− جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتى
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ قانۇنچىللىق گېزىتى مۇخبىرى فاڭ جياۋېي
ھازىر شىنجاڭدا، پامىر ئېگىزلىكىدىن جۇڭغار ئويمانلىقىغىچە، تەكلىماكان قۇملۇقىدىن ئالتاي تېغى ئېتىكىگىچە، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى پۇختا، چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلماقتا.
بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەرقايسى جايلار جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تۇتقا قىلىپ، بايلىقنى بىرىكتۈرۈش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، پەن ـ تېخنىكا كۈچ قوشۇش ئارقىلىق ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا دائىر تۈرلۈك مېخانىزملارنى تېخىمۇ جانلىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك قىلدى، كۈچنى تېخىمۇ مەركەزلەشتۈرۈپ بىرلىككە كەلتۈردى، مۇلازىمەتنى تېخىمۇ پۇختا، ئۈنۈملۈك قىلدى، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى «بىر پونكىت شەكلى»دە قوبۇل قىلىش، بىرتۇتاش مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلىش، پۈتۈن زەنجىرلىك ھەل قىلىشتا، خەلق ئاممىسىنىڭ ھەربىر ئىلتىماس ـ تەلىپىنى بېجىرىدىغان ئادەم بولۇشقا، قانۇن بويىچە بېجىرىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق ئاممىسىنى زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلىشتا «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر جايغا قاتراش» ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ئاساسىي قاتلامدا ھەل قىلىپ، ئاممىغا «بىرلا ئىشىكتىن كىرىش، مىڭلىغان ـ تۈمەنلىگەن غەم ـ ئەندىشىنى تۈگىتىش»تىن ئىبارەت ئىدارە قىلىش ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇردى.
بايلىقنى بىرىكتۈرۈش:
«كۆپ تەرەپكە قاتراش»تىن «بىر پونكىت شەكلىدە بېجىرىش»كىچە
قاراماي شەھىرى قاراماي رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىگە كىرگەندە، 15 مۇلازىمەت كۆزنىكىنىڭ خەلق مۇرەسسەسى، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش، دەۋا ئىشلىرى مۇلازىمىتى، ئەرز قوبۇل قىلىش قاتارلىق فۇنكسىيەلەر بىلەن قاپلانغانلىقىنى كۆرگىلى بولىدۇ، ئامما ئېھتىياجىغا قاراپ ئورۇننى تاللىسىلا كەسپىي كۈچلەر بىلەن ئۇدۇللىشالايدۇ. بۇ يىل 3 ـ ئايدا، ئىشچى ليۇ ئۇستام بۇ رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىدە بىر قېتىملىق «پۈتۈن زەنجىرلىك» مۇلازىمەتنى بىۋاسىتە ھېس قىلدى: ئەمگەك رېۋىزىيە تارماقلىرى ئىش ۋاقتىنى بېكىتىپ بەردى، ئادۋوكات ئىش ھەققىنى تۆلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ بەردى، سوتچى خىزمەت مىقدارىنى تەكشۈرۈپ بېكىتتى. ناھايىتى تېزلا نېسى قالغان 200 مىڭ يۈەن ئەمگەك مۇلازىمەت ھەققى ئوڭۇشلۇق ھالدا ھېساباتقا كىردى.
«ئىلگىرى يەتتە ـ سەككىز تارماققا قاترايتتۇق، ھازىر بىر ئىشىكتىن كىرسەكلا ھەل بولىدىكەن!» دېدى ليۇ ئۇستام ھاياجانلانغان ھالدا.
بۇ خىل مەنزىرە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركەزلىرى زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلىپ، ئاممىنىڭ ھەربىر ئىلتىماس ـ تەلىپىنى بېجىرىدىغان ئادەم بولۇش، قانۇن بويىچە بېجىرىشنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.
بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى دائىرىلەشتۈرۈپ مۇلازىمەت قىلىش، دەۋا ئىشلىرى مۇلازىمىتى، ئەرز قوبۇل قىلىش قاتارلىق 12 تارماق، ئورۇننىڭ مەركەزلىك ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «زىددىيەتلەرنى ھەل قىلىشنىڭ يولى بولۇش، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىش كاپالەتكە ئىگە بولۇش»نى ئىشقا ئاشۇردى؛ توققۇزتارا ناھىيەسى ناھىيە، يېزا، كەنتتىن ئىبارەت ئۈچ دەرىجىلىك ھەمتۈرتكە بولۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، «3715» سۈرۈك ئىچىدە بېجىرىپ ئاخىرلاشتۇرۇش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، %90تىن ئارتۇق ماجىرالارنى يېزا ـ بازار دەرىجىلىكتىن تۆۋەن ئورۇنلاردا ھەل قىلدى؛ قاراقاش ناھىيەسى دائىملىق تۇرۇشلۇق 16 ئورۇننى بىرىكتۈرۈپ، ئۆيلىنىش ـ مۇھەببەتلىشىش ۋە ئائىلە، يول قاتنىشى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى كەسپىي مۇرەسسە تەشكىلاتلىرىنى ئورۇنلاشتۇردى، بۇنىڭ بىلەن مۇرەسسەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21 ئاشتى.
