تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

بۇ كەنتتىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە يىللىق كىرىمى 17 مىڭ 180 يۈەنگە يەتتى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل

«قاراڭ، بۇ كەنت كوللېكتىپنىڭ 1130 مو يېرىنى ئوبوروت قىلىش توختامى، ھەر مو يەر 680 يۈەنلىك ئىجارە ھەققى بىلەن ئوبوروت قىلىندى» 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، خوتەن ناھىيەسى ئاۋات يېزىسىنىڭ قۇمئېغىل كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىدا، كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى مەمەتتوختى توختىتۆمۈر كەنتتىكى باشقا كادىرلارغا بۇ خۇش خەۋەرنى ھەمبەھرىلىدى.

كەنت كوللېكتىپنىڭ 1130 مو يېرى ئوبوروت قىلىنىپ بولغاندىن كېيىن، مەمەتتوختىنىڭ كۆڭلى ئاخىر ئەمىن تاپتى.

بۇ 1130 مو شورلۇق يەر ئاق تاشلىۋېتىلگەن يەر ئىدى. بۇ يىل 2 - ئايدا، مەمەتتوختى كەنت «ئىككى كومىتېت»ى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، پارتىيە ئەزالىرى ۋەكىللىرى بىلەن كېڭەشكەندىن كېيىن، «ئاق تاشلىۋېتىلگەن يەرلەرنى تۈزەش + يەرنى ئوبوروت قىلىش»نى بېكىتىپ، ئاق تاشلىۋېتىلگەن يەرلەرنى جانلاندۇردى. «ئىككى ئاي ۋاقىتتا بىز يەر تۈزلەش، قۇدۇق قېزىش، تېمىتىپ سۇغىرىش شىلانكىسى ياتقۇزۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تاماملىدۇق، ھازىر يەر ئوبوروت قىلىنىپ، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمى زور دەرىجىدە ئاشتى» دېدى مەمەتتوختى.

قۇمئېغىل كەنتى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، پۈتۈن كەنتنىڭ تېرىلغۇ يېرى 4800 مو كېلىدىغان بولۇپ، بۇغداي، قوناق تېرىش، چىلان، ياڭاق ئۆستۈرۈشنى ئاساس قىلىدۇ، ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىقتا يۇقىرى سېلىنما، يۇقىرى ھاسىلاتنى ئىشقا ئاشۇرۇش ناھايىتى تەس. شۇڭا، بۇ يەردىكى كىشىلەر دېھقانچىلىقنىڭ بوش ۋاقىتلىرىدا گۇاڭدۇڭ، ئەنخۇي، جياڭسۇ قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى باشقا ئۆلكىلەرگە بېرىپ قۇرۇق مېۋە، كاۋاپ ساتىدۇ. «كەنت ئاھالىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىپ سودا قىلىش ئەنئەنىسى بار بولۇپ، پۈتۈن كەنتتىكى دېھقان ئائىلىلىرى ئىچىدە شىنجاڭدىن سىرتقا چىقىپ باققانلار %80نى ئىگىلەيدۇ» دېدى مەمەتتوختى.

«كەنت ئاھالىلىرىدە ئۆزگىرىش ناھايىتى چوڭ» مەمەتتوختى مۇنداق دېدى: ئۇلارنىڭ قارىشى يېڭىلاندى، نەزەر دائىرىسى كېڭەيدى، يېڭى شەيئىلەرنى قوبۇل قىلىشى تېخىمۇ تېزلەشتى، غەيرىتى تولۇپ تاشتى.

بۈگۈنكى كۈندە، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ كىرىم مەنبەسىمۇ ناھايىتى كۆپ. «ئەنئەنىۋى تېرىقچىلىقتىن باشقا، يەنە 250 مو يەرگە قوغۇن - تاۋۇز تېرىدۇق، 120 مو يەردە ئۈزۈم ئۆستۈردۇق، 300 مو يەرگە لازا تېرىدۇق، ئۈزۈم قۇرۇتىدىغان چۈنچە ۋە كۆكتات ئەگمە پارنىكى ياسىدۇق؛ كەنت بويىچە 20 كالا، 50 قوي باقىدىغان باقمىچىلىق چوڭ ئائىلىسىدىن 15ى بار؛ كەنتتە يەنە بېزەكچىلىك، قۇرۇلۇش، تىككۈچىلىك قاتارلىق سەككىز ھەمكارلىق كوپىراتىپى قۇرۇلدى، ئۇنىڭغا كەنت قۇرغان زاۋۇت قوشۇلۇپ، كەنتتىكى 104 كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى...» مەمەتتوختى مۇخبىرغا 2024 - يىلى قۇمئېغىل كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمى 17 مىڭ 180 يۈەنگە يەتكەنلىكىنى ئېيتتى.

تۈرلۈك چارە - ئاماللار ئارقىلىق كەنت كوللېكتىپ ئىقتىسادى زورايتىلدى، دېھقانلارنىڭ ھەميېنى بارغانسېرى تومپايدى. مەمەتتوختىنىڭ يەنە يېڭىچە ئويى بار، «قۇمئېغىل كەنتىنىڭ يېزىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بولغان ئارىلىقى پەقەتلا 1.5 كىلومېتىر كېلىدۇ، بۇ ئەۋزەللىككە تايىنىپ، بىز كەنت ئاھالە كومىتېتى قورۇسى ئەتراپىغا 10 نەچچە ئېغىز دۇكان سېلىپ، ئۇنى ئىجارىگە بېرىپ، كەنتنىڭ كوللېكتىپ كىرىمىنى ئاشۇرماقچى بولۇۋاتىمىز. كەنت كوللېكتىپى كۈچەيسە، كەنت <ئىككى كومىتېت>ى پۇقرالار ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ئىشلارنى قىلىپ بېرەلەيدۇ».

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.