تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چەت ئەللىكلەر ئۈرۈمچىدە ئىش بېجىرگەندە قانداق تەسىراتتا بولىدۇ

□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي يۈنيەن

«ھەر كۈنى دېگۈدەك <رەھمەت> دېگەن سۆزنى ئاڭلاپ تۇرىمەن، لەۋھە ۋە رەھمەت خېتىنىمۇ تاپشۇرۇۋالدىم.» ئۈرۈمچى شەھەرلىك گۇڭئەن ئىدارىسى چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى خۇ شياۋۋېن ئىلگىرى چەت ئەللىكلەردە قانداقسىگە لەۋھە دېگەن بۇ ئۇقۇم بولسۇن دەپ ئىشەنگۈسى كەلمەيتتى، چەت ئەللىكلەر بىلەن كۆپ ئالاقە قىلغاندىن كېيىن، ئۇ مۇنداق جاۋابقا ئېرىشتى: ئۇلار نەگە بارساڭ شۇ يەرنىڭ ئادىتىگە ئەمەل قىل دېگەن ئۇسۇل بويىچە كۆڭلىنى ئىپادىلەشنى تاللىغانىدى.

31 ياشلىق خۇ شياۋۋېن ساقچى بولغاندىن بۇيان ئىزچىل چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى باشقۇرۇش تارماق ئەترىتىنىڭ كۆزنىكىدە خىزمەت قىلىپ كەلدى، بۇلتۇر 10 - ئايدا، شىنجاڭ ئۈرۈمچى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى (مەملىكەت سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزى) قۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۇ بۇ يەرگە كېلىپ خىزمەتكە چۈشتى.

شىنجاڭ ئۈرۈمچى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى (مەملىكەت سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزى) شىنجاڭ بويىچە تۇنجى ئۇنىۋېرسال شەكىلدىكى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى بولۇپ، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملارنى «بىر پونكىت شەكلى»دە توپلاشتۇرۇلغان مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدۇ، بۇ، 17 كەسىپ بېجىرىش تۈرى ۋە چەت ئەلگە ئالاقىدار 16 مۇلازىمەت تۈرىنى قاپلىغان بولۇپ، جۇڭگوغا كەلگەن چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملارنىڭ خىزمەت، تۇرمۇشىنى قولايلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈردى.

3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئۆزبېكىستانلىق دوكتور ئاسپىرانت Umaraliev Jakhongir مۇلازىمەت مەركىزىگە كېلىپ تۇرۇش، ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى مۇددىتىنى ئۇزارتىش كەسپىنى بېجىردى. ئۇ 2023 - يىلى 2 - ئايدا ئۈرۈمچىگە ئوقۇشقا كەلگەن بولۇپ، ھەر يىلى مۇشۇ كەسىپنى بېجىرەتتى. بۇلتۇر دۆلەت كۆچمەنلەرنى باشقۇرۇش ئىدارىسى يولغا قويغان چەت ئەللىكلەر تۇرۇش، ئولتۇراقلىشىش گۇۋاھنامىسى بېجىرىشنى ئىلتىماس قىلغاندا پاسپورتنى ساقلاشقا بېرىشنى كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرىنىڭ پايدىسىدىن، كەسىپ بېجىرىش مەزگىلىدە ئۇ يەنىلا پاسپورتىنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان ھەم ئىشلىتەلەيدىغان بولدى.

«مەن بەزىدە شىنجاڭنىڭ سىرتىدىكى بىر قىسىم شەھەرلەرگە بېرىپ تەجرىبە ئىشلەيمەن، يەنە دۆلىتىمگە قايتىمەن، پاسپورتنى ساقلاشقا بېرىشنى كەچۈرۈم قىلىش تەدبىرى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن سەپىرىمنى تېخىمۇ جانلىق ئورۇنلاشتۇرالايدىغان بولدۇم» دېدى Umaraliev Jakhongir خۇ شياۋۋېنغا باش بارمىقىنى چىقىرىپ تۇرۇپ.

«ياخشىمۇسىز، قەدىناس دوستۇم.» «يەنە كۆرۈشكىنىمدىن ناھايىتى خۇشالمەن، بۈگۈن نېمە ئىش بېجىرىسىز؟» جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسى شىنجاڭ ئېكولوگىيە ۋە جۇغراپىيە تەتقىقات ئورنىنىڭ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسى ئوساما مۇھەممەت كۆزنەك ئالدىدا خۇ شياۋۋېن بىلەن كونا تونۇشلاردەك پاراڭلاشتى.

ئوساما مۇھەممەت مىسىر ئارىش داشۆسىنىڭ دوتسېنتى بولۇپ، 2014 - يىلى شىنجاڭغا كېلىپ ئۆسۈملۈك ئىچكى زەمبۇرۇغى بايلىقىنى قېزىش ۋە فۇنكسىيەلىك قوللىنىلىش تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللاندى. ئۇ جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ دوستلۇق مۇكاپاتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرگە بېرىلىدىغان «تىيانشان مۇكاپاتى»غا ئېرىشكۈچى، بۇلتۇر يەنە شىنجاڭ بويىچە تۇنجى «بەش يۇلتۇزلۇق كارتا» (يېڭى نۇسخىدىكى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ چەت ئەللىكلەرنىڭ مەڭگۈلۈك تۇرۇش، ئولتۇراقلىشىش كىملىكى)نى ئالغان بولۇپ، تۇرۇش، ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى مۇددىتىنى ئۇزارتىش رەسمىيىتىنى بېجىرمىسىمۇ بولىدۇ.

بۇ قېتىم ئوساما مۇھەممەت چېگرا سىرتىدىكى ھەيدەش كىنىشكىسىنى ئالماشتۇرۇش كەسپىنى بېجىرمەكچى بولدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۇ ئىش تەرتىپى ناھايىتى كۆپ دەپ ئويلاپ ئىزچىل بېجىرمىگەنىدى، ئالدىنقى قېتىم خۇ شياۋۋېندىن بۇ كەسىپنى بېجىرىشنىڭ مۇرەككەپ ئەمەسلىكىنى ئاڭلاپ، ۋاقىت چىقىرىپ كېلىپ بېجىردى.

«سىز بىلەن پاراڭلاشسام بولامدۇ؟» مۇخبىر بىر چەتتە تۇرۇپ سورىدى. «ئەلۋەتتە بولىدۇ، ناھايىتى خۇشالمەن.» ئوساما مۇھەممەت ناھايىتى سۆزمەن بولۇپ، «مەن كونا شوپۇر، مېنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدەپ نەنسەننى ئايلىنىپ كەلگۈم، ئاساسلىقى شۇ يەردىكى ئاشخانىلارغا بارغۇم بار» دېدى.

«ئۈرۈمچىدە ئىش بېجىرىش، تۇرمۇش كەچۈرۈش ناھايىتى قولاي، دوۋيىندا ئېرداۋچياۋدا مەززىلىك يېمەكلىكلەرنىڭ بارلىقىنى كۆرۈپ، مېتروغا ئولتۇرۇپ، ناھايىتى تېزلا بېرىپ تېتىپ باقتىم.» ئوساما مۇھەممەت بۇ شەھەردىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىناق - ئېجىل قىياپىتىنى ناھايىتى ياقتۇرىدۇ، ئۇ ئوخشاش بولمىغان مىللەتتىن بولغان نۇرغۇن دوست تۇتتى، دائىم كىچىك كۆلەمدىكى يىغىلىشلارغا قاتنىشىدۇ، بىر دوستى ئالدىنقى بىر مەزگىلدە يۇرتى ئىلىغا قايتقاندا، يەنە تېخى ئۇنى ئېلىپ باردى.

بۇ يىلنىڭ بېشىدا، ئوساما مۇھەممەت مۇلازىمەت مەركىزىدە ئۆتكۈزۈلگەن 2025 - يىللىق چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەر يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىش سۆھبەتلىشىش - پىكىر ئالماشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى. «شۇ كۈنى بەزىلەر بىزگە يېڭىدىن ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان چەت ئەللىك مۇتەخەسسىسلەرنىڭ خىزمەت ئىجازىتى، ۋىزا، تۇرۇش، ئولتۇراقلىشىش ئىجازىتى، پەرزەنتلىرىنىڭ ئوقۇشى قاتارلىقلارغا ئائىت قولايلىق سىياسەتلەر ۋە پەن تەتقىقات تۈرلىرى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى تەپسىلىي يېشىپ چۈشەندۈردى، بىز <چەت ئەللىك>لەر بۇنىڭغا ناھايىتى قىزىقتۇق» دېدى ئۇ.

«ئوسامانىڭ جۇڭگوچە ئىسمى <جىنشەن>» دېدى خۇ شياۋۋېن مۇخبىرغا. «شۇنداق، شۇنداق، بايا سىزگە ئېيتىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن، جىنزىتادىكى <金>، تىيانشاندىكى <山>». ئوساما مۇھەممەت خۇ شياۋۋېننىڭ ئۆزى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشىنى تولۇقلاپ قويدى.

