تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى نىزامى

(1997 - يىل 10 - ئاينىڭ 11 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 8 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 29 - يىغىنىدا ماقۇللانغان، 2009 - يىل 3 - ئاينىڭ 27 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 11 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 10 - يىغىنىدا 1 - قېتىم ئۆزگەرتىلگەن، 2024 - يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنىدا 2 - قېتىم ئۆزگەرتىلدى)

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئېلانى

(28 - نومۇرلۇق)

«شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى نىزامى» شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق 14 - نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 11 - يىغىنىدا، 2024 - يىل 5 - ئاينىڭ 30 - كۈنى ئۆزگەرتىپ ماقۇللاندى، ھازىر ئېلان قىلىندى، 2024 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

ئالاھىدە ئېلان چىقىرىلدى.

شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى

2024 - يىل 6 - ئاينىڭ 6 - كۈنى

1 - ماددا بۇ نىزام پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ قانۇن بويىچە پائالىيەت ئېلىپ بېرىشىنى كاپالەتلەندۈرۈش، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغداش، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش داۋامىدىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇش مەقسىتىدە، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن - تېخنىكا تەرەققىياتى قانۇنى»، «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش قانۇنى» قاتارلىق قانۇن، مەمۇرىي نىزاملارغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايوننىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقىرىلدى.

2 - ماددا بۇ نىزام ئاپتونوم رايوننىڭ مەمۇرىي رايون تەۋەسىدە پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تەشكىلىي قۇرۇلۇشى، خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشى ھەمدە مۇناسىۋەتلىك مۇلازىمەت كاپالىتى قاتارلىق پائالىيەتلىرىگە تەتبىقلىنىدۇ.

3 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاممىۋى تەشكىلاتى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى رەھبەرلىكىدىكى خەلق تەشكىلاتى، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن ئالاقىلىشىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، دۆلەت يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، پەن - تېخنىكا ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم كۈچ.

4 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشى، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملىشى، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشى، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەربىيەسى، بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش تەربىيەسى ۋە ماركسىزملىق ئاتېئىزم تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشى، ئەمگەككە ھۆرمەت قىلىدىغان، بىلىمگە ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىختىساسلىقلارغا ھۆرمەت قىلىدىغان، ئىجادىيەتكە ھۆرمەت قىلىدىغان ئىجتىمائىي كەيپىياتنى تەشەببۇس قىلىشى، پۇقرالارنىڭ ئىلمىي بىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئىلىم - پەننى قەدىرلەيدىغان، ئەسەبىيلىككە تاقابىل تۇرىدىغان قويۇق كەيپىياتنى يارىتىشى كېرەك.

5 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە بولغان ئىدىيەۋى - سىياسىي يېتەكچىلىكنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا مۇلازىمەت قىلىپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشكە مۇلازىمەت قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئىلمىي تەدبىر بەلگىلىشىگە مۇلازىمەت قىلىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك پەن - تېخنىكىدا ئۆزىگە تايىنىش، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش بۇرچ - مەسئۇلىيىتىنى ئاڭلىق ئادا قىلىپ، پەن - تېخنىكىنىڭ گۈللىنىشى ۋە تەرەققىي قىلىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، پەن - تېخنىكىنىڭ ئومۇملىشىشى ۋە كېڭىيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇشى، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىگە كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

6 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمىتىنى خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولىدىغان سىياسەت، تەدبىرلەرنى تۈزۈپ، مۇناسىپ خىزمەت ماسلاشتۇرۇش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ قۇرۇلۇشى ۋە تەرەققىياتىدىكى گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى بىرتۇتاش ھەل قىلىشى كېرەك.

تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، مائارىپ، پەن - تېخنىكا، خەلق ئىشلىرى، مالىيە، ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت، يېزا ئىگىلىكى - يېزا، مەدەنىيەت ۋە ساياھەت، سەھىيە - ساغلاملىق، ئاخبارات - نەشرىيات، رادىيو - تېلېۋىزىيە تارمىقى قاتارلىق تارماقلار ئۆز مەسئۇلىيىتى دائىرىسىدە پەن - تېخنىكىنى تەشۋىق قىلىش، ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

7 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىزمەت خىراجىتىنى شۇ دەرىجىلىك مالىيە خامچوتىغا كىرگۈزۈشى ھەمدە ۋاقتىدا، تولۇق ئاجرىتىپ بېرىشى كېرەك.

ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) خەلق ھۆكۈمىتى يېزا - بازار(كوچا)دا قۇرۇلغان پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرىنى زۆرۈر خىراجەت كاپالىتىگە ئىگە قىلىپ، ئۇنىڭ نورمال خىزمەت قىلىشىنى ھەقىقىي كاپالەتلەندۈرۈشى كېرەك.

8 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمىتىدە ۋە پەن - تېخنىكا پائالىيىتىدە گەۋدىلىك تۆھپە ياراتقان ئورۇن، تەشكىلات ۋە شەخس دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە تەقدىرلىنىدۇ ۋە مۇكاپاتلىنىدۇ.

9 - ماددا ئاپتونوم رايونلۇق، ئوبلاستلىق (شەھەرلىك، ۋىلايەتلىك) پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى تەڭ دەرىجىلىك ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە بىر دەرىجە تۆۋەن پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىدىن تەركىب تاپىدۇ.

ناھىيەلىك (شەھەرلىك، رايونلۇق) پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى تەڭ دەرىجىلىك ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىدىن تەركىب تاپىدۇ.

10 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى پەن - تېخنىكا ئەمەلىيەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشى كېرەك.

پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتى تۆۋەندىكىلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:

(1) يېزا - بازار (كوچا)، كەنت(مەھەللە)تە قۇرۇلغان پەن - تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىيەتلەر؛

(2) پەن - تېخنىكا تەتقىقات - تەرەققىيات ئاپپاراتى، كارخانا، ئالىي مەكتەپ، دوختۇرخانا قاتارلىق ئورۇنلاردا قۇرۇلغان پەن - تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىيەتلەر؛

(3) تەرەققىيات رايونى، سانائەت باغچە رايونى قاتارلىق فۇنكسىيەلىك رايونلاردا قۇرۇلغان پەن - تېخنىكىغا مۇناسىۋەتلىك جەمئىيەتلەر؛

(4) پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ باشقا ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتلىرى.

11 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ئىلىم - پەن روھى ۋە ئالىملار روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇشى، ئىلىم قائىدىسىگە ۋە پەن - تېخنىكا ئېتىكا قائىدىسىگە ئەمەل قىلىشى، ئىلىم ئەخلاقى قۇرۇلۇشى ۋە ئۆگىنىش ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ياخشى مۇھىتىنى بەرپا قىلىشى كېرەك.

پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن زىچ ئالاقە باغلىشى، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ پىكىر - تەكلىپى ۋە تەلىپىنى ئىنكاس قىلىشى، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدىشى كېرەك.

12 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى تۈر ئارقىلىق يېتەكلەش، ئىلغار - مۇنەۋۋەرلەرنى باھالاش، ئىختىساسلىقلارنى باھالاش، ئاكادېمىكلىققا كۆرسىتىش قاتارلىق ئۇسۇل ۋە يول ئارقىلىق، مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى كۆرسىتىشى، تەشۋىق قىلىشى، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق ساپاسى ۋە كەسپىي سەۋىيەسى، ئىلىم سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشى، يۇقىرى قاتلاملىق باشلامچى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشى، خەلق ئىچى پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى ۋە ياش پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى تاللاش، يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشى، پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى يېتىشتۈرۈشكە ۋە قۇرۇشقا كۈچ چىقىرىشى كېرەك.

پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى مائارىپ، پەن - تېخنىكا، كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى قاتارلىق تارماق ۋە تەشكىلاتلار بىلەن بىرلىكتە، ياشلار - ئۆسمۈرلەرنىڭ ئالاھىدىلىكىگە ماس كېلىدىغان پەن - تېخنىكا بويىچە تەربىيەلەش، ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتى ۋە پەن تەتقىقات پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشى، پەن - تېخنىكا بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان ئۆزگىچە مەكتەپنى يېتىشتۈرۈپ، ياشلار - ئۆسمۈرلەرنىڭ پەن تەتقىقات ھەۋىسىنى ئۇرغۇتۇپ، مۇنەۋۋەر ياش پەن - تېخنىكا زاپاس ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈشى كېرەك.

13 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىدا كۈچەپ بۆسۈش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى تېزلىتىشى؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنىڭ پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشۋىقاتىدىكى تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى؛ ئۆزىگە قاراشلىق ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى تەشكىللەپ كارخانىلار بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىشلەپچىقىرىش، ئوقۇتۇش، تەتقىق قىلىش، قوللىنىش بويىچە يۇغۇرما يېڭىلىق يارىتىش بىرلەشمە گەۋدىسى ۋە ھەمكارلىشىپ يېڭىلىق يارىتىش ئورتاق گەۋدىسىنى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇشى؛ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش سۇپىسىنى يېتىشتۈرۈش، قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچ چىقىرىپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

14 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ئۆزىگە قاراشلىق ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ سىرت بىلەن ئالماشتۇرۇش سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەت ئىچى ۋە خەلقئارا پەن - تېخنىكا تەشكىلاتلىرى، ئىلمىي تەشكىلاتلار ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى كۈچەيتىپ، دۆلەت ئىچىدىكى ۋە خەلقئارادىكى خەلق ئىچى ئىلىم ئالماشتۇرۇشىغا ۋە پەن - تېخنىكا ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇشى كېرەك.

15 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ھۆكۈمەتنىڭ ئومۇمىي خەلق ئىلىم - پەن ساپاسى ھەرىكىتى يىرىك پىلانىنى تۈزۈشىگە ھەمدە ئۇنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشىغا ھەمكارلىشىشى، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىش، پۇقرالارنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى سىجىل ئۆستۈرۈشكە تەكلىپ بېرىشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئومۇمىي خەلق ئىلىم - پەن ساپاسى قۇرۇلۇشىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

16 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتى پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىدىكى ئاساسلىق ئىجتىمائىي كۈچ بولۇش رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشتىكى ئىجتىمائىيلاشقان بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش مېخانىزمى ۋە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇشقا دائىر پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشى، تاكامۇللاشتۇرۇشى، ئۆزئارا تۇتاشقان - راۋان بولغان پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تورىنى قۇرۇشى كېرەك. پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش بايلىقى بىلەن ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كۈچەيتىپ، ياشلار - ئۆسمۈرلەر، دېھقان - چارۋىچىلار، سانائەت ئىشچىلىرى، ياشانغانلار، دۆلەت ئورگىنى خىزمەتچىلىرى قاتارلىقلارنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە ئېھتىياجىغا قارىتا، دائىملىققا، ئاممىۋىلىققا ۋە ئىجتىمائىيلىققا ئىگە پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ ئىلىم - پەن ساپاسىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك.

17 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى يېزا ئىگىلىك، يېزا پەن - تېخنىكىسىنى ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنى تەشكىللەپ، پەن - تېخنىكىنى ئاساسىي قاتلامغا يەتكۈزۈش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئاپتوموبىلى، قىشلىق پەن - تېخنىكا، ئىلىم - پەن چوڭ دەرسخانىسى قاتارلىق پەن - تېخنىكا پىدائىيلىق مۇلازىمىتىنىڭ رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. يېزا - بازار (كوچا)، كەنت(مەھەللە)لەردىكى پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەشكىلاتى، يېزىلاردىكى كەسپىي تېخنىكا جەمئىيىتى، تەتقىقات جەمئىيىتى، پەن - تېخنىكا ھويلىسى ۋە يېزا - كەنت پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش سارىيى قاتارلىقلارنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا ئىلغار، قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى تارقىتىشىغا، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا يار - يۆلەك بولۇپ، دېھقان - چارۋىچى كەسپىي ئىختىساسلىقلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، دېھقان - چارۋىچىلارنىڭ پەن - مەدەنىيەت ساپاسى ۋە ئىشلەپچىقىرىش ماھارەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، يېزا ئىگىلىكى، يېزىلارنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇشى كېرەك.

