تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ «ئۆزەك»لىك كۈچى

□ ئانار بۇلۇت شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ جىلى

ئەتىيازلىق كۈن ـ تۈن تەڭلىشىش مەۋسۇمى ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، رەڭدار ئەتىيازلىق تېرىلغۇ خەرىتىسى شىنجاڭ تۇپرىقىدا جەنۇبتىن شىمالغا تەدرىجىي يېيىلدى، تۇپراققا چېچىلغان تۈرلۈك زىرائەت ئۇرۇقلىرى مول ھوسۇل ئۈمىدىنى يېتىلدۈرۈشكە باشلىدى.

ئۇرۇقلۇق يېزا ئىگىلىكىنىڭ «ئۆزىكى». پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدا كۆپ قېتىم مۇھىم يوليورۇق بېرىپ مۇنداق تەكىتلىدى: «سورتلۇق ئۇرۇقلۇق ئاشلىق ھوسۇلىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە ئىنتايىن ئاچقۇچلۇق رولغا ئىگە» «يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشتا ئۇرۇقلۇق ئاساس، جەزمەن مىللەتنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈش كېرەك»...

شىنجاڭ مەملىكەت بويىچە ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش چوڭ رايونى ۋە مۇھىم ئۇرۇقچىلىق كەسپى بازىسى. مەۋقەنى ئۆزگىچە سۇ، تۇپراق، يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق بايلىقى شارائىتىغا قويۇپ، شىنجاڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈشكە كۈچ قوشىدىغان سىياسەت سىستېمىسى، پەن تەتقىقات سىستېمىسى، كەسىپ سىستېمىسىنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كۆپ خىل تەدبىر ئارقىلىق زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپىدە يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، دۆلەتنىڭ ئاشلىق بىخەتەرلىكى ۋە يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى.

سىياسەت كاپالەتلەندۈردى

ئۇرۇقچىلىق كەسپى دولقۇن يېرىپ ئالغا ئىلگىرىلىدى

ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ باي ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ تيەنيۈ ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «تيەنيۈ ئۇرۇقچىلىقى» دېيىلدى)دە ئۇرۇقلۇق سېتىۋالغىلى كەلگەن ئاپتوموبىللار ئۈزۈلمەي كىرىپ چىقىپ تۇراتتى.

«يەر تېرىپ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىشتا ئۇرۇقلۇق ئاچقۇچ. بەش يىل ئىلگىرى، مەن تيەنيۈ ئۇرۇقچىلىقى يېتىشتۈرگەن بۇغداي، كېۋەز، قوناق ئۇرۇقلۇقىنى ئىشلەتكەندىن كېيىن، ھوسۇلى %30تىن %40كىچە ئاشتى، ئۇرۇقلۇق قوناقتىن قىلغان كىرىمىم بىر ھەسسىگە يېقىن كۆپەيدى» دېدى 4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، باي ناھىيەسى ياتۇر يېزىسى پەشتاچى كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى ئالىم ئىمىر.

شىنجاڭ تيەنيۈ ئۇرۇقچىلىق چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى، قوشۇمچە باش دىرېكتور ۋۇ خۇڭتاۋ مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ بىرنەچچە يىلدا، شىنجاڭنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر سىياسەتلىرى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى، شىركىتىمىز سىياسەت پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، ھەر يىلى 30 ئەتراپىدا يېڭى سورت (تۈر) يېتىشتۈردى. 2023 ـ يىلى، ئۆز ئالدىمىزغا يېتىشتۈرگەن كۈزگى بۇغداي يېڭى سورتى شىندۇڭ 59 ـ نومۇردىن ئەمەلىي يىغىۋېلىنغان بىرلىك ھوسۇل 831.03 كىلوگىرام بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە كۈزگى بۇغداينى كېچىكىپ تېرىپ يۇقىرى ھوسۇل ئېلىش رېكورتىنى يارىتىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ «ئالتۇن ئۇرۇقلۇق» مۇسابىقىسىدە 1 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.

تيەنيۈ ئۇرۇقچىلىقىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى شىنجاڭنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ جۇش ئۇرۇپ راۋاجلانغانلىقىنىڭ ئىخچام كۆرۈنۈشى.