قاراماي شەھىرى مايتاغ رايونلۇق جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىدە، ئۇچۇرلاشقان خىزمەت سۇپىسىدا ئەقلىي ئىقتىدارلىق بېجىرىشكە يېتەكچىلىك قىلىش، تۈرگە ئايرىپ بېجىرىشكە ئۆتكۈزۈپ بېرىش قاتارلىق فۇنكسىيەلەر توپلاشتۇرۇلۇپ، «قوبۇل قىلىش ـ تەقسىم قىلىش ـ بىر تەرەپ قىلىش ـ قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇش»تىن ئىبارەت تۆت قەدەملىك خىزمەت ئۇسۇلى ئەمەلدە كۆرسىتىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىدە 24 سائەت «ۋاقتىدا ئىنكاس قايتۇرۇش، دەل جايىدا بىر تەرەپ قىلىش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئاھالە نيۇ ئەپەندى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنىڭ ئۇچۇرلاشقان خىزمەت سۇپىسىدا بىر تۈرلۈك ئىلتىماس ـ تەلىپىنى تاپشۇرغانىدى، ئىككى سائەتتىلا جاۋابقا ئېرىشتى.
ساۋەن شەھەرلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىدە، 20دىن ئارتۇق خىزمەتچى خادىم سۇپىدا ماجىرالارنى ئەمەلىي ۋاقىتتا كىرگۈزدى، ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى ئىزلاپ تەكشۈردى، ئامما توردا ئىلتىماس ـ تەلىپىنى تاپشۇرغاندىن كېيىن، سىستېما ئاپتوماتىك ھالدا مەسئۇل تارماققا ئەۋەتىپ ماھىيەتلىك ھەل قىلىشقا تاپشۇرۇپ بەردى. قاراقاش ناھىيەلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى «ھەر تەرەپلىمە تۈزەش + دائىرىلەشتۈرۈش» ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، ئاقىل سۇپىدا سانلىق مەلۇماتلارنى «بىر تېرمىنالدا توپلاش، بىر مەركەزدە ئورتاق بەھرىلىنىش»نى ئىشقا ئاشۇردى.
چىڭگىل ناھىيەلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىدە، بۇ يىل 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، خىزمەت سۇپىسى ئۈچ ۋەزىپىنىڭ تاپشۇرۇۋېلىنمىغانلىقى توغرىسىدا ئاپتوماتىك ئالدىن سىگنال بەردى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش كادىرى بايتاق ماقسات دەرھال بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش تەرتىپىنى قوزغىتىپ، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈزىتىشنى شۇ كۈنىلا تاماملىدى. بۇ يىل 1 ـ پەسىلدە، بۇ ناھىيەدە زىددىيەت ـ ماجىرالار سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12.4 تۆۋەنلەپ، ئامانلىق دېلوسىنىڭ سانى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %38.46 تۆۋەنلەپ، كىچىك زىددىيەت ـ كىچىك ماجىرالار ئۆز جايىدا ھەل قىلىندى.
مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش:
يەككە ھەرىكەت قىلىشتىن ھەمكارلىشىپ ئىدارە قىلىشقىچە
كېرىيە ناھىيەلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنىڭ مۇرەسسە ئىشخانىسىدا، مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خەلق مۇرەسسەچىسى يۈز كۆرۈشتۈرمەي مۇرەسسە قىلىش ئۇسۇلىنى قوللىنىپ بىر قاتناش ھادىسىسى تۆلەم ماجىراسىنى بىر تەرەپ قىلىۋاتاتتى. بىر مەھەل قانۇننى چۈشەندۈرۈپ، ھېسسىيات جەھەتتىن يېتەكلىگەندىن كېيىن، ئالاقىدار ئىككى تەرەپ 400 مىڭ يۈەنلىك تۆلەم كېلىشىمى ھاسىل قىلدى. بۇ مەركەزنىڭ مەسئۇلى جۇ مىڭمىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز ئۈچ دەرىجىلىك زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پىسخىكا جەھەتتىن يېتەكلەش ئىشخانىسى، يىراق مۇساپىلىك مۇرەسسە ئىشخانىسى قاتارلىق ئون فۇنكسىيە رايونى تەسىس قىلىپ، ئىلتىماس ـ تەلەپلەرنى قوبۇل قىلىدىغان ئادەم بولۇش، بېجىرىدىغان ئادەم بولۇش، ئىزلاپ تەكشۈرىدىغان ئادەم بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدۇق.» ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، بۇ يىلدىن بۇيان، بۇ مەركەز 230دىن ئارتۇق ماجىرانى مۇرەسسە قىلىپ بىر تەرەپ قىلغان بولۇپ، چېتىشلىق سوممىسى 10 مىليون يۈەندىن ئاشقان.
باي ناھىيەسى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئارقىلىق بايلىقنى بىرىكتۈرۈپ، ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، كۆپ خىللاشقان فۇنكسىيەلىك رايون بەرپا قىلىپ، كۆپ تارماقنى ھەمكارلىشىپ ئورۇنلىشىشقا جەلپ قىلىپ، «بىر پونكىت شەكلى»دە زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلىش مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئەمگەك ماجىراسى قاتارلىق خەلق تۇرمۇشى ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك ھەل قىلدى. بۇ مەركەز مەمۇرىي توسۇقنى بۇزۇپ تاشلاش، تارماقلارنىڭ ماسلىشىشىغا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ئۆز جايىدا ھەل قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شۇ جايدىكى ئامما ئاغزى ـ ئاغزىغا تەگمەي ماختايدىغان «غەم ـ ئەندىشىنى تۈگىتىش پونكىتى»غا ئايلاندى.
توققۇزتارا ناھىيەسىنىڭ «ئۈچ ئۆلچەملىك كۈچ قوشۇش» مېخانىزمى ئوخشاشلا كۆزنى چاقنىتىدۇ: جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى «بىرىنچى باشلىق» قۇرۇلۇشى قاتارىغا كىرگۈزۈپ، «ئۈچ تورنى يۇغۇرۇش» ئىدارە قىلىش ئەندىزىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «ئالدىنقى ئۇچتا ئالدىن سىگنال بېرىش، ئوتتۇرا ئۇچتا بىر تەرەپ قىلىش، ئاخىرقى ئۇچتا قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇش» پۈتۈن زەنجىرلىك سىستېمىنى چوڭقۇرلاشتۇردى. يېقىندا، بۇ مەركەز ياڭ Xنىڭ يېزا ئىگىلىك ماددىي ئەشيالىرىنى نېسى قالدۇرۇش دېلوسىنى بىر تەرەپ قىلغاندا، مۇرەسسەچىلەر دەۋالاشقۇچىلارنىڭ ئەمەلىي قايتۇرۇش ئىقتىدارىغا ئاساسەن، شارائىتىغا قاراپ مۇددەتكە بۆلۈپ تۆلەش لايىھەسىنى تۈزۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ قول ئېلىشىپ يارىشىپ قېلىشىغا تۈرتكە بولدى. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، بۇ ناھىيەدىكى زىددىيەت ـ ماجىرالارنىڭ ھەل قىلىنىش نىسبىتى %96.9كە يەتكەن.
«رەھمەت سىلەرگە، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى ھەقىقەتەن <قەلبلەرنى ئىللىتىش پونكىتى> ئىكەن!» 3 ـ ئاينىڭ 28 ـ كۈنى، بورتالا شەھىرى ئاھالىسى ۋاڭ X جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىدە قۇرۇلۇش پۇلىنى بېرىش كېلىشىمىنى ئالغاندىن كېيىن ناھايىتى ھاياجانلاندى. قولىدا پەقەت يوقلىما جەدۋىلى، قەرز ھۆججىتىلا بار بولغان ئالاھىدە ئەھۋالغا قارىتا، مۇرەسسەچى شۈ ياڭ سوت مەھكىمىسى، تۇرالغۇ ۋە شەھەر ـ يېزا قۇرۇلۇشى ئىدارىسى قاتارلىق تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ھەرىكەتلىنىپ، قۇرۇلۇش قىلغۇچى تەرەپكە قانۇندىكى بەلگىلىمىلەر ھەم قانۇنغا خىلاپلىق قىلىشنىڭ ئاقىۋىتىنى ئېنىق سۆزلەپ، ئۇلارنىڭ قانۇنىي جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، پۇلنىڭ تولۇق بېرىلىشىگە تۈرتكە بولدى.