18 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى زامانىۋى پەن - تېخنىكا سورۇنلىرى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيە بازىسىنى يېتىشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش تەمىنات سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشى كېرەك.

19 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى شىنجاڭ ئالاھىدىلىكىگە ئىگە ئالىي پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئاقىللار ئامبىرى قۇرۇلۇشى تۈزۈلمە - مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بويىچە تەدبىر بەلگىلەش مەسلىھەتى بېرىش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، پەن - تېخنىكا مەسلىھەتچىسى ۋە تېخنىكا ۋاسىتىچىسى قوشۇنى قۇرۇپ، خەلق ئىگىلىكى ۋە ئىجتىمائىي تەرەققىيات يىرىك پىلانى، پەن - تېخنىكا ئىشلىرى، چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىدە ئىلمىي دەلىللەش ئېلىپ بېرىشى ۋە تېخنىكا مەسلىھەتى بېرىشى، پىكىر - تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشى كېرەك.

شىنجاڭ ئىچى - سىرتىدىكى پېنسىيەگە چىققان مۇنەۋۋەر پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ شىنجاڭنىڭ پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىشلىرى ۋە پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئىشلىرىغا ئاتلىنىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىلىدۇ.

20 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىپ ۋە مەدەت بېرىپ، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئاساسلىق خىزمىتىنى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرمىسىغا ۋە نىشانلىق باھالاش دائىرىسىگە كىرگۈزۈشى ھەمدە ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللىنىپ، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا زۆرۈر شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى ئومۇمىي خەلق ئىلىم - پەن ساپاسى ھەرىكىتىنى ماسلاشتۇرۇش خىزمىتى مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شۇ دەرىجىلىك پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ ئومۇمىي خەلق ئىلىم - پەن ساپاسى ھەرىكىتىنى تەشكىللەپ يولغا قويۇشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

21 - ماددا ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش سورۇنلىرى، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق قۇرۇلۇشلارنى دۆلەت زېمىن بوشلۇقى يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈپ، ھۆكۈمەت مەبلەغ سېلىپ قۇرغان پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش سورۇنلىرى، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىنى كاپالەتلەندۈرۈشى، ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش سورۇنلىرى، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرى قۇرۇلۇشىغا مەبلەغ سېلىشىغا مەدەت بېرىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتى مەبلەغ سېلىپ قۇرغان پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش سورۇنلىرى، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىدىن قانۇن بويىچە پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ باشقۇرۇشىغا تاپشۇرۇلغانلىرى دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئاممىغا ھەقسىز ئېچىۋېتىلىشى كېرەك.

22 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق رايونلىرىدا پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە كېڭەيتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا مەدەت بېرىشى، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇشقا ئائىت ئاز سانلىق مىللەت تىل - يېزىقىدىكى گېزىت، ژۇرنال، كىتاب، كىنو - تېلېۋىزىيە، ئۈن - سىن بۇيۇملىرى ۋە ئېلېكتىرون نەشر بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنى تەھرىرلەش، تەرجىمە قىلىش، نەشر قىلىش ۋە تارقىتىش ئىشلىرىغا يار - يۆلەك بولۇشى كېرەك.

ئاپتونوم رايونلۇق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى مۇناسىۋەتلىك تارماقلار بىلەن بىرلىكتە بىرىنچى قاتاردىكى پەن - تېخنىكا ژۇرنىلى يېتىشتۈرۈشنى ئالغا سىلجىتىشى كېرەك.

