسىلىپ قېلىش ۋە مېۋە - كۆكتاتلارنى زاپاس ساقلاش مۇۋاپىق بولمىغانلىقتىن ئېغىر زىيان تارتقاچقا، كارخانا يەنە بىر قېتىم مالىيە قىيىنچىلىقىغا پېتىپ قالدى، شېرىكلىرىمۇ تەرەپ - تەرەپكە تارقىلىپ كەتتى.
مەڭگۈ ئەستىن چىقمايدىغان بۇ قېتىمقى ئىگىلىك تىكلەش كەچۈرمىشى لى ۋېينى 200 مىڭ يۈەن قەرز قىلىپ قويغاندىن باشقا، يەنە ئۇنىڭغا مالىيە باشقۇرۇشنىڭ كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا نىسبەتەن تولىمۇ مۇھىملىقىنى تونۇتتى.
2012 - يىلى ياردەمچى بوغالتىرلىق سالاھىيەت ئىمتىھانى بويىچە قەغەزسىز ئىمتىھان ئىسلاھاتىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش يىلى ئىدى. لى ۋېي سودا پۇرسىتىنى كۆردى، ئانا مەكتىپىنىڭ قوللىشىدا، بوغالتىرلىق ئىمتىھانى بويىچە تەربىيەلەش كۇرسى ئاچتى ھەم «تۇنجى قېتىملىق پۇل»نى تاپتى. بوغالتىرلارنى تەربىيەلەش بىلەن بەش يىل شۇغۇللانغاندىن كېيىن، 2017 - يىلى، لى ۋېي كوللېكتىپنى باشلاپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭ شىڭجيۇجياڭ مالىيە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار، يېڭىدىن قۇرۇلغان كارخانىلارنىڭ قانداق قىلىپ دۆلەتنىڭ باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىدىن بەھرىمەن بولۇشىغا، بەلگىلىمىگە ئۇيغۇن، قانۇنلۇق تىجارەتنى قانات يايدۇرۇشىغا، كارخانىلارنىڭ مالىيە بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
دۆلەت ئاۋام ئىگىلىك تىكلەش، ئاۋام يېڭىلىق يارىتىشنى سىجىل ئىلگىرى سۈرۈۋاتقان ئارقا كۆرۈنۈشتە، شىڭجيۇجياڭ شىركىتىنىڭ كەسپىي مالىيە باشقۇرۇش مۇلازىمىتى ناھايىتى تېزلا كارخانىلارنىڭ ئېتىراپ قىلىشىغا ئېرىشتى، ھەمكارلاشقان خېرىدار 10 مىڭدىن ئېشىپ، كەسپى پۈتۈن شىنجاڭنى قاپلىدى.
«يۇقۇم مەزگىلىدە، شىڭجيۇجياڭ شىركىتى مالىيە - باج كوللېكتىپى بىزگە مالىيە - باجنىڭ ساغلاملىقىنى تەكشۈرۈپ بېرىپ، بىزنىڭ 1 مىليون 720 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئوبوروتىمىزنى بىۋاسىتە تېجەپ بەردى، شىركەتنىڭ تەرەققىياتى كەسپىي كوللېكتىپنىڭ مۇلازىمىتى ۋە قوغدىشىغا ئېرىشتى.» شىنجاڭ جيازېخۇا خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ مالىيە مەسئۇلى جاۋ خۇڭيى مۇنداق دېدى: شىڭجيۇجياڭ شىركىتى مالىيە - باج كوللېكتىپى شىركىتىمىزنىڭ ئېكسپورت بېجىنى قايتۇرۇش كەسپىگە يوشۇرۇنغان خەۋپ - خەتەرنى رەتلەپ چىقىشىغا ياردەم قىلىپ، چېگرا ھالقىغان تەمىنلەش زەنجىرى لايىھەسىنى ئەلالاشتۇرۇش ئارقىلىق، شىركىتىمىزنىڭ باج قايتۇرۇش ۋاقتىنى 45 كۈندىن 18 كۈنگە قىسقارتتى.
