تىيانشان تورى   ›   ئۆگىنىش   ›   ئوبزور

زېھنىمىزنى مەركەزلەشتۈرۈپ ئۆز ئىشىمىزنى ياخشى قىلايلى

□خەلق گېزىتى ئوبزورچىسى

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى دۇنيا ئېقىمىغا قارشى ھەرىكەت قىلىپ، دۆلىتىمىزنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق سودا ھەمراھلىرىغا دېگۈدەك ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش»نى ئېلان قىلدى، دۆلىتىمىز بىرىنچى ۋاقىتتا قەتئىي تۈردە كۈچلۈك قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ، پۈتۈن يەرشارىنىڭ يۈكسەك دىققىتىنى قوزغىدى. ھازىر ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى ئېلىشنى قالايمىقان يولغا قويۇشىنىڭ بىزگە بولغان تەسىرىنى ئوبيېكتىپ تەھلىل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىگە ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىپ، ئامېرىكىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك چەكلىشىگە، بېسىم ئىشلىتىشىگە تاقابىل تۇرۇش ئىشەنچىمىزنى چىڭىتىشىمىز كېرەك.

(1) ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى ئېلىشنى قالايمىقان يولغا قويۇشى بىزگە زەربە ئېلىپ كېلىدۇ، لېكىن «ئاسمان ئۆرۈلۈپ چۈشمەيدۇ.» بۇ قېتىم ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىزدىن %34 تاموژنا بېجىنى كۆپەيتىپ ئالدى، بۇنىڭغا ئىلگىرى كۆپەيتىپ ئالغان تاموژنا بېجىنى قوشقاندا، ئىككى تەرەپلىك سودىنى ئېغىر دەرىجىدە تىزگىنلەپ قويىدۇ، قىسقا مۇددەت ئىچىدە ئېكسپورتىمىزغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلانغىلى بولمايدۇ، بۇ، ئىقتىسادنىڭ تۆۋەنلەش بېسىمىنى زورايتىۋېتىدۇ.

لېكىن شۇنى كۆرۈپ يېتىشىمىز كېرەككى، جۇڭگو دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك ئىقتىسادىي گەۋدە، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى ئېلىش زومىگەرلىكىنىڭ زەربىسى ئالدىدا، بىز كۈچلۈك بېسىمغا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىغا ئىگە. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىز كۆپ خىللاشقان بازارنى پائال بەرپا قىلدۇق، ئامېرىكا بازىرىغا بولغان تايىنىشىمىز تۆۋەنلىدى. ئامېرىكىغا قىلغان ئېكسپورتىمىزنىڭ بارلىق ئېكسپورتتا ئىگىلىگەن ئۈلۈشى 2018 - يىلىدىكى %19.2تىن 2024 - يىلىدىكى %14.7كە تۆۋەنلىدى، ئامېرىكىغا قىلغان ئېكسپورتنىڭ تۆۋەنلىشى ئومۇمىي ئىقتىسادىمىزغا ئاغدۇرما خاراكتېرلىك تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. ئامېرىكىدىكى نۇرغۇن مەھسۇلاتلارنىڭ بىزگە تايىنىش دەرىجىسى بىرقەدەر يۇقىرى. ھازىر ئامېرىكا نۇرغۇن ئىستېمال بۇيۇملىرىدا جۇڭگودىن ئايرىلالمايلا قالماستىن، نۇرغۇن سېلىنما مەھسۇلاتلىرى ۋە ئارىلىق مەھسۇلاتلارنىمۇ جۇڭگودىن ئىمپورت قىلىشقا ئېھتىياجلىق، بىرقانچە تۈرنىڭ تايىنىش دەرىجىسى %50تىن ئېشىپ كەتتى، قىسقا مۇددەت ئىچىدە خەلقئارا بازاردا ئورنىغا دەسسىتىدىغان مەنبەنى تېپىشى قىيىن. يەرشارىۋى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرى چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان چوڭ ئارقا كۆرۈنۈشتە، جۇڭگو - ئامېرىكا سودىسىنىڭ پۈتۈنلەي ئۈزۈلۈشى مۇمكىن ئەمەس. يېڭىدىن گۈللەنگەن بازارلارنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچى غايەت زور بولۇپ، كۈنسېرى بىزنىڭ تاشقى سودىنى مۇقىملاشتۇرۇشىمىزدىكى مۇھىم ئاساسقا ئايلانماقتا. دۆلىتىمىز يەرشارىدىكى 150 نەچچە دۆلەت ۋە رايوننىڭ ئاساسلىق سودا ھەمراھى، 2018 - يىلىدىن بۇيان، بىزنىڭ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئىتتىپاقىغا قىلغان ئېكسپورتىمىزنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %12.8تىن ئۆسۈپ %16.4كە يەتتى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرگە قىلغان ئېكسپورتىمىزنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى %38.7تىن ئۆسۈپ %47.8كە يەتتى، شۇنداقلا بىرقەدەر تېز ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. دۆلەت ئىچى بازىرىنىڭ ئارىلىق بوشلۇقى كەڭ بولۇپ، مۇھىم كەڭ ئارقا سەپ ھېسابلىنىدۇ. ئىستاتىستىكىغا ئاساسلانغاندا، 2024 - يىلى ئېكسپورت ئەمەلىي نەتىجىسى بار نەچچە يۈز مىڭ كارخانىمىز ئىچىدە، %85كە يېقىن كارخانا بىرلا ۋاقىتتا ئىچكى بازاردا سېتىش كەسپىنى قانات يايدۇرغان، ئىچكى قىسىمدا سېتىش سوممىسى سېتىش ئومۇمىي سوممىسىنىڭ %75كە يېقىنىنى ئىگىلىگەن. دۆلەت «ئېكسپورتنى ئىچكى قىسىمدا سېتىشقا ئۆزگەرتىش» سىياسىتىدىكى توسۇق نۇقتا، بوغۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇشنى تېزلەتمەكتە، ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشكە دائىر تۈرلۈك سىياسەتلەرنىڭمۇ دائىرىسى كۈچەپ كېڭەيتىلمەكتە، ئىچكى ئېھتىياج بازىرىنىڭ سىغدۇرۇش تەسىرى كۈنسېرى گەۋدىلىنىدۇ.

