گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلغان تەقدىردىمۇ، ھورمۇنلۇق دورىلارنى قەتئىي ئىشلەتمەسلىك كېرەك؟ ئىنسۇلىن ئۇرۇشنىڭ دورا ئىچىشكە قارىغاندا قان شىكىرىنى تۆۋەنلىتىش ئۈنۈمى ياخشى؟ 95-نومۇرلۇق بېنزىن 92-نومۇرلۇق بېنزىنغا قارىغاندا تېخىمۇ تولۇق كۆيىدۇ؟... 3-ئايدا تارقالغان «ئىلىم-پەن» ھەققىدىكى ئۆسەك سۆزلەر رەت تەرتىپى بۈگۈن ئېلان قىلىندى، ئەمدى مۇتەخەسسىسلەرنىڭ نېمە دەيدىغانلىقىنى ئاڭلاپ باقايلى.

گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلغان تەقدىردىمۇ، ھورمۇنلۇق دورىلارنى قەتئىي ئىشلەتمەڭ؟
ئۆسەك سۆز: ھورمۇننى كۆپ مىقداردا ئىشلىتىش ئادەم بەدىنىگە زىيانلىق، ھورمۇنلۇق دورىلارنى ئالدىراپ ئىشلەتمەڭ.
ھەقىقىي ئەھۋال: 3-ئايدا ئەتىيازلىق گۈل چېڭى مەزگىلى كىرىشى بىلەن گۈل چېڭى رېئاكسىيە قىلىدىغان ئاغرىقلار كۆرۈنەرلىك كۆپىيىدۇ. بەزى ئاغرىقلار ھورمۇن تۈرىدىكى بۇرۇن پۈركىمىسى دورىسى قاتارلىق ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى ئىشلەتسە سالامەتلىكىگە تەسىر يېتىشىدىن ئەنسىرەيدۇ، شۇڭا ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاشنى خالىماي قالىدۇ.
مۇتەخەسىسلەر مۇنداق تونۇشتۇردى: ھورمۇن تىلغا ئېلىنسىلا قورقۇپ كەتمەڭلار. ھورمۇن ئېلىپ كەلگەن ناچار تەسىر ياكى ئەكس تەسىر ئادەتتە پەقەت ئۇزاق مۇددەت كۆپ مىقداردا ئىشلىتىشتىن بولىدۇ. نۆۋەتتە، بۇرۇنغا ئىشلىتىلىدىغان گلۇكوكورتىكوئىد ھورمۇنى زىيادە سېزىمچان بۇرۇن ياللۇغىنى داۋالاشتىكى 1-قاتاردا تۇرىدىغان دورا بولۇپ، بۇرۇنغا پۈركۈلىدىغان ھورمۇن سىرتتىن ئىشلىتىلىدىغان دورا بولۇش سۈپىتى بىلەن، پەقەت بۇرۇن بوشلۇقىنىڭ قىسمەن جايلىرىغىلا تەسىر كۆرسىتىدۇ، مىقدارى مىكروگىرام بويىچە ھېسابلىنىدۇ، بۇرۇن شىللىق پەردىسى ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىدۇ، پۈتۈن بەدەنگە كىرىدىغان مىقدارى تېخىمۇ ئاز بولىدۇ. بۇرۇنغا پۈركۈيدىغان ھورمۇننىڭ بىخەتەرلىك دەرىجىسى يۇقىرى، دوختۇرنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە خاتىرجەم ئىشلىتىشكە بولىدۇ. ئەگەر گۈل چېڭىغا زىيادە سېزىمچانلىقنىڭ ۋاقتىدا ئالدىنى ئالماي، ئۆلچەملىك داۋالىمىغاندا، كېسەللىك ئالامەتلىرى بارغانسېرى ئېغىرلىشىپ كېتىدۇ، ھەتتا زىققا كېسىلى قاتارلىقلارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
زىيادە سېزىمچان ئاغرىقلار مېتېئورولوگىيە تارماقلىرى ئېلان قىلغان گۈل چېڭىنىڭ قويۇقلۇقىنى ئۆلچەپ تەكشۈرۈش ئۇچۇرىغا يېقىندىن دىققەت قىلىشى، گۈل چېڭى مەزگىلىدە سىرتقا چىقىشنى ئازايتىشى، مۇداپىئەنى ياخشى ئىشلىشى، ئاكتىپ داۋالىنىشى كېرەك، ھەر كۈنى بۇرۇن بوشلۇقىنى يۇيۇپ بەرسە كېسەللىك ئالامىتىنى ئۈنۈملۈك پەسەيتكىلى بولىدۇ.