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھى ۋە مەركەزنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈش «بەش چوڭ ھەرىكىتى»دىكى باسقۇچ خاراكتېرلىك ۋەزىپىنى پۇختا، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتى «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى دەرىجىلىك دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئامبىرى(بازا)نى باشقۇرۇش قائىدىسى» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ دۆلەت زامانىۋى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇش تۈرىنى يۈرۈشتۈرۈش، باشقۇرۇشنى يولغا قويۇش چارىسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ يېزا ئىگىلىك ئۇرۇق پىلازمىسى ئامبىرى(مەيدان، رايون، بازا)نى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشى لايىھەسى» «ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپى بازىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى» قاتارلىق كۈچلۈك، ئۈنۈملۈك سىياسەت ـ تەدبىرلەرنى ئەستايىدىل يولغا قويدى.

كۈچلۈك قوللاش سىياسىتىنىڭ كاپالىتى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپىدىكى «بىرلەشمە كېمە ئەترىتى» دولقۇن يېرىپ ئىلگىرىلىدى.

پەن تەتقىقاتقا كۈچ سەرپ قىلىندى

كۆپ تەرەپ بىرلىكتە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدى

بىر تال ئۇرۇق دۇنيانى ئۆزگەرتەلەيدۇ، بىر تۈرلۈك تېخنىكا بىر مۆجىزىنى يارىتالايدۇ.

بىر تال سورتلۇق ئۇرۇقنى يېتىشتۈرۈشتە كۆپ تەرەپنىڭ كۈچنى بىرىكتۈرۈشكە، سىجىل كۈچەشكە توغرا كېلىدۇ. چۆچەك ـ دۆربىلجىن ئويمانلىقىنىڭ ئەزەلدىن شىنجاڭنىڭ «ئاشلىق ئامبىرى، گۆش ئامبىرى، ياغ باكى» دېگەن نامى بار، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ھوسۇلىنىڭ يۇقىرى، سۈپىتىنىڭ يۇقىرى بولۇشى باش مەنبە بولغان سورتلۇق ئۇرۇقلۇق كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. تارباغاتاي ۋىلايىتىنىڭ چۆچەك شەھىرىدىكى شىنجاڭ لىلىجىن ئۇرۇقچىلىق چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «لىلىجىن ئۇرۇقچىلىقى» دېيىلدى) ھەر يىلى نەچچە مىڭ توننا قوناق شالغۇت ئۇرۇقلۇقىنى ئىشلەپچىقىرىدىغان بولۇپ، تاللاپ يېتىشتۈرۈش ھالقىسىدىن باشلاپ، قاتلاممۇقاتلام ئۆتكەلنى چىڭ تۇتۇپ، كۆڭۈل قويۇپ تاللىدى.

«تاللاپ يېتىشتۈرۈش جەريانىدا ھەربىر سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتتۇق، شۇڭا بىز ئىشلەپچىقارغان ئۇرۇقلۇقنىڭ بىخ چىقىرىش نىسبىتى يۇقىرى، ئۆسۈپ يېتىلىشى ياخشى، ئىنتايىن كۈچلۈك ماسلىشىشچانلىققا ئىگە. مەيلى ئوخشاش بولمىغان تىپتىكى تۇپراق شارائىتىدا بولسۇن، ياكى مۇرەككەپ ئۆزگىرىشچان كىلمات مۇھىتىدا بولسۇن، ھەممىدە مۇقىم ئۆسۈپ يېتىلەلەيدۇ، بۇ، دېھقانلارنى ئىنتايىن زور بولغان تېرىقچىلىقتىكى تاللاش بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى» دېدى لىلىجىن ئۇرۇقچىلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى چېن خۇڭچىن.

ئۇرۇقچىلىق كەسپىنى گۈللەندۈرۈش ھەرىكىتىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇش ئۈچۈن، تارباغاتاي ۋىلايەتلىك يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا ئىدارىسى ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرى بىلەن پەن تەتقىقات ئورۇنلىرى ئارىسىدا ھەمكارلىق كۆۋرۈكىنى پائال بەرپا قىلدى ھەم ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى دېھقانلار بىلەن ھەمكارلىشىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، كۆپ تەرەپ بىرلىكتە ئۇرۇقچىلىق تېخنىكىسى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى قانات يايدۇرۇش ئارقىلىق ئۇرۇقلۇق تەتقىق قىلىپ ئېچىش سالمىقىنى سىجىل زورايتتى.

شىنجاڭ بويىچە ئەڭ چوڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى ئۇدا توققۇز يىل شىنجاڭ بويىچە 1 ـ ئورۇندا تۇردى.

ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىش ئۇرۇقلۇق «ئۆزىكى»دىن ئايرىلالمايدۇ. «يېتىشتۈرۈش، كۆپەيتىش، ئومۇملاشتۇرۇش بىر گەۋدىلەشكەن» ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى ئومۇميۈزلۈك تەرەققىي قىلدۇرۇشتا، ئىلى ئوبلاستى بۇغداي، شال، قوناقتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئاساسلىق ئاشلىق سورتىنى يېتىشتۈرۈش، ئەلالاشتۇرۇش، تاللاپ يېتىشتۈرۈشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى مەركەزلىك قانات يايدۇردى. 2024 ـ يىلى ئىلى ئوبلاستى ئاپتونوم رايوننىڭ «تۆت 1 مىليون مو»لۇق ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى خىزمىتى ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەبىئىي بايلىق، يەرنى كۆلەملەشتۈرۈش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، شالغۇت قوناق ئۇرۇقلۇقى يېتىشتۈرۈشنى يادرو قىلغان دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقچىلىق كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، غۇلجا ناھىيەسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى، توققۇزتارا ناھىيەسىنى نۇقتىلىق رايون قىلغان، قورغاس ناھىيەسى، كۈنەس ناھىيەسى، قورغاس شەھىرىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان تەرەققىيات ئەندىزىسىنى دەسلەپكى قەدەمدە شەكىللەندۈردى، شالغۇت قوناق ئۇرۇقلۇقى يېتىشتۈرۈش كۆلىمى ئۇدا ئىككى يىل شىنجاڭ بويىچە 1 ـ، مەملىكەت بويىچە 2 ـ ئورۇندا تۇردى.

كەسىپلەر ئارقىلىق يېتەكچىلىك قىلىندى

دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلىنىپ، دېھقانلار بېيىشقا يېتەكلەندى

بۇ بىرنەچچە كۈندە، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى ماناس ناھىيەسىنىڭ لوتۇيى بازىرى جياۋجياجۇاڭ كەنتىدىكى كېۋەز تېرىش چوڭ ئائىلىسى لۇ چىڭيۈن تېرىش تەييارلىقىنى قىلىپ بولدى.

«ھوسۇلنى، كىرىمنى ئاشۇرۇشتا، مۇۋاپىق كېۋەز ئۇرۇقىنى تاللاش ناھايىتى مۇھىم. سانجى ئوبلاستى <غەربىي قىسىمدىكى ئۇرۇقچىلىق شەھىرى> بەرپا قىلىۋاتىدۇ، تېرىقچىلىق ئائىلىلىرى تۇپراق ۋە كىلىمات ئەھۋالىغا بىرلەشتۈرۈپ تاللاپ ئىشلىتەلەيدىغان ئەلا سورتلار ناھايىتى كۆپ.» 4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، لۇ چىڭيۈن كېۋەز تېرىش تەجرىبىسى ئۈستىدە توختالغاندا، گەپنى ئالدى بىلەن ئۇرۇقلۇقتىن باشلىدى.

كىچىككىنە بىر تال ئۇرۇق ئۇزۇنغا سوزۇلغان كەسىپ زەنجىرىنى تۇتاشتۇرالايدۇ. سانجى ئوبلاستىنىڭ ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش كەسپى 20 ـ ئەسىرنىڭ 80 ـ يىللىرىدا باشلانغان بولۇپ، يېتىشتۈرگەن ئۇرۇقلۇقنىڭ مەھسۇلات مىقدارى يۇقىرى، سۇ تەركىبى تۆۋەن، دانىسى توق، پارقىراقلىقى ياخشى، بىخلىنىش نىسبىتى يۇقىرى، ساقلاشقا چىداملىق بولۇپ، كەسپىي زاتلار تەرىپىدىن «تەبىئىي ئۇرۇقلۇق پىششىقلاش زاۋۇتى» دەپ تەرىپلەنمەكتە.

كۆپ يىللىق تاۋارلاشتۇرۇلغان ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش تارىخى سانجى ئوبلاستىنىڭ ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش كەسپىنى پۇختا تەرەققىيات ئاساسىغا ئىگە قىلدى. بۈگۈنكى كۈندە، پۈتۈن ئوبلاستنىڭ ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش كۆلىمى مۇقىم ھالدا 800 مىڭ مودىن ئېشىپ، يىللىق ئۇرۇقلۇق بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى 300 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، دۆلەت دەرىجىلىك داڭلىق قوناق ئۇرۇقلۇقى يېتىشتۈرۈش بازىسى ۋە دۆلەت دەرىجىلىك رايون خاراكتېرلىك بۇغداي، قوغۇن ـ تاۋۇز، كۆكتات سورتلۇق ئۇرۇقلىرىنى يېتىشتۈرۈش بازىسى، غەربىي شىمال رايوندىكى مۇھىم ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق زىرائەتلىرى ئۇرۇقلۇقىنى يىغىش ـ تارقىتىش ئورنىغا ئايلاندى.

