تىيانشان تورى   ›   سۈرەت

قىزىل رەڭلىك تاغ تىزمىلىرىنىڭ قار بىلەن بولغان گۈزەل ئۇچرىشىشى

    3-ئاينىڭ 29-كۈنى، شىخو شەھىرى ۋۇستۇ چارۋىچىلىق مەيدانىدا، قىزىل رەڭلىك تاغ تىزمىلىرى قىشتىكى قار بىلەن يۇغۇرۇلۇپ، گۈزەل باھار مەنزىرىسىنى شەكىللەندۈردى. يارداڭلىق يەر شەكلىگە خاس بولغان قىزىل رەڭلىك تاغ تىزمىلىرى خۇددى كۆيۈۋاتقان ئوت يالقۇنىغا ئوخشاش، تېخى ئېرىمىگەن ئاپئاق قارلار بىلەن قوشۇلۇپ، باش باھارنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرىسىنى ئورتاق پۈتۈپ چىقتى.

    تاغ گەۋدىسىدە قىزغۇچ قوڭۇر رەڭ، سارغۇچ  توپا رەڭ، سۇس كۈلرەڭ قاتمۇ-قات گىرەلىشىپ، خۇددى تەبىئەتنىڭ رەڭ تەڭشەش تەخسىسىگە ئوخشاش بۇ يەرنى رەڭدارلىققا ئىگە قىلدى.

    گەرچە تىيانشاننىڭ شىمالىي ئېتىكى باھار تۈسىگە كىرگەن بولسىمۇ، قىسمەن رايونلاردىكى تېخى ئېرىمىگەن قارلار بۇ يەرنىڭ مەنزىرىسىگە ھۆسن قوشۇپلا قالماي، يەنە بۇ تۇپراققا سۈرلۈكلۈك بىلەن گۈزەللىك گىرەلەشكەن ئۆزگىچە تۈس بېغىشلاپ، كىشىلەرنى تولىمۇ ھەيران قالدۇردى.

 فوتوگراف: تيەن گوجيەن

«كۆرۈنۈشتىكى شىنجاڭ» ۋىيشىن ئاممىۋى سۇپىسىدىن ئېلىپ تەرجىمە قىلىندى

مەسئۇل مۇھەررىر : 依明江

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.