تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقاتتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش توغرىسىدىكى پىكىر»(تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقىتىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك ئىشقا ئورۇنلىشىشقا مۇلازىمەت قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.

«پىكىر»دىكى ئومۇمىي تەلەپ: شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيى ۋە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 2 -، 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، تەربىيەلەش، يېتىشتۈرۈش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇپ، كەسىپ ھالقىسىنىڭ ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياجى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش ھالقىسىدىكى باھالاش، قايتما ئىنكاس قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، يېتىشتۈرۈش، تەمىنلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش، خىزمەت ئىزدەش، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش، يار - يۆلەك بولۇش، ياردەم بېرىش، تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە باھالاش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى پۈتۈن زەنجىر بويىچە ئەلالاشتۇرۇپ، ئۆگەنگەنلىرى، ئارتۇقچىلىقلىرىنى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى يارىتىپ، تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ئۇدۇللاشتۇرۇش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئادەم بىلەن ئىش ئورنى ماس كېلىش، ئادەم ئىشلىتىشتە ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇش، ھەركىم ئۆز قابىلىيىتىنى تولۇق جارى قىلدۇرالايدىغان بولۇشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ۋە مۇقىملىقىنى ئۆستۈرۈش. ئۈچ يىلدىن بەش يىلغىچە سىجىل تىرىشىش ئارقىلىق، پۈتۈن خادىملارنى قاپلىغان، ئىقتىدارى مۇكەممەل، كاپالىتى كۈچلۈك بولغان مۇلازىمەت سىستېمىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن بەرپا قىلىپ، ئالىي مەكتەپلەرنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئىشقا ئورۇنلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا كاپالەت بىلەن تەمىنلەش.

«پىكىر»دە مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: يېتىشتۈرۈش، تەمىنلەش سىستېمىسى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ. ئىختىساسلىقلارنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشى ھەم تەمىنلەش - ئېھتىياج ئەھۋالىغا ئىلمىي ھۆكۈم قىلىنىپ، ئىختىساسلىقلارغا بولغان ئېھتىياج سانلىق مەلۇمات ئامبىرى قۇرۇلۇپ، ئىختىساسلىقلارغا بولغان تەمىنلەش - ئېھتىياج مۇناسىۋىتىنى ئالدىن كۆرەرلىك تەھلىل قىلىش قانات يايدۇرۇلىدۇ. تەمىنلەش بىلەن ئېھتىياجنى ماسلاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش يېتەكچى قىلىنىپ، ئالىي مائارىپ كەسىپلىرى ۋە بايلىق قۇرۇلمىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشىلىپ، ئالىي مائارىپنىڭ كۆلىمى، قۇرۇلمىسى، سۈپىتىنى ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات تەلىپىگە تېخىمۇ ئۇيغۇنلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇنىدۇ. ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى، ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈش بىلەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا ھەمتۈرتكە بولۇش مېخانىزمى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى تەقسىملەش ئۇسۇلى ئەلالاشتۇرۇلۇپ، ئالىي مەكتەپلەرنىڭ تېخىمۇ جانلىق ئۆگىنىش تۈزۈمى ئورنىتىشىغا ئىلھام بېرىلىپ، كەسىپ ئالماشتۇرۇش، باشقا كەسىپلەرنى قوشۇمچە ئۆگىنىش قاتارلىق بەلگىلىمىلەر مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ.