23 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى شىنجاڭ پەن - مەدەنىيەت تارقىتىش سۇپىسى ۋە يېڭى تاراتقۇلارنىڭ ئىلىم - پەن تارقىتىش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئۆزىنىڭ پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش يېڭى تاراتقۇ ماركىسىنى يېتىشتۈرۈپ، ھەر دەرىجىلىك، ھەر تۈردىكى ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش مەخسۇس ئىستونى ئېچىپ، تەشۋىقات سالمىقىنى ئاشۇرۇشى كېرەك.

24 - ماددا ئورگان، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئىلمىي تەشكىلاتلارنىڭ پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىشى، خادىم، خىراجەت ۋە پائالىيەت سورۇنى قاتارلىق جەھەتلەردە قوللىشى ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈشى ھەمدە ئۆزىگە قاراشلىق پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئىلمىي تەشكىلاتلارنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى ۋە قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى خادىملىرىنىڭ نىسپىي مۇقىملىقىنى ساقلىشى كېرەك.

ناھىيە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت تارمىقى ئىلىم - پەن تارقىتىش كەسپى بويىچە ئۇنۋان باھالاشقا مەدەت بېرىپ، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خىزمەتتىكى كەسپىي تېخنىكا خادىملىرىنىڭ ئۇنۋانىنى باھالاشقا سۇپا ۋە يول ھازىرلاپ بېرىشى كېرەك.

25 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىگە قاراشلىق ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتى ۋە ئاساسىي قاتلام تەشكىلاتىنىڭ مەخسۇس ۋەزىپىدىكى خادىملىرى ئۆزى ئىشلەيدىغان ئورۇندىكى تەڭ دەرىجىلىك خادىملار بىلەن ئوخشاش تەمىناتتىن بەھرىمەن بولىدۇ.

پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ قوشۇمچە ۋەزىپىدىكى خادىملىرى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە، ۋەزىپىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۇنۋان باھالاش، مائاش - پاراۋانلىق، ئىجتىمائىي سۇغۇرتا قاتارلىق جەھەتلەردە ئۆزى ئىشلەيدىغان ئورۇندىكى باشقا خادىملار بىلەن ئوخشاش مۇئامىلىدە بولىدۇ.

پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى پۇقراۋى كارخانىلار، خەلق ئىچى ئاپپاراتلاردىكى پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى سىياسەت مەدىتى ۋە مۇلازىمەت كاپالىتىدىن ئالدىن بەھرىمەن قىلىشى كېرەك.

26 - ماددا ھەر دەرىجىلىك خەلق ھۆكۈمەتلىرى پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىگە قاراشلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ھەقلىق مۇلازىمەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ؛ پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ ئاممىۋى مۇلازىمەت فۇنكسىيەسىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۈستىگە ئېلىپ، پەن - تېخنىكا تەشكىلاتلىرىنىڭ پەن - تېخنىكىنى باھالاش، پەن - تېخنىكا خادىملىرىنى باھالاش ۋە پەن - تېخنىكا بويىچە مۇكاپاتلاش قاتارلىق جەھەتلەردىكى رولىنى جارى قىلدۇرۇشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ؛ پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە ئىلىم ئالماشتۇرۇش فوندى، پەن - تېخنىكىنى ئومۇملاشتۇرۇش فوندى ۋە مۇكاپات فوندى قاتارلىقلارنى تەسىس قىلىشىغا ئىلھام ۋە مەدەت بېرىدۇ.

27 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭ قارىمىقىدىكى مۇستەقىل ھېسابات قىلىدىغان پەن - تېخنىكا مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ تېخنىكا يارىتىش، تېخنىكا ئۆتۈنۈپ بېرىش، تېخنىكا ئىجازىتى بېرىش، تېخنىكىدىن مەسلىھەت بېرىش ۋە تېخنىكا مۇلازىمىتى قىلىش ئارقىلىق ئېرىشكەن قانۇنلۇق كىرىمى شۇنىڭدەك ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ پەن - تېخنىكا ئاممىۋى مەنپەئەت ئىشلىرى ئۈچۈن ئىئانە - ھەدىيە قىلغان ۋە ياردەم قىلغان پۇل - مېلى دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇناسىۋەتلىك بەلگىلىمىسى بويىچە باجدا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدۇ.

پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى قانۇن بويىچە خىراجەت كىرىم - چىقىمى، مال - مۈلۈك باشقۇرۇش ۋە مەبلەغ ياردىمى، ئىئانە - ھەدىيە قاتارلىقلارغا دائىر مالىيە تۈزۈمى ئورنىتىشى، مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ ئىقتىسادىي تەپتىشلىكى، تەكشۈرۈشى ۋە نازارىتىنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

28 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىراجىتى، مال - مۈلكى ۋە ھۆكۈمەت ئاجرىتىپ بەرگەن كۆچمەس مۈلكى قاتارلىقلارنى قانۇن قوغدايدۇ، ھەرقانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ ئىگىلىۋېلىشىغا، ئىشلىتىۋېلىشىغا ۋە خالىغانچە يۆتكىۋېتىشىگە يول قويۇلمايدۇ.

پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىگە قاراشلىق كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ۋە ئۇلارنىڭ مۈلكىنىڭ تەۋەلىك مۇناسىۋىتىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپتىن ئۆتكۈزمەي تۇرۇپ خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە يول قويۇلمايدۇ.

29 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە مۇناسىۋەتلىك تارماقلارنىڭ خادىملىرىدىن تۆۋەندىكى قىلمىشلارنىڭ بىرىنى سادىر قىلغانلىرىغا قانۇن بويىچە چارە كۆرۈلىدۇ؛ ئىقتىسادىي زىيان ۋە باشقا زىيان سالغانلىرى قانۇن بويىچە ھەق تەلەپ جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ جىنايەت شەكىللەندۈرگەنلىرى قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

(1) پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق پەن - تېخنىكا تەشكىلاتىنىڭ قانۇن بويىچە قانات يايدۇرغان خىزمىتى ۋە پائالىيىتىنى قانۇنسىز چەكلىگەن بولسا؛

(2) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلىنىپ، پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى ۋە ئۇنىڭغا قاراشلىق ئىلمىي جەمئىيەت، جەمئىيەت، تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ نورمال خىزمىتىگە كاشىلا قىلغان بولسا؛

(3) پەن - تېخنىكا جەمئىيىتىنىڭ خىراجىتىنى خىيانەت قىلغان، ئىشلىتىۋالغان، ئىگىلىۋالغان ياكى تۇتۇپ قالغان بولسا؛

(4) خىزمەت ھوقۇقىدىن كەلسە - كەلمەس پايدىلانغان، خىزمەتتە بىپەرۋالىق قىلغان، نەپسانىيەتچىلىك قىلغان باشقا قىلمىشلار.

30 - ماددا پەن - تېخنىكا جەمئىيىتى دۆلەتنىڭ قانۇن - نىزاملىرىغا خىلاپلىق قىلىپ، پەن - تېخنىكا تەشكىلاتى ۋە پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە چېقىلغان ئورۇن ۋە شەخسلەر ئۈستىدىن ئۇلار ئىشلەيدىغان ئورۇنغا ياكى مۇناسىۋەتلىك تارماققا بىر تەرەپ قىلىش تەكلىپى بەرسە بولىدۇ.

31 - ماددا بۇ نىزامدىكى بەلگىلىمىگە خىلاپ باشقا قىلمىش سادىر قىلغانلاردىن قانۇن جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئېلىشقا تېگىشلىكلىرى مۇناسىۋەتلىك قانۇن - نىزاملار بويىچە بىر تەرەپ قىلىنىدۇ.

32 - ماددا بۇ نىزام 2024 - يىل 7 - ئاينىڭ 1 - كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

(تەرجىمىسىنى ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن - نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى بېكىتتى)

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.