(2) ھازىر دۆلىتىمىز ئىقتىسادى مۇقىم ياخشىلاندى، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى ئېلىش زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشقا جاسارىتىمىز، ئىشەنچىمىز بار. 2017 - يىلى ئامېرىكا جۇڭگوغا قارىتا سودا ئۇرۇشى پەيدا قىلغاندىن بۇيان، مەيلى ئامېرىكا قانداق زەربە بەرسۇن، قانداق باسسۇن، بىز باشتىن - ئاخىر تەرەققىيات ۋە ئىلگىرىلەشنى ساقلاپ، «قانچە باسقانسېرى شۇنچە كۈچىيىش»تەك چىدامچانلىقىمىزنى نامايان قىلدۇق، بۇ بىزنىڭ تاشقى زەربىگە تاقابىل تۇرۇشتىكى ئەڭ زور جاسارىتىمىز بولۇپ قالدى. ئىقتىسادنىڭ ئايلىنىشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز تەمىنلەشنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، ئېھتىياجنى ياخشىلاپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادىنىڭ ئايلىنىشىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى كۆرۈنەرلىك ئاشۇردۇق. بولۇپمۇ بۇلتۇر 9 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىكى مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى يىغىنىدىن كېيىن، بىر قاتار كۆپەيمە سىياسەتلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئەگىشىپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىسادى سىجىل قايتا ئۆرلەپ يۈكسەلدى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئېيىدا، مەبلەغ سېلىش، ئىستېمال قاتارلىق جەھەتلەردىكى دۆلەت ئىچى ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولدى، ئېكسپورت دەسلەپكى قەدەمدە سىناققا بەرداشلىق بەردى، ياسىمىچىلىق ۋە مۇلازىمەت كەسپىدە PMI سىجىل قايتا ئۆرلىدى، 1 - پەسىلدە %5تىن يۇقىرى ئېشىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشتىن ئۈمىد بار. پەن - تېخنىكا قۇۋۋىتى سىجىل كۈچ چىقاردى. بىز يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئەڭ مۇھىم تەمىنلەشنى تۇتۇپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق كەسىپتە يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، توپلاشتۇرۇلغان توك يولى، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، ئادەم سىياقلىق ماشىنا ئادەم قاتارلىق ساھەلەردە كۆپ نۇقتىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، جۇڭگونىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش غايەت زور ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلدۇق. «گالنى بوغۇش»، بېسىم ئىشلىتىش ۋە چەكلەش ئەكسىچە جۇڭگونى نۇقتىلىق ساھەلەردىكى يادرولۇق تېخنىكىلاردا بۆسۈش ھاسىل قىلىشنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇشقا ئۈندەيدۇ. خەۋپ - خەتەرنى ئازايتىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بىز ئىچكى - تاشقى بېسىمغا بەرداشلىق بېرىپ، قىيىن، لېكىن توغرا ئىشلارنى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆي - زېمىن، يەرلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ قەرزى، ئوتتۇرا، كىچىك پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى خەۋپ - خەتەرنى سىجىل تۈگەتتۇق. نۆۋەتتە، ئۈچ چوڭ خەۋپ - خەتەر ئۈنۈملۈك كونترول قىلىنىپ، يوقىلىش ھالىتىدە تۇرماقتا. ئۆي - زېمىن بازىرى سودىسى ۋە جەمئىيەت ئىشەنچىدە ئاكتىپ ئۆزگىرىش بارلىققا كېلىپ، بىرىنچى قاتاردىكى شەھەرلەرنىڭ جانلىنىش ۋەزىيىتى بىرقەدەر كۆرۈنەرلىك بولدى. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كۆزلىمىسى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. دۆلىتىمىزنىڭ ئۇزاققىچە مۇقىم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئۈزلۈكسىز ئەلالىشىۋاتقان تىجارەت - سودا مۇھىتى، بوشىشىپ قالماي نىشاننى چىڭ كۆزلەپ، ئۇلۇغۋار پىلاننى ئاخىرغىچە داۋاملاشتۇرىدىغان سىياسەت ئىزچىللىقى كارخانىلارنى ئۇزاق مەزگىللىك مۇقىم كۆزلىمە بىلەن تەمىنلىدى. بۇ يىلدىن بۇيان، مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىنىڭ دۆلىتىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئىستىقبالىغا بولغان قارىشى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاندى، ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ۋە تەرەققىيات تەشكىلاتى قاتارلىق خەلقئارا تەشكىلاتلار ھەمدە ۋال كوچىسىدىكى نۇرغۇن پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى دۆلىتىمىز ئىقتىسادىنىڭ ئېشىشىغا بولغان مۆلچەرىنى بەس - بەستە ئۆستۈردى، جۇڭگونىڭ كاپىتال بازىرىغا ئۈمىد باغلىدى ھەم جۇڭگودىكى «ئېنىقلىق»نى ئامېرىكا تەرەپنىڭ «ئېنىقسىزلىق»ىغا تاقابىل تۇرىدىغان پاناھ جاي دەپ قارىدى.

(3) ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى ئېلىشنى قالايمىقان يول قويۇشتەك قالايمىقان مۇشت ئېتىشىغا قارىتا كۆڭلىمىزدە سان بار، قولىمىزدا تەدبىر بار. بىز ئامېرىكا بىلەن سەككىز يىل سودا ئۇرۇشى قىلىپ، مول كۈرەش تەجرىبىلىرىنى توپلىدۇق. گەرچە خەلقئارا بازار ئومۇميۈزلۈك ھالدا ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى ئېلىشنى قالايمىقان يولغا قويۇشى مۆلچەردىكىدىن ئېشىپ كەتتى دەپ قارىغان بولسىمۇ، لېكىن پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئامېرىكا تەرەپنىڭ بىزگە يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئىقتىساد - سودا جەھەتتە چەكلەش، بېسىم ئىشلىتىشنى يولغا قويۇشىغا قارىتا ئالدىن ھۆكۈم چىقىرىپ، ئۇنىڭ پەيدا قىلىش مۇمكىنچىلىكى بولغان زەربىسىنى تولۇق مۆلچەرلىدى، تاقابىل تۇرۇش لايىھەسىنىڭ تەييارلىق خىزمەتلىرى ۋە ئارتۇق مىقدارىمۇ بىرقەدەر يېتەرلىك بولدى. بۇلتۇر مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىدا ئامېرىكىنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك جۇڭگوغا قاراتقان توسۇش، بېسىشىغا قانداق تاقابىل تۇرۇش توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما قىلىنىپ، سىياسەت قورال ساندۇقىنى تولۇقلاپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تاشقى تەسىر دەرىجىسىگە ئاساسەن سىياسەتنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، ئادەتتىن تاشقىرى تەتۈر دەۋرىيلىك تەڭشەشنى كۈچەيتىپ، ماكرولۇق تەڭشەش - تىزگىنلەشنىڭ ئالدىن كۆرەرلىكلىكى، قاراتمىلىقى، ئۈنۈمدارلىقىنى ئۆستۈرۈش تەكىتلەندى. بۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، بىز ئېلان قىلغان نۇرغۇن سىياسەتلەر مەسىلەن: بۇ يىللىق مالىيە قىزىل رەقىمى نىسبىتىنى %4 ئەتراپىدا قىلىپ بېكىتىش، زايوم مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ «ئىككىنى يېڭىلاش» «ئىككى مۇھىم»نى قوللاشنى كېڭەيتىش قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئادەتتىن تاشقىرى سىياسەتنىڭ كونكرېت ئىپادىسى.

كەلگۈسىدە ۋەزىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن، تەييارلىق فوندى نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش، ئۆسۈم نىسبىتىنى تۆۋەنلىتىش قاتارلىق پۇل سىياسىتى قوراللىرىدا تولۇق تەڭشەش ئىمكانىيىتى قالدۇرۇلغان بولۇپ، ھەر ۋاقىت ئېلان قىلىشقا بولىدۇ؛ مالىيە سىياسىتىدە مۇنداق ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: چىقىم سالمىقىنى زورايتىپ، چىقىم سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك، مالىيە قىزىل رەقىمى، مەخسۇس زايوم، ئالاھىدە زايوم قاتارلىقلارنى ئەھۋالغا قاراپ يەنىمۇ كېڭەيتىش بوشلۇقى بار؛ دۆلەت ئىچى ئىستېمالى ئادەتتىن تاشقىرى سالماق بىلەن جانلاندۇرۇلۇپ، بەلگىلەنگەن سىياسەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش تېزلىتىلىدۇ ھەم بىر تۈركۈم زاپاس سىياسەتلەر دەل ۋاقتىدا ئېلان قىلىنىدۇ؛ ئەمەلىي سىياسەت - تەدبىرلەر ئارقىلىق كاپىتال بازىرى قەتئىي مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، بازار ئىشەنچى مۇقىملاشتۇرۇلۇپ، ئالاقىدار لايىھە، سىياسەتلەر ئارقا - ئارقىدىن ئېلان قىلىنىدۇ؛ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر «بىر ساھەگە بىر لايىھە» «بىر كارخانىغا بىر تەدبىر» بويىچە زەربىگە ئۇچرىشى بىرقەدەر چوڭ بولغان ساھە ۋە كارخانىلارغا دەل جايىدا يار - يۆلەك بولۇپ، كارخانىلارنىڭ تىجارەت تەدبىرىنى تەڭشىشىگە مەدەت بېرىپ، كارخانىلارنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودىنى ئىمكانقەدەر ساقلاپ قېلىشىغا ياردەم بېرىش بىلەن بىللە، دۆلەت ئىچى بازىرى ۋە ئامېرىكا بازىرىدىن باشقا بازارنى ئېچىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، بىز ئامېرىكا تەرەپنى خاتا ئۇسۇلنى تۈزىتىپ، باراۋەر بولغان، ھۆرمەت قىلىدىغان، ئۆزئارا نەپ يەتكۈزىدىغان ئۇسۇل ئارقىلىق، جۇڭگو ۋە دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن كېڭىشىپ، سودا ئىختىلاپلىرىنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىمىز.

(4) ئۆز ئىشىمىزنى قەتئىي تەۋرەنمەي ياخشى قىلىپ، دۆلەت ئىچى ئىقتىساد قۇرۇلمىسىنى تەڭشەش ئارقىلىق تاشقى مۇھىتتىكى تەڭشەشكە تاقابىل تۇرۇشىمىز كېرەك. بۈگۈنكى دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ بولۇپ باقمىغان چوڭ ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز ئۆزگەرمەكتە، ئامېرىكىنىڭ تاموژنا بېجى ئېلىش سىياسىتى يەرشارىنىڭ سىياسىي، ئىقتىسادىي ئەندىزىسىنىڭ يۈزلىنىشىدىكى ئېنىقسىزلىقنى يەنىمۇ كۈچەيتىۋەتتى. يەرشارىدىكى مەسئۇلىيەتچان چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بېسىمنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇپ، ئامېرىكا تەرەپنىڭ زەربىسىگە تاقابىل تۇرۇشنى يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش، ئىقتىسادىي قۇرۇلمىنى تەڭشەشنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىستراتېگىيەلىك پۇرسەت دەپ قاراپ، ئۆزىمىزنىڭ مۇقىم تەرەققىياتى ئارقىلىق يەرشارى ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق قوشۇشىمىز كېرەك. يۇقىرى تاموژنا بېجى ئېلىشنىڭ ئامېرىكا بىلەن بولغان سودا بوشلۇقىنى سىجىل تارايتىۋېتىشىگە قارىتا، بىز تېخىمۇ مۇھىمى ئىچكى ئېھتىياجنى كېڭەيتىشنى ئۇزاق مەزگىللىك ئىستراتېگىيە قىلىپ، تىرىشىپ ئىستېمالنى ئىقتىسادنىڭ ئېشىشىدىكى ئاساسلىق ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ۋە تۇراقلاشتۇرغۇچقا ئايلاندۇرۇپ، دەرىجىدىن تاشقىرى چوڭ كۆلەملىك بازار ئەۋزەللىكىمىزنى جارى قىلدۇرۇشىمىز كېرەك. بىر تەرەپتىن، ئىشنى ئېھتىياج تەرەپتىن باشلاپ، ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇپ، يۈكىنى يېنىكلىتىشكە پۇختا تۈرتكە بولۇش ئارقىلىق، ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئىقتىدارى ۋە ئارزۇسىنى ئۆستۈرىمىز؛ يەنە بىر تەرەپتىن، تەمىنلەش تەرەپتىن كۈچەپ، مەملىكەت بويىچە بىرلىككە كەلگەن چوڭ بازار قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تىجارەت - سودا مۇھىتىنى ياخشىلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى كارخانىلارنىڭ پۇقرالارنىڭ ئېھتىياجىنى چۆرىدەپ يۇقىرى سۈپەتلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىشىنى قوللايمىز.

ئامېرىكا تەرەپنىڭ كۆپ ئۆزگىرىشى، ئاسان ئۆزگىرىشى، چېكىدىن ئاشقان بېسىم ئىشلىتىشىگە قارىتا، بىز سۆھبەت دەرۋازىسىنى تاقىمىدۇق، لېكىن تەلەي سىناش ئويىدىمۇ بولماي، زەربىگە تاقابىل تۇرۇشنىڭ تۈرلۈك تەييارلىقلىرىنى ياخشى ئىشلىدۇق. يۇقىرى - تۆۋەن ھەمنەپەس بولغاندىلا غەلىبە قىلغىلى بولىدۇ، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولغاندىلا روناق تاپقىلى بولىدۇ. بىزدە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بار، كۈچنى مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭ ئىشلارنى قىلىدىغان تۈزۈم ئەۋزەللىكى بار، چوقۇم خەتەرنى پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇپ، پۇختا قەدەم بىلەن يىراققا يۈرۈش قىلالايمىز. دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك: «جۇڭگو ئىقتىسادى بىر كىچىك كۆلچەك بولماستىن، بەلكى بىپايان دېڭىز.» بۇ دېڭىز بوران - چاپقۇننىڭ سىنىقىغا بەرداشلىق بېرىپ، سودا سوغۇق ئېقىمىنىڭ ھۇجۇمىغا تاقابىل تۇرۇپ، كىشىلەرنى ھامان «ھەممىنى سىغدۇرىدىغان كەڭ قورساقلىق»تەك تەمكىنلىك ۋە قەتئىيلىككە گۇۋاھچى بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.

(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.