«پىكىر»دە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: ئىشقا ئورۇنلىشىشقا يېتەكچىلىك قىلىش سىستېمىسى كۈچەيتىلىپ، خىزمەت ئىزدەش، خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش سىستېمىسى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، يار - يۆلەك بولۇش ۋە ياردەم بېرىش سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، تەكشۈرۈپ بېكىتىش، باھالاش سىستېمىسىدا يېڭىلىق يارىتىلىدۇ. كەسپىي ھايات تەربىيەسى ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىشقا بولغان يېتەكچىلىك كۈچەيتىلىپ، دۆلەتنىڭ بىر تۈركۈم يىرىك پىلان ئوقۇتۇش ماتېرىيالى، ئۈلگە كۆرسىتىش دەرسلىكى ۋە ئوقۇتۇش نەتىجىلىرى يارىتىلىدۇ، ئىشقا ئورۇنلىشىش تەربىيەسى بارلىق خادىملىق، پۈتۈن جەريانلىق، ھەر تەرەپلىمە ئادەم تەربىيەلەشتىكى مۇھىم مەزمۇن قىلىنىپ، توغرا بولغان ئىشقا ئورۇنلىشىش قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇشقا يېتەكچىلىك قىلىنىپ، ئىشقا ئورۇنلىشىش پىراكتىكىسى ۋە پىراكتىكا تۈزۈمى تاكامۇللاشتۇرۇلىدۇ. مەكتەپلەردە خىزمەتكە تەكلىپ قىلىش ۋە ئىشقا ئورۇنلىشىش بازىرى مۇلازىمىتى كۈچەيتىلىپ، بىر تۈركۈم رايون خاراكتېرلىك، كەسىپ خاراكتېرلىك ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرى قۇرۇلۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى قاتارلىقلارنىڭ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرگە بولغان ئېھتىياجى قېزىپ چىقىلىپ، خىزمەتچى تەكلىپ قىلىش ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەرتىپى ئەلالاشتۇرۇلىدۇ، قېلىپلاشتۇرۇلىدۇ. كۆپ خىل ئاساسىي گەۋدىلەرنىڭ رولى جارى قىلدۇرۇلۇپ، بازارلاشقان، ئىجتىمائىيلاشقان ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش يوللىرى كېڭەيتىلىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنىڭ يېڭى ئېشىش نۇقتىسى ئېچىلىدۇ. قىيىنچىلىقى بارلارغا يار - يۆلەك بولۇش مېخانىزمى تاكامۇللاشتۇرۇلۇپ، يار - يۆلەك بولۇش ئوبيېكتى مۇلازىمەت ۋە ياردەم بىلەن تەمىنلىنىپ، مەكتەپتىن ئايرىلغان، ئەمما ئىشقا ئورۇنلاشمىغان ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ھەقىقىي ئىسمى بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا يار - يۆلەك بولۇش تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «ئۇلۇغۋار ئىرادە تىكلىگەنلەرنىڭ سەپەرگە ئاتلىنىشىغا ياردەم بېرىش» ئىشقا ئورۇنلىشىش ئىقتىدارى بويىچە تەربىيەلەش تۈرى يولغا قويۇلۇپ، تەربىيەلەشنىڭ قاپلاش دائىرىسى تەرتىپلىك كېڭەيتىلىدۇ. ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش بازىرىدىكى ئىش ئورنى ئېھتىياجى ۋە مەكتەپ پۈتكۈزگەنلەرنىڭ خىزمەت ئىزدەش مۇددىئاسى قاتارلىقلار دەل ۋاقتىدا ئىگىلىنىپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش سۈپىتى ۋە خىزمىتىنى باھالاش نەتىجىسىدىن پايدىلىنىش كۈچەيتىلىدۇ، بۇ، ئالىي مەكتەپنىڭ مائارىپ ئوقۇتۇشى ۋە پەن قۇرۇلۇشىنى باھالاش، «قوش بىرىنچى دەرىجىلىك» قۇرۇلۇش ئۈنۈمىنى باھالاش قاتارلىقلارنىڭ مۇھىم ئامىلى قىلىنىدۇ.

«پىكىر»دە مۇنداق تەلەپ قىلىندى: مەدەت بېرىش، كاپالەتلەندۈرۈش سىستېمىسى مۇستەھكەملىنىدۇ. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتىنى كۈچلۈك قۇرۇپ، ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمەت ئاپپاراتى، خادىملار، ئورۇن، خىراجەتتىن ئىبارەت «تۆتنى جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈش» تەلىپىنى بەلگىلىمە بويىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، كەسپىلەشكەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا يېتەكچىلىك قىلىش ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەنلەرنى ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش تەتقىقاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش كېرەك. رەقەملەشكەن ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى يېڭى ئەندىزىسىنى كېڭەيتىپ، دۆلەتنىڭ داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇلازىمەت سۇپىسىنى كۈچلۈك قۇرۇپ چىقىش كېرەك. ئادىل ئىشقا ئورۇنلىشىش مۇھىتى ۋە ياخشى كەيپىيات يارىتىش كېرەك. تەشكىللەپ يولغا قويۇشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى كۈچەيتىش كېرەك.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.