مۇلازىمەت مەركىزىدىكى چەت ئەل پۇلىنى ئاپتوماتىك ئالماشتۇرۇش ماشىنىسى مۇخبىرنى جەلپ قىلدى. «بۇنى چەت ئەلدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ.» خۇ شياۋۋېن مۇنداق دېدى: بۇ ماشىنىنىڭ كۆپ خىل تىلدا تەرجىمە قىلىش ئىقتىدارى بار، پاسپورتنى سۈركىگەندىن كېيىن چەت ئەل پۇلىنى خەلق پۇلىغا ئالماشتۇرغىلى بولىدۇ، ئون نەچچە خىل چەت ئەل پۇلىنى ئالماشتۇرۇشنى قوللايدۇ.

چەت ئەلدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ياش ئوقۇغۇچىلار ھەمىشە خۇ شياۋۋېندا چوڭقۇر تەسىر قالدۇراتتى. 3 - ئاينىڭ 25 - كۈنى، پاكىستاندىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچى BUKHARI SYED ئەتىگەندىلا كەسىپ بېجىرگىلى كەلدى، پۇل تۆلىگەندە خۇ شياۋۋېندىن يان تېلېفون قىزىق نۇقتىسىنى ئىشلىتىپ تۇرۇشنى سورىدى.

«قىزىق نۇقتا شىفىرى <Are you happy today (سىز بۈگۈن خۇشالمۇ)>» دېدى خۇ شياۋۋېن كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپ. بۇ ياش ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ شىمىگۇ رايونىدىن يېغىۋاتقان قارغا قارىماي قاتناش يۇقىرى پەللە مەزگىلىدىكى توسۇق يول بۆلىكىدىن ئۆتۈپ كەلگەن بولۇپ، ئەتىيازدا ياغقان قارنىڭ نەملىكى يۇقىرى بولغاچقا، تېخى بىرنەچچە قەدەم ماڭمىغان بولسىمۇ، كىيىم - كېچەكلىرى، چاچلىرى ھۆل بولۇپ كەتكەنىدى. ئۇ شىفىرنى كىرگۈزگەندىن كېيىن بېشىنى قاشلىغىنىچە قىزىقچىلىق قىلىپ ئەستايىدىللىق بىلەن: «!No» دەپ جاۋاب بەردى.

«بىرنەچچە كۈندىن كېيىن ئۇ يەنە كەلدى، كۆرۈشۈپلا مەندىن <Are you happy today> دەپ سورىدى، ئاندىن بۈگۈن مەن بەك خۇشال دېدى.» ئۇ خۇ شياۋۋېننى كۈلدۈرۈۋەتكەنىدى.

بۇلتۇر جۇڭچيۇ بايرىمى ھارپىسىدا، چەت ئەلدىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان بىر توپ ئوقۇغۇچى كۆزنەككە كەسىپ بېجىرگىلى كەلگەندە، خۇ شياۋۋېن سەۋرچانلىق بىلەن كۈتۈۋېلىپ، كەسىپنى يۇقىرى ئۈنۈمدە بېجىرىپ بەردى. ئۇلار كەتكەندىن كېيىن، خۇ شياۋۋېن تەكچىدە خەت يېزىلغان بىر كارتىنىڭ كۆپىيىپ قالغانلىقىنى بايقىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە «جۇڭچيۇ بايرىمىڭىزغا مۇبارەك بولسۇن» دەپ يېزىلغانىدى.

خۇ شياۋۋېن يەنە كىچىك سوۋغات تاپشۇرۇۋالغانىدى. ئۆزبېكىستاندىن كېلىپ ئوقۇۋاتقان بىر ئوقۇغۇچى خوتۇنى ۋە بالىسىنى ئېلىپ كەسىپ بېجىرگىلى كەلدى ۋە رازىمەنلىك بىلەن قايتتى، ئەتىسى ئۇ مەخسۇس يەنە بىر قېتىم كېلىپ، خۇ شياۋۋېنغا بىر توڭلاتقۇ چاپلىقى سوۋغا قىلدى. «بۇ سەمەرقەند، بەك چىرايلىق ئىكەن، مەن بەك ياقتۇردۇم.» خۇ شياۋۋېن توڭلاتقۇ چاپلىقىدىكى رەسىمدىن بۇ شەھەرنى تونۇۋالدى. «سىز سەمەرقەندنى بىلىدىكەنسىزدە؟ مەن بەك خۇشال بولدۇم» دېدى ھېلىقى ياش تەبەسسۇم بىلەن.

خۇ شياۋۋېن ئىنگلىز تىلىنى راۋان سۆزلەيدۇ، ئۇنىڭ يېنىدا رۇس تىلىنى پىششىق بىلىدىغان خىزمەتداشلىرى بار، شۇنداقتىمۇ، ئۇلار بەزىدە «ئوڭايسىزلىنىپ» قالىدۇ.

