تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭ ئىككى جاينىڭ چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشىدا يېڭى ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن شياڭگاڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسپىي زاتلار جەمئىيىتى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى 2 - قېتىملىق رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئاچتى

شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭ ئىككى جاينىڭ چوڭقۇر ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشىدا يېڭى ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش كېرەك

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، شىنجاڭ سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى بىلەن شياڭگاڭ زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش كەسپىي زاتلار جەمئىيىتى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمىنىڭ 2 - قېتىملىق رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى ۋە مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى بويىچە، تەجرىبە، نەتىجىلەر يەكۈنلىنىپ، پىكىر يولى، تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ ۋە كېڭەيتىلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى سىجىل ئالغا سىلجىتىشىغا كۈچ قوشۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭ ئىككى جاينىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى تەستىقلىغان شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭ ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنىڭ مېخانىزم خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى، دەۋرنىڭ تەرەققىيات ئېقىمىغا ماسلىشىش، ئىككى جاينىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئەمەلىي تەدبىر. بۇلتۇردىن بۇيان، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش مېخانىزمى شياڭگاڭنىڭ سودا مۇلازىمىتى، زامانىۋى پۇل مۇئامىلە، خەلقئارا ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق كەسىپ ئەۋزەللىكىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ ھەمكارلىشىپ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، ئورتاق پايدا ئېلىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال تۆھپە قوشتى.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتى ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ياخشى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مەركىزىي خىزمىتىنى چىڭ كۆزلەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ، ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن يېڭى پۇرسەتنى ئىگىلەپ، كۈچ قوشۇش يېڭى سۇپىسىغا ئەھمىيەت بېرىپ، شىنجاڭ بىلەن شياڭگاڭنىڭ ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش بوشلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىشى كېرەك. ئۇدۇللاشتۇرۇش، ئالاقىلىشىشنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پائال كۈچەيتىپ، شىنجاڭ كارخانىلىرىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش يوللىرىنى كېڭەيتىشىگە ياردەم بېرىپ، كەسىپ تېخنىكىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئىچى - سىرتىدىكى رايون تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، پۇل مۇئامىلە، رەقەملىك ئىقتىساد، تۆۋەن بوشلۇق ئىقتىسادى، ئاۋىياتسىيە ئەشيا ئوبوروتى قاتارلىق جەھەتلەرنى چۆرىدەپ ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ تېخنىكا ۋە مەبلەغنى بايلىق ئېچىش ساھەسىگە سېلىشقا جەلپ قىلىش كېرەك. «تەكلىپ قىلىش، سىرتقا چىقىش» ئۇسۇلى ئارقىلىق، مەھسۇلات تونۇشتۇرۇشنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسى ۋە بازار ئىگىلەش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ، شياڭگاڭ ئۆلچەم ۋە تەكشۈرۈپ بېكىتىش مەركىزى بىلەن شىنجاڭنىڭ سۈپەت قۇرۇلۇشى، جۇغراپىيەلىك بەلگىلىرىنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئېتىراپ قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ خەلقئارا بازارغا تېز كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى يۇقىرى سەۋىيەلىك مۇتەخەسسىسلەر كوللېكتىپىنى پائال كىرگۈزۈپ، رايون مەركىزىي شەھەر پىلانلاش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئىختىساسلىقلارنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، زور ئىستراتېگىيە، نۇقتىلىق تۈر، ئالاھىدە كەسىپلەرنى چۆرىدەپ ئىستراتېگىيەلىك ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش، كىرگۈزۈشنى تېزلىتىپ، ئىككى جاينىڭ ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشىغا چوڭقۇر تۈرتكە بولۇپ، قول تۇتۇشۇپ جۇڭگو ھېكايىسى، شىنجاڭ ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشى كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: ھەرقايسى ئەزا ئورۇنلار مەۋقەنى ياخشى بولغان ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئاساسىغا قويۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسەت - تەدبىرلەرنى تەتقىق قىلىپ تۈزۈپ، سەرخىل ھەمكارلىق تۈرلىرىنى بەرپا قىلىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىش مېخانىزمى ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، كېڭىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئىشلىرىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق ئەمەلىي ئۈنۈم ھاسىل قىلىشنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا نەتىجىلەر بىلەن ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى كۈتۈۋېلىشى كېرەك.

پەن شى، ليۇ خۇيجۈن، ھەسەنجان ئەخمەت قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.