سۈرەت ئارقىلىق شىنجاڭدىكى غايەت زور ئۆزگىرىشلەرنى نامايان قىلىش
«شىنجاڭ ئەسلىمىلىرى» كونا سۈرەتلەرنى توپلاش پائالىيىتى باشلاندى
ئەسەر قۇبۇل قىلىش ئۇقتۇرۇشى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن جياڭ خەۋەر قىلىدۇ: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش ئۈچۈن، 4 - ئاينىڭ 9 - كۈنى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھ) «شىنجاڭ ئەسلىمىلىرى» كونا سۈرەتلەرنى توپلاش پائالىيىتىنى رەسمىي باشلايدۇ.
سۈرەتلەردە شىنجاڭنىڭ ئۇزاق يىللاردىن بۇيانقى قىياپىتى مۇجەسسەملەنگەن، سۈرەتلەردە گۈللەنگەن دەۋر قىياپىتى مەڭگۈ نامايان بولۇپ تۇرىدۇ. بۇ يىل ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى، 70 يىل قاينام - تاشقىنلىققا تولۇپ، 70 يىل جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلاردا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلدى، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر يۈزبەردى. شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى يېڭى ئۆزگىرىشلەر، ئىتتىپاق، مۇقىم بولغان يېڭى ۋەزىيىتى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ يېڭى قىياپىتىنى ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھ) جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ «شىنجاڭ ئەسلىمىلىرى» كونا سۈرەتلەرنى توپلاش پائالىيىتىنى باشلاپ، دەۋر ئىزنالىرىغا ئىگە كونا سۈرەتلەرنى كەڭ دائىرىدە توپلاپ، سۈرەتلەرنى ۋاسىتە قىلىپ، دۆلەت مۇھەببىتى بىلەن كوللېكتىپ خاتىرىلەرنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇپ، كونا سۈرەتلەردىكى ھېكايىلەر ئارقىلىق دەۋر قىممىتىنى يەتكۈزىدۇ.
كونا سۈرەتلەرنىڭ ۋاقىت ئارىلىقى 1949 - يىلىدىن ھازىرغىچە بولۇپ، باش تېمىسى جەمئىيەت تۇرمۇشى، شەھەر - يېزىلاردىكى ئۆزگىرىش، ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش، مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش، ئېكولوگىيەنى قوغداشتىن ئىبارەت بەش چوڭ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مەيلى شىنجاڭ مەنزىرىسى خاتىرىلەنگەن تۇرمۇش سۈرەتلىرى بولسۇن، ياكى شەھەر - يېزىلاردىكى ئۆزگىرىشلەرگە گۇۋاھ بولغان يەر بەلگىسى سۈرەتلىرى بولسۇن، بىردەك توپلاش دائىرىسىگە كىرىدۇ.
توپلاش پائالىيىتى بۈگۈندىن باشلىنىپ 7 - ئاينىڭ 31 - كۈنى ئاخىرلىشىدۇ. توپلاش پائالىيىتى تور ۋە تور سىرتىدىن ئىبارەت ئىككى خىل شەكىلگە ئايرىپ ئېلىپ بېرىلىدۇ، قاتناشقۇچىلار ئەسەرنىڭ ماۋزۇسىغا «شىنجاڭ ئەسلىمىلىرى + ئاپتورنىڭ ئىسىم - فامىلىسى» دەپ ئەسكەرتىپ، 393610943 نومۇرلۇق qq خەت ساندۇقىغا ئەۋەتسە بولىدۇ؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ گېزىتخانىسى(گۇرۇھ) ئەمەلىي سۈرەت توپلاش نۇقتىسى تەسىس قىلىدۇ ھەم كونا سۈرەتلەرنى ساۋمياۋ قىلىپ قايتا سۈرەتكە تارتىپ كۆپەيتىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ. توپلاش پائالىيىتىدە يەنە ئالاھىدە يول تەسىس قىلىنغان بولۇپ، مۇھىم خام ماتېرىياللارغا قارىتا فوتو سۈرەت مۇخبىرلىرى شۇ جايغا بېرىپ قۇتقۇزۇش خاراكتېرلىك يىغىپ توپلاشنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىنىدۇ.
تاللاپ توپلانغان ئەسەرلەر شىنجاڭ گېزىتى، «ئۆگىنىش كۈچلۈك دۆلىتى» شىنجاڭ ئۆگىنىش سۇپىسى، ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالى، تىيانشان تورى قاتارلىق سۇپىلاردا ئېلان قىلىنىدۇ.