تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش ئۇقتۇرۇشى: ئۇدا بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ!

چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش ئاخىرلاشتى

نۇرغۇن تورداش تېخى پۇخادىن چىقمىغانلىقىنى ئېيتىشتى

لېكىن يەنە 19 كۈن خىزمەت قىلساقلا

يەنە بىر قىسقا دەم ئېلىشنى كۈتۈۋالىمىز

2025-يىللىق ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا

5-ئاينىڭ 1-كۈنى (پەيشەنبە)دىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنى (دۈشەنبە)گىچە

جەمئىي بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ

4-ئاينىڭ 27-كۈنى (يەكشەنبە) نورمال خىزمەت قىلىنىدۇ

5-ئايدا

پەقەت 19 كۈن خىزمەت قىلساقلا بولىدۇ

   2024-يىلى 11-ئايدا ئۆزگەرتىلگەن «مەملىكەت بويىچە يىللىق بايرام ھەم خاتىرە كۈنلەردە دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش چارىسى»گە ئاساسەن، 2025-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، بارلىق پۇقرالار دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدىغان دەم ئېلىش كۈنى ئىككى كۈن كۆپەيتىلىدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە باھار بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمىنىڭ ھەرقايسىسىغا بىر كۈن قوشۇلىدۇ. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش، دەم ئېلىش كۈنىنى تەڭشەش پىرىنسىپى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇلۇپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈلىدۇ، قىسمەن ئالاھىدە ئەھۋاللارنى ھېسابقا ئالمىغاندا، باھار بايرىمىدا دېھقانلار كالىندارى بويىچە ھارپا كۈنىدىن باشلاپ سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ، دۆلەت بايرىمىدا 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يەتتە كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ، ئەمگەكچىلەر بايرىمىدا بەش كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە دەم ئېلىش تەڭشلىدۇ، يېڭى يىل، چىڭمىڭ بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمىدا ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ ۋە دەم ئېلىش تەڭشىلىدۇ ياكى ئۇدا ئۈچ كۈن دەم ئېلىنىدۇ (مەسىلەن: چارشەنبە كۈنىگە توغرا كەلسە، پەقەت شۇ كۈنى دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ) دۆلەت بايرىمىدا دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىش جۇڭچيۇ بايرىمىغا توغرا كەلسە ئىككىسى قوشۇلۇپ سەككىز كۈن دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلىدۇ.

   ھېسابلاپ كەلسەك، «1ـ ماي»لىق دەم ئېلىش ۋاقتى (5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 5-ئاينىڭ 5-كۈنىگىچە)دىن دۇەنۋۇ بايرىمىلىق دەم ئېلىش ۋاقتى ئاخىرلاشقۇچە (5-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 2-كۈنىگىچە)، ھەپتە ئاخىرىدىكى دەم ئېلىش كۈنىنى قوشقاندا، 5-ئايدا پەقەت 19 كۈن خىزمەت قىلساقلا بولىدۇ.

 بۇنىڭدىن سىرت

گوۋۇيۇەن ئېلان قىلغان

«قاتناش- تىرانسپورت مىنىستىرلىقى قاتارلىق تارماقلارنىڭ  چوڭ بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئالماسلىقنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى تەستىقلاپ تارقىتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»

(گ ت [2012] 37-نومۇرلۇق) قا ئاساسەن،

ھەق ئېلىنىدىغان تاشيولدا ھەقسىز يول يۈرۈش ۋاقتى

باھار بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمى، ئەمگەكچىلەر بايرىمى، دۆلەت بايرىمىدىن ئىبارەت

 دۆلەت قانۇنىدا بەلگىلەنگەن تۆت بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىنى كۆرسىتىدۇ

ئەمگەكچىلەر بايرىمىلىق دەم ئېلىش ۋاقتى

5-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0دىن 5-كۈنى سائەت 24كىچە بولۇپ

بارلىق ھەق ئېلىنىدىغان تاشيوللاردا

(ئايرودۇرۇم يۇقىرى سۈرئەتلىك يولى، ھەق ئېلىنىدىغان كۆۋرۈك ۋە تونېلنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)

كىچىك تىپتىكى يولۇچىلار ئاپتوموبىلىدىن يول يۈرۈش ھەققى ئېلىمايدۇ

5-ئاينىڭ 6-كۈنى سائەت 0دىن باشلاپ

نورمال ھەق ئېلىش ئەسلىگە كەلتۈرۈلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.