تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش يىرىك پىلانى(2024 ـ يىلىدىن 2035 ـ يىلىغىچە)»نى بېسىپ تارقاتتى

ساۋما قىلىپ تولۇق مەزمۇنىنى كۆرۈڭ

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 ـ ئاينىڭ 7 ـ كۈنىدىكى تېلېگراممىسىغا ئاساسلانغان يېقىندا، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەن «يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىش يىرىك پىلانى(2024 ـ يىلىدىن 2035 ـ يىلىغىچە)» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «يىرىك پىلان» دېيىلدى)نى بېسىپ تارقاتتى.

«يىرىك پىلان»دا مۇنداق ئوتتۇرىغا قويۇلدى: دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا جەزمەن ئالدى بىلەن يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتىش كېرەك، يېزا ئىگىلىكىنى كۈچەيتكەندە ئاندىن دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرغىلى بولىدۇ. يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇشنىڭ ئاساسى. ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئاساسىنى ھەر تەرەپلىمە پۇختىلاپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ تاماق قاچىسىنى تېخىمۇ پۇختا، تېخىمۇ مۇستەھكەم تۇتۇش كېرەك. ئاشلىق ۋە مۇھىم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى بىلەن مۇقىم، بىخەتەر تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشنى بىرىنچى دەرىجىلىك چوڭ ئىش دەپ بىلىپ، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى يەرگە باغلاش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشنى تېخنىكىغا باغلاش ئىستراتېگىيەسىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇشنى تېزلىتىشتىكى ماددىي ئاساسنى مۇستەھكەملەش كېرەك. 1 مىليارد 865 مىليون مو تېرىلغۇ يەر ۋە 1 مىليارد 546 مىليون مو مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى قوغداش قىزىل سىزىقىنى چىڭ ساقلاش كېرەك. پۈتۈن ساھە بويىچە يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا جابدۇقلىرىدا يېڭىلىق يارىتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. يېزا ئىگىلىكىدىكى ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى يېتەكچى قىلىپ، كەسىپ جىددىي ئېھتىياجىنى يۆنىلىش قىلىپ، ئۇرۇقچىلىقنى مۇھىم نۇقتا قىلغان يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسىدا يېڭىلىق يارىتىشنى تېزلىتىپ، مۇھىم يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىلىرىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش ئارقىلىق يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك. پۈتۈن ھالقا بويىچە زامانىۋى يېزا ئىگىلىك باشقۇرۇش سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئۇششاق دېھقان ئائىلىلىرى بىلەن زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتىنىڭ ئورگانىك جىپسىلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك. پۈتۈن زەنجىر بويىچە يېزا ئىگىلىك كەسىپ سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. يېزا ئىگىلىكى بويىچە تاشقى ھەمكارلىقنى يەنىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ خەلقئارا رىقابەت يېڭى ئەۋزەللىكىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئولتۇراقلىشىشقا، ئىگىلىك تىكلەشكە ماس كېلىدىغان ئىناق، گۈزەل يېزا ـ كەنت قۇرۇلۇشىنى يۇقىرى سۈپەتلىك ئالغا سىلجىتىپ، يېزىلارنىڭ زامانىۋى تۇرمۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. شەھەر ـ يېزىلارنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەھەر ـ يېزىلارنىڭ پەرقىنى كىچىكلىتىش كېرەك. دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى يېزا ئىگىلىكى، يېزا، دېھقانلار خىزمىتىدىكى مەركىزىي ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ بايلىق كۈچىنى كەسىپلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشقا تەقسىملەپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت ـ سائادىتىنى ھەقىقىي ئاشۇرۇش كېرەك.

«يىرىك پىلان»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئاساسلىق نىشان: 2027 ـ يىلىغا بارغاندا، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈش. يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ماھىيەتلىك ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈش. 2035 ـ يىلىغا بارغاندا، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشىدا كۆرۈنەرلىك نەتىجىنى قولغا كەلتۈرۈش. يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈشتە ھەل قىلغۇچ ئىلگىرىلەشنى قولغا كەلتۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشۇرۇپ، يېزىلاردا زامانىۋى تۇرمۇش شارائىتىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھازىرلاش. مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، يېزا ئىگىلىك كۈچلۈك دۆلىتىنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىش. يېزا ـ كەنتلەرنى ئومۇميۈزلۈك گۈللەندۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئىشقا ئاشۇرۇش.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.