□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەن
3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى سائەت 10لاردا، لوپنۇر ناھىيەسىنىڭ ئىتتىپاق بازىرىدىكى سودىگەرلەر دۇكانلىرىنى ئەمدى ئېچىپ تۇرۇشىغىلا، يۈ ياڭ ۋە خىزمەتداشلىرى چوڭ ـ كىچىك سومكىدىكى ماتېرىياللارنى ئېلىپ دۇكانغا كەلدى. «ھەسەنجان ئۇستام، سىز ئايلىق سېتىش سوممىسى 100 مىڭ يۈەندىن تۆۋەن بولغان كىچىك كۆلەملىك باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ قوشۇلما قىممەت بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولدىڭىز، بۇ، پايدا تىزىملىكى ۋە خەلققە قولايلىق باج بېجىرىش ئالاقە كارتىسى، ياخشى ساقلاڭ» دېدى يۈ ياڭ بىر سامسا دۇكىنىنىڭ ئالدىدا دۇكان ئىگىسىگە تىزىملىكنى سۇنغاچ.
يۈ ياڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: پايدا تىزىملىكى باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنىڭ پايدا ھېسابات تالونى بولۇپ، باج تاپشۇرغۇچىلار ۋە ھەق تاپشۇرغۇچىلارنىڭ باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ پايدا ھېساباتىنى ئېنىق، ئىنچىكە ھېسابلىشىغا ياردەم بېرىدۇ.
يۈ ياڭ دۆلەت باج باش ئىدارىسى لوپنۇر ناھىيەلىك باج ئىدارىسى قانۇنچىلىق بۆلۈمچىسىنىڭ باشلىقى، 3 ـ دەرىجىلىك مەسئۇل ئىش بېجىرگۈچى، شۇنداقلا غەربىي قىسىم پىلانىغا قاتنىشىپ شىنجاڭدا قالغان پىدائىي.
2017 ـ يىلى يازدا، ئۇ 3000 كىلومېتىردىن ئارتۇق مۇساپىنى بېسىپ، خېبېي ئۆلكىسىنىڭ تاڭشەن شەھىرىدىن شىنجاڭنىڭ لوپنۇر ناھىيەسىگە كەلدى. دەسلەپتە يۈ ياڭ لوپنۇر ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى ئىشخانىسىدا مۇلازىمەت قىلدى. 2018 ـ يىلى، ئۇ دۆلەت مەمۇرلۇق ئىمتىھانىدىن ئۆتۈپ، لوپنۇر ناھىيەلىك باج ئىدارىسىگە خىزمەتكە چۈشكەندىن كېيىن، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر ئانىسى تۇنساخان قادىر بىلەن تونۇشتى. ئۇلار تۇنجى قېتىم كۆرۈشكەندىلا، تۇنساخان ئۇنىڭ قولىنى تۇتۇپ تۇرۇپ: «بالام، سىز بەك ئورۇق ئىكەنسىز!» دېدى. ئۇنىڭ شىنجاڭدا يالغۇز ئىكەنلىكىنى بىلگەندىن كېيىن، تۇنساخان دائىم ئۇنى ئۆيىگە تاماققا تەكلىپ قىلدى، ئۇدا ئالتە يىل باھار بايرىمىدا بەنشىر تۈگۈپ ئۇنى ساقلاپ، ئۇنىڭغا ئائىلىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھېس قىلدۇردى.
كىشىلەر دائىم يۇرتىدىن ئايرىلىپ يىراق جايدا تۇرۇۋاتقان ئادەم يالغۇزلۇق ھېس قىلىپ قالىدۇ، دېيىشىدۇ، لېكىن يۈ ياڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەتراپىدىكى كىشىلەر ئۇنىڭغا ئۇرۇق ـ تۇغقىنىدەك ئىللىقلىق بېغىشلاپ، ئۇنىڭ شىنجاڭدا قېلىش ئىرادىسىنى چىڭىتتى.
باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش خىزمىتى بىر تۈرلۈك مۇھىم ۋەزىپە بولۇپ، بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق بەھرىمەن قىلىش، بىرمۇ ئائىلىنى چۈشۈرۈپ قويماسلىقنى تەلەپ قىلىدۇ. قارىماققا ئاددىيدەك كۆرۈنىدىغان بۇ خىزمەت باج قايتۇرۇش، باج كېمەيتىش بويىچە مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ئالاقىچى يۈ ياڭ ئۈچۈن ئېيتقاندا، ئېنىقلاشنى كۈتۈپ تۇرغان نەچچە ئونمىڭ سانلىق مەلۇمات، باج تاپشۇرۇش سىياسىتى بويىچە نەچچە مىڭ قېتىملاپ مەسلىھەت بېرىش، سوئاللارغا جاۋاب بېرىش، سىياسەت كەسپى بويىچە نەچچە يۈز قېتىملىق تەربىيەلىنىش ھېسابلىنىدۇ.
