تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

دۆلىتىمىزدە ياسالغان تۇنجى چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتى «ئەيدا . مودۇ ناملىق» پاراخوت چىڭداۋدىكى قاتنىشىنى باشلىدى

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، كىشىلەر چىڭداۋ پوچتا پاراخوتى ئانا پورتى كارىدور كۆۋرۈكى ئارقىلىق «ئەيدا. مودۇ ناملىق» پوچتا پاراخوتىغا قاراپ كېتىۋاتماقتا.

   شۇ كۈنى، دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن تۇنجى چوڭ تىپتىكى پوچتا پاراخوتى «ئەيدا. مودۇ ناملىق» پاراخوت چىڭداۋ خەلقئارا پوچتا پاراخوتى ئانا پورتىدا توختىتىلدى، بۇنىڭ بىلەن، «ئەيدا. مودۇ ناملىق» پوچتا پاراخوتىنىڭ جۇڭگو دېڭىز قىرغىقى سەيلىسىنىڭ مۇقەددىمىسى رەسمىي ئېچىلدى. ئىگىلىنىشىچە، «ئەيدا. مودۇ ناملىق» پاراخوت 2024-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ سودا قاتنىشىنى تۇنجى باشلىغان بولۇپ، چىڭداۋدىكى تۇنجى قاتنىشى شاڭخەي ئانا پورتىدىن باشقا جۇڭگودىكى پورت شەھەرلىرىدە تۇنجى قېتىم نامايان بولۇشى ھېسابلىنىدىكەن، چىڭداۋ خەلقئارا پوچتا پاراخوتى ئانا پورتتىن يولغا چىقىپ، كورىيەنىڭ جىجوۋ ۋە ياپونىيەنىڭ فۇكۇئوكاغا بارىدىغان خەلقئارا پوچتا پاراخوتى سەپىرىنى باشلايدىكەن.

   شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى زىخېڭ فوتوسى ۋە خەۋىرى

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، چىڭداۋ پوچتا پاراخوتى ئانا پورتى پىرىستانىدا، چېگرادىن كىرىش-چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى بىرنەچچە ئوفىتسېر-ئەسكەر «ئەيدا. مودۇ ناملىق» پوچتا پاراخوتىنىڭ يېنىدىن ئۆتمەكتە.

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، «ئەيدا. مودۇ ناملىق» ساياھەت پاراخوتىدىكى خىزمەتچى خادىملار زالدا مېھمانلارنى كۈتۈۋالماقتا.

«ئەيدا. مودۇ» ناملىق پوچتا پاراخوتى چىڭداۋ پوچتا پاراخوتى ئانا پورتى پىرىستانىدا توختىدى (4-ئاينىڭ 6-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

«ئەيدا. مودۇ ناملىق» پوچتا پاراخوتى چىڭداۋ پوچتا پاراخوتى ئانا پورتى پىرىستانىدا توختىدى (4-ئاينىڭ 6-كۈنى تارتىلغان).

«ئەيدا. مودۇ ناملىق »پوچتا پاراخوتى چىڭداۋ پوچتا پاراخوتى ئانا پورتى پىرىستانىدا توختىدى (4-ئاينىڭ 6-كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان سۈرەت).

4-ئاينىڭ 6-كۈنى، كىشىلەر چىڭداۋ پوچتا پاراخوتى ئانا پورتىنىڭ كۈتۈۋېلىش زالىدا پاراخوتقا چىقىشنى كۈتمەكتە.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 艾丽曼·库尔班江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.