تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

دۆلەت مودا ئېقىم گۈل نۇسخىلىرى شىنجاڭ بىلەن ئۇچراشقاندا

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جيا چۇنشيا

«مېيتۇ شيۇشيۇنىڭ AI ئىقتىدارىنى چەككەن شۇ پەيتتە، مەن خۇددى قەشقەر قەدىمىي شەھىرىگە كېلىپ قالغاندەك بولدۇم!» يېقىندا، 22 ياشلىق خەنفۇ كىيىمى ھەۋەسكارى لى زىشۈەن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا بىر گۇرۇپپا سۈرەتلەرنى چىقاردى − سۈرەتتە ئۇ ئۇچىسىغا AI ئارقىلىق ھاسىل قىلىنغان ئۇزۇن ئەتلەس كۆڭلەك كىيگەن بولۇپ، قوي مۈڭگۈزى نەقىشىلىك AR باش بېزەكلىرى ھەرىكەتكە ئەگىشىپ يېنىك ئايلىناتتى. بۇ بىر گۇرۇپپا «يۇقىرى پەن - تېخنىكا بىلەن سەنئەت يۇغۇرۇلغان شىنجاڭ ساياھەت سۈرىتى» ئېلان قىلىنىشى بىلەنلا 1000 قېتىمدىن ئارتۇق ئالقىشقا ئېرىشتى، ئىنكاس رايونىدا تورداشلارنىڭ «ئوخشاش دەرسلىك تەلەپ قىلىمەن» دېگەن خەتلىرى توختىماي كۆرۈلۈشكە باشلىدى.

لى زىشۈەننىڭ ھېس قىلغىنى شىنجاڭ داشۆ شىنجاڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزى بىلەن مېيتۇ شيۇشيۇ بىرلىكتە ئوتتۇرىغا چىقارغان «مېيتۇ دۆلەت مودا ئېقىم گۈل نۇسخىلىرى پىلانى . دۆلەت مودا ئېقىم گۈل نۇسخىلىرى شىنجاڭ قىسمى»دىن ئىبارەت. بۇ تۈر مېيتۇ شيۇشيۇ APPسىدا تورغا چىقىرىلىپ بىر ھەپتىدىلا پۈتۈن توردا كۆرۈلۈش قېتىم سانى 100 مىليون قېتىمدىن ئاشتى، ئابۇنىچىلارنىڭ ھەمتۈرتكە بولۇش مىقدارى 1 مىليون قېتىمدىن ئاشتى، بەت يۈزىدە ھەمتۈرتكە بولۇش قېتىم سانى 600 مىڭ قېتىمدىن ئاشتى، گۈل نۇسخىسى خام ماتېرىيالىنىڭ ئىشلىتىلىش مىقدارى 450 مىڭ قېتىمغا يەتتى. بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئارقىسىدىكىسى رەقەم تېخنىكىسىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى گۈل نۇسخىلىرىنىڭ شىفىرىنى سىستېمىلىق يېشىپ بەرگەنلىكى ۋە ئىجادىي ئايلاندۇرغانلىقى بولدى.

شىنجاڭ داشۆ جۇڭگو تىل - ئەدەبىيات شۆيۈەنىنىڭ پىروفېسسورى، شىنجاڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ۋاڭ مىن مۇنداق تونۇشتۇردى: تۈردە مەۋقە مەركىزىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ رايون مەدەنىيەت بەلگىلىرىنى تەتقىق قىلىش ساھەسىدىكى چوڭقۇر جۇغلانمىسىغا قويۇلۇپ، پۇختا تارىخىي مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ھەققىدىكى دەلىل - ئىسپات ۋە خەلق ئىچى ھۈنەر - سەنئىتىنىڭ مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش ئاساس قىلىنىپ، قوي مۈڭگۈزى نەقىشى، سەككىز بۇرجەكلىك يۇلتۇز نەقىشى، ئۈزۈم نەقىشى قاتارلىق بەش خىل ۋەكىل خاراكتېرلىك گۈل نۇسخىسى رەقەملەشتۈرۈلدى. «كوللېكتىپىمىز AR ،AI قاتارلىق تېخنىكىلارنى قوللاندى، ئابۇنىچىلار گۈل نۇسخىلىرىنى بىللە ئىجاد قىلىش، غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى چاپلىقى، گۈل نۇسخىلىرىنى ئۆزگەرتىش . AI ئويناش ئۇسۇلى، قوي مۈڭگۈزى باش بېزىكى . AR تەسىراتى قاتارلىق ھەمتۈرتكىلىك شەكىللەر ئارقىلىق شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى چۆكۈش شەكلىدە ھېس قىلالايدۇ.» ۋاڭ مىن مۇنداق دېدى: بۇ تېخنىكىلار مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىشتىكى زامان - ماكان چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، پەن - تېخنىكىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى بەلگىلىرىنى تارقىتىشقا كۈچ قوشۇش يېڭى ئەندىزىسىنى ياراتتى.

پەن - تېخنىكا بىلەن مەدەنىيلىك ھەمتۈرتكە بولغاندا، مەدەنىيەت مىراسلىرى تارىخىي يادىكارلىق بولماستىن، بەلكى كەلگۈسىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان نۇرلۇق يۇلتۇز بولۇپ قالىدۇ. بۇ تۈر تورغا چىقىرىلغاندىن كېيىن، رەقەم تېخنىكىسى ئارقىلىق ئۆلچەم تۆۋەنلىتىلىپ، گۈزەللىك قىممىتى ئاشۇرۇلۇپ، ياشلار توپىنىڭ مەدەنىيەت جەھەتتىكى ياقتۇرۇشىغا دەل جايىدا ماسلاشتۇرۇلدى، مىڭ يىللىق گۈل نۇسخىلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇلىرىدا يېڭى ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتتى.