لوپنۇر ناھىيەلىك باج ئىدارىسىگە دەسلەپتە كەلگەن چاغدىكىدىن قانۇنچىلىق بۆلۈمچىسىنىڭ باشلىقى بولغۇچە، يۈ ياڭ پۈتۈن ناھىيەدىكى يېزا ـ كەنتلەرنى تولۇق ئايلىنىپ، كوللېكتىپنى يېتەكلەپ باجنى كېمەيتىش، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈردى، بۇ، 6000دىن ئارتۇق باج تاپشۇرغۇچىنى قاپلاپ، «بەھرىمەن بولۇشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق بەھرىمەن قىلىش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
2019 ـ يىلى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى غەربىي قىسىم پىلانى بويىچە مۇنەۋۋەر پىدائىيلارنىڭ ئىلغار ئىش ـ ئىزلىرىدىن لېكسىيە سۆزلەش ئۆمىكىنى خېبېيغا بېرىشقا تەشكىللىدى، يۈ ياڭ ئۆز كەچۈرمىشى ئارقىلىق ئۆزىگە ئوخشاش غايىگە ئىگە ئوقۇغۇچىلارنى شىنجاڭغا كېلىشكە چاقىرىق قىلدى. ئۇلار 15 كۈندە 23 ئالىي مەكتەپكە بېرىپ، 5000دىن ئارتۇق ئوقۇش پۈتكۈزگەن ئوقۇغۇچىنى قوبۇل قىلىپ تىزىمغا ئالدۇردى، ياشلىق باھارى ۋە ئوتتەك قىزغىنلىقى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنىڭ غەربىي قىسىمغا، ئاساسىي قاتلامغا، ۋەتەن ئېھتىياجلىق جايلارغا بېرىشىغا تەسىر كۆرسەتتى.
«شىنجاڭ تىلغا ئېلىنسا، بەزىلەر شېئىر ۋە يىراقتىكى جاي دېگەن سۆز بىلەن سۈپەتلەشكە ئامراق، مېنىڭ قەلبىمدە، بۇ يىراقتىكى جاي ئەمەس، بەلكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ مېھىرلىك تۇپرىقى» دېدى يۈ ياڭ.
باج ئىدارىسىدا، يۈ ياڭنىڭ ئىشخانىسىنىڭ چىرىغى دائىم يېرىم كېچىگىچە يورۇپ تۇرىدۇ. 2022 ـ يىلى، يېڭى بىرىكمە شەكىلدىكى باج ـ ھەق مەدەت سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئۈچۈن، ئۇ ئۇدا ئۈچ ئاي ئىشخانىسىدا «مىخ»تەك ئولتۇردى، خىزمەتداشلىرى ئۇنى «مەڭگۈ ئايلىنىپ تۇرىدىغان موتور»غا ئوخشايدۇ، دېدى.
شۇ يىلى «1 ـ ماي»دىكى دەم ئېلىش مەزگىلىدە، يۈ ياڭ ئىككى خىزمەتدىشى بىلەن ئاپتوموبىل ھەيدەپ ناھىيە بازىرىدىن 100 نەچچە كىلومېتىر يىراقلىقتىكى قارچۇغا يېزىسىغا بېرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى «خەلققە قولايلىق باج بېجىرىش ـ ھەق تاپشۇرۇش بىۋاسىتە قىزىق لىنىيەسى» مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى. ئۇلار سائەت 6دە يولغا چىقتى، يېرىم يولدا ئاپتوموبىلنىڭ چاقى ئېتىلىپ كەتتى، ئۈچەيلەن بارلىق ھۈنىرىنى ئىشقا سېلىپ ئاندىن زاپاس چاقنى ئالماشتۇرۇپ قايتىدىن يولغا چىقتى، ئۈستبېشى توپا ھالدا كەنتكە كېلىپ ئارام ئېلىشقا ئۈلگۈرمەيلا نەق مەيداندا ئىش بېجىرىپ، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ باج بېجىرىش ـ ھەق تاپشۇرۇش قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى. «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سەمىمىي تەبەسسۇمىنى كۆرۈپ، ھەرقانچە جاپا تارتساممۇ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلدىم» دېدى يۈ ياڭ.
بۈگۈنكى كۈندە، يۈ ياڭنىڭ ئىشخانىسىدىكى تامدا ئىككى پارچە خەرىتە ئېسىلغان: بىر پارچىسىدا پۈتۈن ناھىيەدىكى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىلىرىنىڭ جايلىشىشى ئەسكەرتىلگەن، يەنە بىر پارچىسى بولسا ئۇ قولدا سىزغان «سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش يول خەرىتىسى». دېرىزە تەكچىسىگە تۇنساخان ئانىسى سوۋغا قىلغان گۈل قويۇلغانىدى.
بۇ يىل، باج ـ ھەق ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش خىزمىتىنى تېخىمۇ ياخشى تاماملاش ئۈچۈن، يۈ ياڭ نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش، ئىشقا ئورۇنلىشىش ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىش سانلىق مەلۇمات سېلىشتۇرما مودېلىنى تۈزۈش بىلەن ئالدىراش بولۇپ كەتتى.
3 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، يۈ ياڭ خۇشال ھالدا مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: يېقىندا، لوپنۇر ناھىيەلىك باج ئىدارىسى ۋە يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا تارماقلىرى، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى تارماقلىرى سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش كېلىشىمى ئىمزالىدى، ھەمكارلىشىپ ئورتاق ئىدارە قىلىش، سانلىق مەلۇماتلارنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق، سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش شەرتىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان كىشىلەر توپىنى دەل جايىدا بېكىتىپ، پۇقرالارنى ئۆيدىن چىقماي تۇرۇپلا باج ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغىلى بولىدۇ.