يېڭى ئېنېرگىيە ئۈچۈن بوشلۇق «ئاجرىتىش»
شىنجاڭ 36 مىليون 830 مىڭ كىلوۋاتلىق كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئۆزگەرتىشنى تاماملىدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىرغا قەدەر، شىنجاڭ 87 كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى جانلىق ئۆزگەرتىشنى تاماملىغان، ئومۇمىي گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى 36 مىليون 830 مىڭ كىلوۋات بولۇپ، مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى سەۋىيەدە تۇرغان. ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، يېڭى ئېنېرگىيەنى تېخىمۇ كۆپ توك تارقىتىش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلەپ، پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ يېشىل توك ئىشلىتىش نىسبىتىنى ئۆستۈرگىلى بولىدىكەن.
2022 - يىلىدىن بۇيان، شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە بىلەن بىخەتەر، مۇقىم تەمىنلەشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى جانلىق ئۆزگەرتىشنى كۆپ خىل تەدبىرنى تەڭ قوللىنىپ، زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايوننىڭ 2024 - يىللىق كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى جانلىق ئۆزگەرتىش ئۈنۈمىنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، %70تىن ئارتۇق ئۆزگەرتىلگەن گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى %20 ھەم ئۇنىڭدىن تۆۋەن نورمىلىق سىغىم چوڭقۇرلۇق يۇقىرى پەللىسىنى تەڭشەش ئىقتىدارىنى ھازىرلىغان.
دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە پەن تەتقىقات ئورنى ئېنېرگىيە تېخنىكا تەتقىقات ئورنى پائالىيەتچان تېخنىكا ئىشخانىسىنىڭ مەسئۇلى جىڭ شۆخۇي مۇنداق بىلدۈردى: كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق تەڭشەش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش نىسبىتىنىڭ تېز ئېشىشىغا ئۈنۈملۈك تىرەك بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ ھەرىكەتچان تەڭشەش ئېھتىياجىنى قاندۇرغىلى، يەنە كۆمۈر ئېلېكتىرىنىڭ ئاساسىي كاپالەت خاراكتېرلىك ۋە سىستېمىلىق تەڭشەش خاراكتېرلىك توك مەنبەسىگە قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشىگە تۈرتكە بولۇپ، سىستېمىنىڭ يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش ۋە يېڭى ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۆستۈرگىلى بولىدۇ.
شىنجاڭ دۆلىتىمىزنىڭ مۇھىم ئېنېرگىيە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، قۇياش ئېنېرگىيەسى ۋە شامال ئېنېرگىيەسى بايلىقىنىڭ ساقلىنىش مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدۇ، لېكىن شامال ئېلېكتىر، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق توك چىقىرىشتا ئارىلاپ ئۈزۈلۈپ قېلىش ۋە دولقۇنسىمان بولۇش ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى جانلىق ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، ئۇنى يۇقىرى پەللىنى چوڭقۇر تەڭشەش ئىقتىدارىغا ئىگە قىلىپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن پايدىلىنىپ توك چىقىرىش كۈچى چوڭ بولۇپ كەتكەندە، كۈچنى تېز تۆۋەنلىتىپ، شامال - يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى ئارقىلىق توك چىقىرىش ئۈچۈن توك چىقىرىش بوشلۇقىنى «ئاجرىتىپ» بەرگىلى بولىدۇ.
شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنى جانلىق ئۆزگەرتىشنىڭ سىجىل ئالغا سىلجىتىلىشىغا ئەگىشىپ، توك مەنبەسى تەرەپنىڭ توك چىقىرىش ئالاھىدىلىكى ئۆزگىرىپ، ئېلېكتىر تورى تەرەپمۇ مۇناسىپ تەڭشەش ئېلىپ باردى. دۆلەت ئېلېكتىر تورى شىنجاڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى چەكلىك شىركىتى ئورۇنلاشتۇرۇش ئۇسۇلىنىڭ گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ئايلىنىش بىخەتەرلىكى، تېجەشچانلىقى قاتارلىق جەھەتلەرگە بولغان تەسىرىنى تولۇق ئويلىشىپ، يۇقىرى پەللە چوڭقۇرلۇقىنى ئىلمىي، مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەدىن توك چىقىرىش ئالدىن مۆلچەرىنى ياخشى ئىشلەپ، يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىش مىقدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان مەزگىلدە، ئېلېكتىر ئىستانسىسىغا يۇقىرى پەللىنى تەڭشەشكە ئالاقىدار تەييارلىقلارنى ياخشى ئىشلەپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئەلالاشتۇرۇشنى ئالدىن ئۇقتۇردى.
2024 - يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر ئېلېكتىر گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن يېڭىدىن كۆپەيگەن يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش ئىقتىدارى 8 مىليون 12 مىڭ كىلوۋاتقا يېتىپ، پۈتۈن بىر يىلدا 4 مىليارد 205 مىليون كىلوۋات سائەت يېڭى ئېنېرگىيە ئىستېمالى ئىلگىرى سۈرۈلدى، بۇ، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ئارقىلىق توك چىقىرىش مىقدارىنىڭ %3.36ىگە باراۋەر كېلىدۇ.