تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى! چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە پۈتكۈل جەمئىيەت بويىچە رايون ھالقىغان كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى تەخمىنەن 790 مىليون ئادەم قېتىم بولدى

   قاتناش-تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، چىڭمىڭلىق ئۈچ كۈنلۈك دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتكۈل جەمئىيەت بويىچە رايون ھالقىغان كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى تەخمىنەن 790 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە سەپەرگە چىقىش مىقدارى بويىچە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.

   دەسلەپكى ئىستاتىستىكىدا كۆرسىتىلىشىچە، چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلى بولغان ئۈچ كۈندە، پۈتكۈل جەمئىيەت بويىچە رايون ھالقىغان كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى تەخمىنەن 790 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 264 مىليون ئادەم قېتىم بولغان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7.1 ئاشقان.

   چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، پۈتۈن مەملىكەتنىڭ كۆپ قىسىم جايلىرىدا ھاۋا ئوچۇق بولۇپ، تاشيولدا كىشىلەرنىڭ يۆتكىلىش مىقدارى مۆلچەرلىنىشىچە 730 مىليون ئادەم قېتىم بولغان. دى دى سەپىرى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، دەم ئېلىش مەزگىلىدە تاكسى زاكاز قىلىش ئېھتىياجى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشقان، بېسىق مەزگىلدە، تاكسى چاقىرىش ئېھتىياجى مىنۇتىغا 110 مىڭ زاكازدىن ئاشقان. تاشيولدا ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ سەپەرگە چىقىش نىسبىتى %90تىن ئېشىپ، قولايلىق قاتناش يېزا-كەنت ساياھەتچىلىكىنى جانلاندۇرغان.

   چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، تۆمۈريولدا يولۇچى توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 53 مىليون 776 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.2 ئاشقان. مەملىكەت بويىچە تۆمۈريولدا كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى 20 مىليون 93 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، بۇ يىلدىن بۇيانقى كۈندىلىك يولۇچى توشۇش مىقدارى بويىچە يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان، ياشانغانلار پويىزى، ساياھەت مەخسۇس پويىزى زىچ قاتنىغان، پويىزلار قاتناش لىنىيەسى ۋە يولۇچىلارنىڭ ئېھتىياجىغا ئاساسەن ئۆزگەرتىلىپ دەرىجىسى ئۆستۈرۈلگەن، سەپەر ئۈستىدە سۈرەتكە تارتىپ قويۇش، ناخشا - ئۇسسۇل نومۇرلىرىنى ئورۇنلاش قاتارلىقلار ۋاگون بىلەن مەنزىرە رايوننى زىچ باغلىغان.

   چىڭمىڭلىق دەم ئېلىش مەزگىلىدە، مەملىكەت بويىچە سۇ يولىدا يولۇچى توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 3 مىليون 204 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 68 مىڭ ئادەم قېتىم بولغان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.5 ئاشقان.

   مەملىكەت بويىچە خەلق ئاۋىياتسىيەسىدە يولۇچى توشۇش مىقدارى تەخمىنەن 5 مىليون 582 مىڭ ئادەم قېتىم بولۇپ، كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 1 مىليون 861 مىڭ ئادەم قېتىم بولغان، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.9 ئاشقان.

«ئانار بۇلۇت»تىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿依古丽·阿布都拉

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.