داشۆ ئوقۇغۇچىسى راھىنە شۆھرەت تۇرمۇش سۈرىتىنى يوللىغاندىن كېيىن، قىسقىغىنا بىرنەچچە سېكۇنتتا دۆلەت مودا ئېقىم گۈل نۇسخىسى يۇغۇرۇلغان بىر مودا فىلىم ھاسىل بولدى. «يېڭىچە ھەم قىزىقارلىق ئىكەن! كىيىم - كېچەك، زىبۇ - زىننەتلەرنىڭ ئىنچىكە ھالقىلىرى ئەينەن چىقىدىكەن، يەنە تېخى ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىلىرىغا بىۋاسىتە ھەمبەھرىلىگىلى بولىدىكەن.» بۇ ئۇنى شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى گۈل نۇسخىلىرىغا نىسبەتەن تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشەنچىگە ئىگە قىلدى.

راھىنە شۆھرەتكە ئوخشاش Z دەۋرى ئابۇنىچىلىرى مەزمۇن ئىجادىيىتىگە %70 تۆھپە قوشتى. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 18 ياشتىن 35 ياشقىچە بولغان ياشلار توپى بۇ تۈرنىڭ يادرولۇق ئابۇنىچىلىرى بولۇپ، ئۈزۈم نەقىشى ۋە سەككىز بۇرجەكلىك يۇلتۇز نەقىشى ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن − ئۇلاردا ھەم ئەنئەنىۋى سەنئەت ئالاھىدىلىكى ساقلاپ قېلىنغان، ھەم رەقەملەشتۈرۈش ئارقىلىق زامانىۋى گۈزەللىك قارىشىغا ئايلاندۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلغان. بەخت - سائادەت مەنىسىنى ئىپادىلەيدىغان 寿 خېتى نەقىشى، 万 خېتى نەقىشىنىڭ مەدەنىيەت ئاساسى چوڭقۇر بولسىمۇ، زامانىۋى سەنئەت ئىپادىلەش شەكلىدە يەنىلا بۆسۈش بوشلۇقى بار. بۇ خىل پەرق ياشلارنىڭ جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە بولغان تاللاش خاراكتېرلىك ئورتاق ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ، بۇ، ھەم كۆرۈش تۇيغۇسىغا بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتىش كۈچىگە ئىگە بولۇشى، ھەم ھازىرقى زامان بايانىغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

«بىز تېخنىكا جەھەتتە يېڭىلىق ياراتقۇچىلار بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىپ ئورتاق بەرپا قىلغۇچىلار.» مېيتۇ دۆلەت مودا ئېقىم گۈل نۇسخىسى پىلانىنىڭ مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ئەنئەنىۋى گۈل نۇسخىلىرى مۇزېيدىكى تىنچ ھالەتتىكى بەلگىلەردىن ياشلارنىڭ ئىجتىمائىي ئالاقە بەلگىلىرىگە ئۆزگەردى. بۇ پىلان 2022 - يىلى باشلانغاندىن بۇيان، 32 مەدەنىيەت ئاپپاراتى، 300 غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسى بىلەن بىرلىكتە 12 باش تېمىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، جەمئىي 210 مىليون ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق مۇلازىمەت قىلدۇق. كەلگۈسىدە AI تېخنىكىسىنى قوللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت بىلەن زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولىمىز.

مەدەنىيەت ۋە ساياھەت مىنىستىرلىقى، مائارىپ مىنىستىرلىقى، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت مىنىستىرلىقى بىرلىكتە يولغا قويغان «جۇڭگو غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنى تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش پىلانى»نى تەشۋىق قىلىش، كېڭەيتىش نەتىجىلىرىنىڭ بىرى بولۇش سۈپىتى بىلەن، «مېيتۇ دۆلەت مودا ئېقىم گۈل نۇسخىلىرى پىلانى. دۆلەت مودا ئېقىم گۈل نۇسخىلىرى شىنجاڭ قىسمى»نىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشى «ئىلمىي تەتقىقات + تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش + ئامما قاتنىشىش» ئەندىزىسىنىڭ ئۈنۈمدارلىقىنى دەلىللىدى. شىنجاڭ داشۆ شىنجاڭ مەدەنىيەت تەرەققىيات تەتقىقات مەركىزىنىڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنى تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش تۈر گۇرۇپپىسى 2016 - يىلىدىن باشلاپ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى ۋارىسلىرىنى تەتقىقات خاراكتېرلىك بىلىم ئاشۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سىستېمىسىنى بەرپا قىلغان بولۇپ، بۇ قېتىمقى ھەمكارلىق جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى بىلەن رايون خاسلىقى، زامانىۋى تۇرمۇشنىڭ ئىجادىي يۇغۇرۇلۇشىنىڭ بازار يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ ئىسپاتلىدى.

«بەلكىم، ھازىرقى زاماندىكى ئادىمىيەت پەنلىرى ئالىملىرى تەتقىقاتىنىڭ جەمئىيەت قىممىتى روشەن دەۋر ئالاھىدىلىكىگە ئىگە بايان قىلىش ۋە مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن ئىلمىي پىكىر يۈرگۈزۈش، لايىھەلەش ئارقىلىق، ئاممىنىڭ تارىخىي تەجرىبىلەرگە بولغان چۈشىنىشى ۋە ئۆزلەشتۈرۈشىنى كۈچەيتىشتە بولۇشى مۇمكىن» دېدى ۋاڭ مىن ھاياجانلانغان ھالدا. قوي مۈڭگۈزى نەقىشى Z دەۋرىدىكى ئىجتىمائىي ئالاقە ئامىلىغا ئايلانغاندا، يىپەك يولى مەدەنىيىتى ھەقىقىي تۈردە زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان ھاياتىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.