ئارشاڭ ناھىيەلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى «كۈچنى ئاساسىي قاتلامغا ئەۋەتىش، مۇلازىمەتنى ئاساسىي قاتلامغا مايىللاشتۇرۇش» خىزمەت ئۇسۇلىنى يولغا قويدى، 162 كەسپىي خادىم ھەر ھەپتىدە مەھەللە(كەنت)گە چوڭقۇر چۆكۈپ، مۇلازىمەتنى ئىشىك ئالدىغىچە يەتكۈزۈش شەكلى ئارقىلىق ئاممىنىڭ قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلدى. گۇچۇڭ ناھىيەلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى ئىقتىسادىي ماجىرا، زىيان تۆلىمى، ئائىلە، قوشنىلار ماجىراسى قاتارلىق ئالتە مۇرەسسە ئىشخانىسىنى ئالدىن تەسىس قىلىپ، «ئۈچ مۇرەسسە ھەمتۈرتكە بولۇش»تىن ياخشى پايدىلىنىپ، «ئالتۇن باشاق» مۇرەسسە ماركىسىنى سىجىل يارىتىپ، زىددىيەت ـ ماجىرالارنى كۆپ خىل ھەل قىلىشنى ئىلگىرى سۈردى. بۇ يىلدىن بۇيان، بۇ ناھىيەلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى ئايدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 500دىن ئارتۇق ماجىرانى قانۇن بويىچە تۈرگە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلدى.
قاراماي شەھىرى قاراماي رايونىدا، 30دىن ئارتۇق ئىشچى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنىڭ قانۇن ياردىمى كۆزنىكى ئارقىلىق ئىش ھەققىنى نېسى قالدۇرۇش دەۋاسىنى باشلىدى. بۇ مەركەزنىڭ مۇدىرى پى شياۋخۇڭ ئۇلارغا مۇنداق دېدى: «بۇ يەرگە كەلسەڭلەرلا بولدى، ئۈستۈنكى قەۋەتتە سوتخانا بار، سوتچىلار كېلىپ سوت ئاچىدۇ.» بۇ مەركەزدە ئەرزىيەت، مۇرەسسە، تەپتىش، كېسىم، دەۋا فۇنكسىيەسى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان، 21 تارماق ھەم جەمئىيەت تەشكىلاتى ئورۇنلاشقان بولۇپ، ماجىرالارنى ھەل قىلىشتا «مەخسۇس تۈر بويىچە قوبۇل قىلىش»نىڭ «پۈتۈن تۈر بويىچە قوبۇل قىلىش»قا ئۆزگىرىشىگە تۈرتكە بولدى، بۇ يىلدىن بۇيان مۇرەسسەنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %98تىن ئاشتى.
تۈجۈپىلىك ئىدارە قىلىش:
قاتتىق ماتېرىيال بەرپا قىلىشتىن ئىدىيەنى يېڭىلاشقىچە
شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركەزلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنىڭ چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىلىشى قاتتىق ماتېرىيال ئەسلىھەلىرىنى بەرپا قىلىشتا ئىپادىلىنىپلا قالماي، يەنە ئىدارە قىلىش ئىدىيەسىنى يېڭىلاشتا ئىپادىلەندى.
يوپۇغا ناھىيەسى ناھىيە، يېزا جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ناھىيە، يېزا، كەنت ئۈچ دەرىجە بويىچە «بىر پونكىت شەكلى»دە قوبۇل قىلىش ئارقىلىق، توردا ئۆتكۈزۈپ بېرىش، بىر تېرمىنالدا بىرتۇتاش باشقۇرۇش، سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت مۇلازىمەت ئەندىزىسى بەرپا قىلىپ، بىر مەركەزدە قوبۇل قىلىش، بىر سۇپىدا تەھلىل قىلىش، بىر پونكىت شەكلىدە مۇرەسسە قىلىش، تولۇق زەنجىرلىك قايتا ئەھۋال ئۇقۇشۇشتىن ئىبارەت «3 + X» خىزمەت ئەندىزىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتىدا يۇغۇرما مۇلازىمەت قىلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئاممىنى «ئەڭ كۆپ بولغاندا بىر جايغا قاتراتتى». بۇ يىلدىن بۇيان، بۇ ناھىيەلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى قانۇندىن مەسلىھەت سوراش، پىسخىكىدىن مەسلىھەت سوراش قاتارلىقلار بويىچە ھال ئېيتىپ كەلگەن ئاممىدىن 700 ئادەم قېتىمدىن ئارتۇقنى كۈتۈۋېلىپ، 400گە يېقىن زىددىيەت ـ ماجىرانى تىزىملاپ قوبۇل قىلدى، ھەل قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %99.24كە يەتتى.