ئىلگىرى، چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى يېشى چوڭراق بىر كىشى ئۈرۈمچىدىن ئايروپىلان ئالمىشىپ بېيجىڭغا بارماقچى بولۇپ، ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلگەندە پاسپورتىنىڭ يىتىپ كەتكەنلىكىنى بايقىغان ۋە پاسپورتنىڭ يىتىپ كەتكەنلىكىنى مەلۇم قىلىش ئىسپاتى ئېلىشقا جىددىي ئېھتىياجلىق بولغان. ئۇ ئىنگلىز تىلىنى بىلمىگەچكە، يەرلىك تىلدا سۆزلىگەن، خۇ شياۋۋېن ۋە ئۇنىڭ خىزمەتداشلىرى بىر ئېغىزمۇ چۈشەنمىگەن.

«بىز <مەن ئىشارەت قىلاي، سىز تېپىڭ> ئۇسۇلىنى قوللانغاچقا، قارشى تەرەپ ناھايىتى تېزلا جەدۋەل تولدۇرۇش، سۈرەتكە ئېلىش قاتارلىق تەرتىپلەرنى چۈشىنىپ، ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىسپات چىقىرىۋالدى.» خۇ شياۋۋېن مۇنداق دېدى: ئەينى چاغدا ئىككى تەرەپنىڭ رازىمەنلىككە تولغان چىراي ئىپادىسى ھەقىقەتەن «ماس قەدەملىك» بولغانىدى.

مۇلازىمەت مەركىزى قۇرۇلغاندىن بۇيان، 1700 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇق چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىمغا كىنىشكا كەسپىنى بېجىرىپ بەردى. «بۇ جاي جۇڭگو ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان كۆزنەك، سانلىق مەلۇمات كەسىپ مىقدارىنىڭ جۇغلىنىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مېھىر - مۇھەببەت، دوستانىلىقنى يەتكۈزىدىغان ئالماشتۇرۇش» دېدى خۇ شياۋۋېن.

■مۇخبىرنىڭ تەسىراتى

ئېچىۋېتىلگەن چېگرا رايون ئىللىقلىققا تولدى

شىنجاڭ ئۈرۈمچى كۆچمەنلەر ئىشلىرى مۇلازىمەت مەركىزى(مەملىكەت سىرتىدىكى ئىختىساسلىقلار مۇلازىمەت مەركىزى)نىڭ كەسىپ كۆزنىكىدە، ھەر كۈنى تىل ۋە مەدەنىيەتتىن ھالقىغان ئىللىق دىيالوگلار بولۇپ تۇراتتى. چەت ئەللىكلەرنىڭ بۇ يەردىكى ئىش بېجىرىش تەسىراتىدىن بىز ئېچىۋېتىلگەن شىنجاڭنىڭ ئىللىقلىققا تولغانلىقىنى تېخىمۇ ھېس قىلدۇق.

تىلدا توسالغۇ بولۇشى مۇمكىن، لېكىن قىزغىنلىق بىلەن سەمىمىيلىك ھاڭدىن ھالقىپ ئۆتەلەيدۇ. مۇلازىمەتنىڭ ھارارىتى سىياسەت جەھەتتىن قوللاشتا ئىپادىلىنىدۇ، شۇنداقلا خىزمەتچى خادىملارنىڭ ھەربىر تەبەسسۇمى، ھەربىر ئېغىز ئەھۋال سورىشىدا ئىپادىلىنىدۇ. خىزمەتچى خادىملار قىزغىنلىقى، كەسىپچانلىقى ۋە سەۋرچانلىقى بىلەن چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملارغا ئىللىق ئىش بېجىرىش مۇھىتى يارىتىپ بەردى.

مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى لاۋازىمەت خاراكتېرىدىكى ئۇچرىشىشتىن ھالقىپ ھېسسىيات باغلىنىشى ئورنىتىلغاندا، ئاجايىپ خىمىيەلىك رېئاكسىيە پەيدا بولىدۇ. چەت ئەل تەۋەلىكىدىكى خادىملار بىلەن خىزمەتچى خادىملارنىڭ قىزغىن ھەمتۈرتكە بولۇشى ئۇلارنىڭ جۇڭگو مۇلازىمىتىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنى ئىپادىلەپ، دۆلەت چېگراسىدىن ھالقىغان ھېسسىيات ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلدى.

ئېچىۋېتىلگەن چېگرا رايون مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىغا ئايلاندى، خەلقئارالىشىش مۇساپىسىدە، ئۈرۈمچىدىن ئىبارەت بۇ شەھەر ئىللىقلىققا تولغان مەمۇرىي ئىشلار مۇلازىمىتى ئارقىلىق دۇنياغا تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان، سىغدۇرۇشچان جۇڭگونى نامايان قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.