خوتەن ناھىيەسى ئاۋات يېزىسىنىڭ تەشۋىقات كادىرى «تيەنئەنمېن» ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بىر پارچە دېكىراتسىيەلىك پەردە زاكاز قىلىپ، كەنت ئاھالىلىرىنى ھەقسىز سۈرەتكە تارتىپ قويدى. ئەڭ چىرايلىق كىيىملىرىنى كىيگەن كەنت ئاھالىلىرى تەرەپ-تەرەپتىن يېتىپ كېلىپ، بەس-بەستە «تيەنئەنمېن» ئالدىدا خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى. «تيەنئەنمېن» شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئامما كۆرۈشنى ئەڭ ئارزۇ قىلىدىغان جاي. كەنت ئاھالىلىرى «تيەنئەنمېن» بىلەن چۈشكەن ھەربىر پارچە خاتىرە سۈرەتكە تولۇپ تاشقان ئىپتىخارلىق ۋە قىزغىنلىق مۇجەسسەملەنگەن بولۇپ، ئەڭ ئاددىي - ساددا، تەسىرلىك بولغان ۋەتەننى سۆيۈش ھېسسىياتى يۇغۇرۇلغان.
بۇ دەل:
مەن بېيجىڭ تيەنئەنمېننى سۆيىمەن،
«تيەنئەنمېن» ئالدىدا سۈرەتكە چۈشىمەن.
چېھرىمدە پارلايدۇ ئىللىق تەبەسسۇم،
سادىق قەلبىم بىلەن ۋەتەننى سۆيىمەن.