سانجى شەھەرلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى كۆپ خىل ئورتاق ئىدارە قىلىش مۇداپىئە سېپى بەرپا قىلىپ، ھەر دەرىجىلىكنىڭ مەسئۇلىيەت ۋە ۋەزىپىسىنى تىك يۆنىلىشتە ئايدىڭلاشتۇرۇپ، شەھەر دەرىجىلىكلەر ئەمەلىي ۋاقىتتا ئورۇنلاشتۇرۇش، يېزا ـ بازار (كوچا باشقارمىسى) دەرىجىلىكلەر يېپىق ھالقىلىق بىر تەرەپ قىلىش، كەنت (مەھەللە) دەرىجىلىكلەر بالدۇر تۈگىتىش، كىچىكىدە تۈگىتىش مەسئۇلىيەت ئورۇن بېكىتمىسىنى بېكىتتى؛ ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇش يوللىرىنى توغرا يۆنىلىشتە راۋانلاشتۇرۇپ، «مەركەز ئومۇمىي ئىشلارنى باشقۇرۇش، سىياسىي ـ قانۇن ئورۇنلىرى ئاساسىي قوشۇن بولۇش، تارماقلار ماسلىشىش، ئامما قاتنىشىش» خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇردى. بۇ يىلدىن بۇيان، بۇ جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزىدە زىددىيەت ـ ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتى %98تىن ئاشتى.
ساۋەن شەھەرلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى قانۇنچىللىق ئاقىللار ئامبىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، چىگىش، مۇرەككەپ زىددىيەت ـ ماجىرالارغا قارىتا، كۆپ تارماق بىرلىشىپ بېجىرىش مېخانىزمىنى تېزدىن قوزغىتىپ، قانۇندىن مەسلىھەت بېرىدىغان باش مۇتەخەسسىسلەرنى «دىياگنوز قويۇش»قا تەشكىللەپ، ھەل قىلىش نىسبىتىنى %98.3كە يەتكۈزدى؛ بورتالا شەھەرلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى «تۇنجى بېجىرگەن ئورۇن مەسئۇل بولۇش، قوبۇل قىلغان ھامان بېجىرىش» خىزمەت مېخانىزمىنى يۈرۈشتۈرۈپ، ئاممىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسىنى %99تىن ئاشۇردى.
ئارا تۆرۈك ناھىيەلىك جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى بازا قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، بايلىق كۈچىنى بىرىكتۈرۈش، فۇنكسىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش، خىزمەت مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، رەقەملەشتۈرۈش ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كۈچ قوشۇش قاتارلىق بەش چوڭ تەدبىر ئارقىلىق، زىددىيەت ـ ماجىرالارنى «بىر پونكىت شەكلى»دە ھەل قىلىپ، يوشۇرۇن خەۋپ ـ خەتەرلەرنى «پۈتۈن دەۋرىيلىك» بىر تەرەپ قىلدى، بۇ يىلدىن بۇيان، پۈتۈن ناھىيەدە زىددىيەت ـ ماجىرالارنىڭ ھەل قىلىنىش نىسبىتى %98.4كە يېتىپ، ئامانلىق، جىنايى ئىشلار دېلولىرىنىڭ يۈزبېرىش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %12.5 ۋە %50 تۆۋەنلىدى، سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇرەسسە يولى بىلەن دېلونى ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.4 ئاشتى.
ھەرقايسى جايلارنىڭ ئەمەلىيىتى شۇنى كۆرسىتىپ بېرىدۇكى، جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركىزى زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلىشنىڭ «ئاخىرقى بېكىتى»، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىشتىكى «قەلبداشلىق كۆۋرۈكى»گە ئايلانغان.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى سىياسىي ـ قانۇن كومىتېتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل كىشى مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، يېڭى دەۋردىكى «فېڭچياۋ تەجرىبىسى»دە داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇپ، ناھىيە، يېزىلاردىكى جەمئىيەت ئامانلىقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەش مەركەزلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، «بىر پونكىت شەكلى»دە زىددىيەت ـ ماجىرالارنى ھەل قىلىش سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاساسىي قاتلام جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشنى شىنجاڭنىڭ ئەمەلىي لايىھەسى بىلەن تەمىنلەيمىز.