«مالىيە - باج ۋە قانۇن كارخانىلارنىڭ مۇقىم، ساغلام تەرەققىي قىلىشىدىكى ئۇل تاش. كارخانىلار ئۈچۈن قانۇن ئىشلىرى سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ بەرگەندە، قانۇن ماجىراسى تۈپەيلىدىن كارخانىلارنىڭ ئورۇنسىز زىيانغا ئۇچرىشىدىن ئۈنۈملۈك ساقلانغىلى بولىدۇ.» 2022 - يىلى، نۇرغۇن ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىنىڭ تەرەققىياتىدىكى مەغلۇبىيەت سەۋەبلىرىنى يەكۈنلىگەندىن كېيىن، لى ۋېي يەنە شىركەتنىڭ كەسپىنى قانۇن ساھەسىگىچە كېڭەيتىپ، فېڭگۇڭ (شىنجاڭ) قانۇن مەسلىھەتچىلىك چەكلىك شىركىتىنى قۇرۇپ، مەخسۇس ئوتتۇرا، كىچىك كارخانىلارنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى.
10 مىڭدىن ئارتۇق كارخانىنى مالىيە - باج، قانۇن، ئېلېكتىرونلۇق سودا قاتارلىق پۈتۈن زەنجىرلىك كارخانا مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىگەندىن كېيىن، لى ۋېيدا شىنجاڭ پۇقراۋى كارخانىلار مۇلازىمىتى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى قۇرۇش ئويى پەيدا بولدى. 2024 - يىلى 8 - ئايدا، شىنجاڭ پۇقراۋى كارخانىلار مۇلازىمىتى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى رەسمىي قۇرۇلۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت تۈرى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى بوشلۇقىنى تولدۇردى.
شىنجاڭ پۇقراۋى كارخانىلار مۇلازىمىتى سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسى شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى مۇلازىمەت ساھەسىدىكى 3 - تەرەپ ئاپپاراتلىرىنى توپلاش ئارقىلىق، پۈتۈن شىنجاڭدىكى پۇقراۋى كارخانىلار ئۈچۈن تېخىمۇ مۇكەممەل مۇلازىمەت سۇپىسى بەرپا قىلدى، تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت يوللىرىنى كېڭەيتتى، تېخىمۇ كۆپ مۇلازىمەت ئەندىزىسىدە يېڭىلىق ياراتتى. سودىگەرلەر ئۇيۇشمىسىنىڭ بايلىقنى دەل جايىدا بىرىكتۈرۈشى ئارقىلىق، پۇقراۋى كارخانىلار ئۆزئارا ھەمتۈرتكە بولۇپ ئالماشتۇرۇپ، بايلىقتىن ئورتاق بەھرىلىنىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى قۇدرەتلىك بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرەلەيدۇ، ئورتاق تەرەققىي قىلالايدۇ.
بۇ يىللاردىن بۇيان، لى ۋېي ئوتتۇرا، كىچىك، مىكرو كارخانىلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارنىڭ ئاغرىق نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى، ئۇ مالىيە - باج سىياسىتى جەھەتتە پۇقراۋى كارخانىلارغا تېخىمۇ كۆپ ياردەم بېرىلىپ، كارخانىلارنىڭ يۈكىنىڭ يەنىمۇ يېنىكلىتىلىشىنى؛ قانۇن كاپالىتى جەھەتتە، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق بويىچە قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىنىشىنى ئۈمىد قىلدى.
«ئەلۋەتتە، پۇقراۋى كارخانىلارمۇ قەدەمدە بىر ئىز قالدۇرۇپ، تىرىشىپ جەمئىيەتكە قىممەت يارىتىش داۋامىدا ئۆزىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.» لى ۋېي مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىۋاتىدۇ، پۇقراۋى كارخانىلارنىڭ تەرەققىيات دائىرىسى بارغانسېرى كېڭەيدى، پۇقراۋى كارخانىچىلار چوقۇم پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تىرىشىپ زورىيىشى، كۈچىيىشى كېرەك.