ئۇرۇقلۇقنى كەسىپلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولۇندى. سانجى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا باغچە رايونى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك كۆزگەزمە باغچىسىدىكى شىنجاڭ جىنتيەنشەن يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنى مىسالغا ئالساق، بۇ شىركەتنىڭ بۇلتۇر شىنجاڭ بويىچە سورتلۇق ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش بازىسى 55 مىڭ موغا يېتىپ، 400دىن ئارتۇق دېھقان ئائىلىسى بىلەن بۇغداي زاكاز توختامى ئىمزالاپ، كەسىپلەشتۈرۈش ئارقىلىق 2000دىن ئارتۇق تېرىقچىلىق ئائىلىسىنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.

يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش بويىچە دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق باشلامچى كارخانىسى، دۆلەتنىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، جيۇشېڭخې ئۇرۇقچىلىق پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ دېھقانلار بىلەن ئالاقە باغلاپ، دېھقانلارنى يېتەكلەش سالمىقى تېخىمۇ زور بولدى. بۇ شىركەت پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئاساسلىق كېۋەز تېرىلىدىغان رايونلاردا يادرولۇق ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش تەجرىبە پونكىتىدىن ئۈچنى، جەنۇبتا ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش پونكىتىدىن بىرنى، يادرولۇق سىناق پونكىتىدىن سەككىزنى، ئېكولوگىيەلىك سىناق نۇقتىسىدىن 24نى قۇردى، قوناق، بۇغداي، كېۋەز ئۇرۇقلۇقىنى يىللىق پىششىقلاش ئىقتىدارى 200 مىڭ توننىدىن ئېشىپ، سورتلۇق ئۇرۇقلۇق پۈتۈن مەملىكەتتىكى 17 ئۆلكىنى قاپلىدى، بۇغداي، كېۋەز ئۇرۇقلۇقىنى سېتىش كىرىمى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا ئۆتتى.

دۆلەت ئوتتۇرا ئاسىيا خاس زىرائەت ئۇرۇق پىلازمىسى بايلىقى ئوتتۇرا مەزگىللىك ئامبىرى(ئۈرۈمچى)نىڭ مۇدىرى شۈ لىن مۇنداق تونۇشتۇردى: شىنجاڭنىڭ كىلىماتى قۇرغاق، قىروۋسىز مەزگىلى ئۇزاق بولۇش قاتارلىق ئەۋزەل تەبىئىي شارائىتى زىرائەت ئۇرۇقلۇقى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىنتايىن پايدىلىق.

«ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇرۇقچىلىق كەسپى بازىلىرىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى»دىكى تەلەپ بويىچە، ھەرقايسى ۋىلايەت، ناھىيەلەر بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش بازىسىنى «بەشلەشتۈرۈش» (كۆلەملەشتۈرۈش، ئۆلچەملەشتۈرۈش، ماشىنىلاشتۇرۇش، تۈجۈپىلەشتۈرۈش، ئۇچۇرلاشتۇرۇش) سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى. ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش چوڭ ناھىيەلىرى ۋە سورتلۇق ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش بازىلىرى بولغان ناھىيە(شەھەر)لەر ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈپ، ئەمەلىي كۈچى بار ئۇرۇقچىلىق كارخانىلىرىنى رايون خاراكتېرلىك زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى (ئۇرۇقچىلىق) كەسىپلەر باغچە رايونىنى ئورتاق قۇرۇشقا يېتەكلەپ، ئۇرۇقلۇق يېتىشتۈرۈش كەسپىنى يادرو قىلىپ، ئالاقىدار كەسىپلەرنى تولۇقلاپ، زەنجىرى مۇكەممەل، كەسىپلەر يۇغۇرۇلغان، زامانىۋىلىشىش سەۋىيەسى يۇقىرى، يېتەكلەش ئىقتىدارى كۈچلۈك بولغان ئۇرۇقچىلىق كەسپى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتىنى بەرپا قىلدى.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.