تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

«گۈل ئىشى»نى كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قىلايلى

تاشقورغاندىكى ئۆرۈك چېچىكىنى سۈرەتكە تارتتىڭىزمۇ؟ خوتەننىڭ شاپتۇل چېچىكىنى كۆرۈپ كېلىشكە پۈتۈشتىڭىزمۇ؟

تېمپېراتۇرىنىڭ ئۆرلىشىگە ئەگىشىپ، نەچچە ئاي كۈمۈش لىباسقا ئورالغان شىنجاڭ رەڭگارەڭ گۈللەر بەس - بەستە پورەكلەپ ئېچىلىشنىڭ مۇقەددىمىسىنى تاقەتسىزلىك بىلەن باشلىدى، «كۆكلەم سەيلىسى قىلىپ گۈللەردىن ھۇزۇرلىنىش» باھاردىكى ئىستېمالنى جانلاندۇرىدىغان ئەڭ ياخشى مەنزىرە بولۇپ قالدى. ئەمدىلا ئاياغلاشقان چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، شىنجاڭنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمالىدا چېچەك مەزگىلىدىن پايدىلىنىپ، قىزغىن ئېشىش ۋەزىيىتى نامايان بولدى. ئۇنىڭدىن كېيىنلا، يەنە ھەر پەسىلدە گۈللەر ئېچىلىپ، شىنجاڭنىڭ «گۈل ئىشى»نى ياخشى قىلىشى ئۈچۈن شارائىت ھازىرلاندى، قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ ساياھەتچىنىڭ قەلبىنى مايىل قىلىشتا، بۇ ئىشنى قانداق قىلىپ كۆڭۈل قويۇپ ياخشى قىلىشقا قاراش كېرەك.

«گۈل سەيلىسى ئىقتىسادى» گۈلدىن باشلىنىدۇ، لېكىن ئۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان مەزمۇن گۈل ئىشلىرى دائىرىسىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتتى. ھازىر مەززىلىك تائاملارغا ئېغىز تېگىش، ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش، گۈل ئۈزۈش گۈل سەيلىسى قىلىپ بايرام ئۆتكۈزۈشتىكى «كونا ئۈچ تۈر»گە ئايلاندى، قانداق قىلغاندا ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ جەلپ قىلىدىغان تېخىمۇ كۆپ «يېڭى تۈرلەر»نى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ؟ پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلار ئىستېمال يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى مەنزىرىسى بەرپا قىلىش ئۈستىدە ئۈزلۈكسىز ئىزدەنمەكتە.

گۈللەر رەڭگارەڭ پورەكلەپ ئېچىلىدۇ، مەدەنىيەت - ساياھەت يۇغۇرما ئىجادىيەت بوشلۇقىنى يەنە تېخىمۇ كۆپ ئىمكانىيەتكە ئىگە قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ئىستېمال يېڭى مەنزىرىسى يارىتىش كېرەك. لوياڭ مودەن مەدەنىيەت بايرىمىدا ساياھەت سۈرىتى تارتىش بىلەن سەيلە قىلىش پائالىيىتى قىزىقارلىق يۇغۇرۇلۇپ، «گۈللەر بىر - بىرىگە ھۆسن قوشۇش»تەك كۆركەم گۈزەللىك تۇيغۇسى نامايان قىلىنىپ، گۈل سەيلىسى قىلىدىغان ساياھەتچىلەر ئوخشاش بولمىغان تاللاشقا ئىگە قىلىندى. بېيجىڭ شەھىرىنىڭ يۈيۈەنتەن باغچىسى «كېچىلىك مەنزىرە ئەندىزىسى»نى يولغا قويۇپ، «شام يورۇتۇپ گۈللەردىن ھۇزۇرلىنىش»تەك رومانتىك كەيپىياتنى يارىتىپ، شەھەرنىڭ كېچىلىك ئىستىراھەت ئىستېمال مەنزىرىسىنى بېيىتتى؛ ۋۇخەندە «ئات چاپتۇرۇپ نورۇزگۈلىدىن ھۇزۇرلىنىش» ئارقىلىق گۈل ئىشى بىلەن مۇسابىقە ئىشىنى باغلاپ، «تەنتەربىيە + مەدەنىيەت - ساياھەت + سودا» ئەندىزىسىنى يېڭى خاسلىققا ئىگە قىلدى. بۇ «يېڭى تۈرلەر»گە تەپسىلىي قارىساق، بۇلارنىڭ ھەممىسىدە ئىستېمالچىلارنىڭ قاتنىشىش تۇيغۇسى، ھېس قىلىش تۇيغۇسىنى قاندۇرۇپ، گۈل سەيلىسى قىلغۇچىلارنى باھار مەنزىرىسىدە بىر قېتىم باش پېرسوناژ بولۇپ، تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلاملىق مەدەنىيەت - ساياھەتنى يۇغۇرۇش جەريانىدا قانائەت تۇيغۇسىغا ئېرىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش مەقسەت قىلىنغان.

گۈللەر ئېچىلسا، نۇرغۇن كەسىپ گۈللىنىدۇ. «گۈل سەيلىسى ئىقتىسادى» ئارقىلىق ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى قوزغىتىشتا، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا يەنىلا «ئادەم ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىش»تىن ئىبارەت بۇ ئاساسنى چىڭ تۇتۇش كېرەك. مەيلى يېمەك - ئىچمەك، ياتاق - تاماق، قاتناش قاتارلىق ئاساسىي مۇلازىمەتلەر بولسۇن ياكى مەدەنىيەت يىلتىزىنى ئىگىلەش، ئىجادىي يۇغۇرۇش مەنزىرىسى بولسۇن، ھەممىسىدە ئىستېمالچىلارنىڭ نۇقتىسىدا تۇرۇپ كۆڭۈل قويۇپ ئويلىنىشقا توغرا كېلىدۇ، شۇنداق قىلغاندىلا «يېڭى تۈرلەر»نى بارلىققا كەلتۈرگىلى بولىدۇ، گۈزەل گۈل دېڭىزى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ نەزەرىدىكى ئارزۇ قىممىتىنى تاپالايدۇ.

(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش خەت ساندۇقى: xjrbplb@126.com)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.