بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان،
ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا مەدەت بېرىش مەبلىغى زور نىسبەتتە ئېشىپ 300 مىليارد يۈەنگە يەتتى.
مەدەت بېرىدىغان تۈر ھەم ياردەم پۇلنىڭ دائىرىسى يەنىمۇ كېڭەيدى.
ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تۈرىدىكى رەقەملىك مەھسۇلاتلارنىڭ ھەر بىرىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 2000 يۈەن،
يان تېلېفون تۈرىدىكى رەقەملىك مەھسۇلاتلارنىڭ ھەر بىرىگە ئەڭ كۆپ بولغاندا 500 يۈەن ياردەم پۇل بېرىلدى،
كونا ئاپتوموبىلنى سېتىۋېتىپ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل سېتىۋالسا ھەر بىر ئاپتوموبىلغا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 15 مىڭ يۈەن ياردەم پۇل بېرىلدى!
توكلۇق ۋېلىسىپىتكىمۇ ياردەم پۇل بېرىلدى!
ھازىر كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرسىڭىز، باھاسى ناھايىتى مۇۋاپىق!
1. يان تېلېفون، تاختا كومپيۇتېر قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتلار، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز بۇ يەرگە قاراڭ ←
يان تېلېفون قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتلارنى سېتىۋېلىش ۋە ئائىلە ئېلېكتر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشقا ئائىت سىياسەتلەرنى بۇ كىچىك پىروگراممىنى ساۋما قىلىپ كىرىپ سۈرۈشتۈرسىڭىز بولىدۇ↑
ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى:
(1) ئېھتىياجىڭىزغا ئاساسەن، يان تېلېفون قاتارلىق رەقەملىك مەھسۇلاتلارنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ھەم ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇشنى تاللاڭ.
(2) ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق شەھەرنى تاللاپ، كۆرسەتمە بويىچە شۇ جاينىڭ سىياسىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، ئالاقىدار ئېتىبارلارنى تاللاپ ئېلىڭ.

02 كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرماقچى بولسىڭىز بۇ يەرگە قاراڭ←
كونا ئاپتوموبىلنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلى ئىلتىماس قىلىشتا

بۇ كىچىك پىروگراممىنى ساۋما قىلىپ كىرىپ ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ↑
ئىلتىماس قىلىش ئۇسۇلى:
(1) «2025-يىللىق براك قىلىش- يېڭىلاشنى ئىلتىماس قىلىش كىرىش ئېغىزى»نى چېكىپ كىرىڭ.


(2) ياردەم پۇل قوبۇل قىلىنىدىغان جاينى تاللاپ، كۆرسەتمە بويىچە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ، كېيىنكى قەدەمنى چېكىڭ.

(3) كۆرسەتمە بويىچە، ئىلتىماس قىلغۇچىنىڭ ئۇچۇرى، بىراك قىلىنىدىغان ئاپتوموبىل ئۇچۇرى، يېڭى ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش ئۇچۇرىنى تولدۇرۇپ، ئاپتوموبىلنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش ياردەم پۇلىنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ.

ساۋما قىلىپ كىچىك پىروگراممىغا كىرىپ
سىياسەتنى قولاي ھالدا سۈرۈشتۈرۈڭ
بىر كۇنۇپكىنى بېسىپلا ياردەم پۇلنى ئىلتىماس قىلالايسىز.
«شىنجاڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى