تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مۇھىم خەۋەر

«شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنىڭ ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسى نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەرجىمە قىلغان «شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنىڭ ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسى يېقىندا مەركىزىي تەھرىرلىك - تەرجىمە نەشرىياتى تەرىپىدىن نەشر قىلىنىپ، مەملىكەت ئىچى - سىرتىغا تارقىتىلدى.

«شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى بايانلىرىدىن ئۈزۈندە» ناملىق كىتابنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە تارىخى ۋە ھۆججەت - ئەسەرلەر تەتقىقات ئورنى تەھرىرلىگەن بولۇپ، يولداش شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى چۆرىدەپ ئېلان قىلغان بىر قاتار مۇھىم بايانلىرى كىرگۈزۈلگەن. بۇ كىتابنىڭ ئىسپان تىل - يېزىقى نۇسخىسى ۋە بۇنىڭدىن ئىلگىرى نەشر قىلىنغان ئىنگلىز تىل - يېزىقى، فىرانسۇز تىل - يېزىقى، رۇس تىل - يېزىقى، ئەرەب تىل - يېزىقى، ياپون تىل - يېزىقى نۇسخىسى دۆلەت سىرتىدىكى ئوقۇرمەنلەرنىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ نەزەرىيە سىستېمىسى ۋە ئەمەلىيەت تەلىپىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ مۇۋەپپەقىيەتلىك تېپىپ چىققان جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى يولى، ياراتقان ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى يېڭى ھالىتى، نامايان قىلغان زامانىۋىلاشتۇرۇش يېڭى مەنزىرىسىنى چوڭقۇر چۈشىنىپ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ قول تۇتۇشۇپ بىرلىكتە زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدا مېڭىش، تىنچ تەرەققىي قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىش، ئورتاق گۈللىنىشتىن ئىبارەت دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا بولغان ئورتاق تونۇشىنى كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.