تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى
شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر سۇ خۇانىڭ جۇڭگو نېفىت - تەبىئىي گاز گۇرۇھى تارىم نېفىتلىكى شۆبە شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 4 - ئاينىڭ 1 - كۈنى، پامىر ئېگىزلىكىدىكى ئۇلۇغچات ناھىيەسىدە پار رەسمىي توختىغان. بۇنىڭ بىلەن، جەنۇبىي شىنجاڭ رايونىنىڭ بەش ئايغا سوزۇلغان پار بىلەن تەمىنلەش پەسلى «ئىللىق» ئاخىرلاشقان. بۇ نۆۋەتلىك پار بىلەن تەمىنلەش پەسلى مەزگىلىدە، تارىم نېفىتلىكى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى 42 ناھىيە، شەھەر، 46 دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق تۇەن - مەيدانىنى جەمئىي 3 مىليارد 500 مىليون كۇب مېتىردىن ئارتۇق گاز بىلەن تەمىنلىگەن، بۇ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %12 ئېشىپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان.
دۆلىتىمىزنىڭ ئادەتتىن تاشقىرى چوڭقۇر قاتلاملىق تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش بازىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، تارىم نېفىتلىكى غەربنىڭ گازىنى شەرققە يەتكۈزۈش تۆۋەن ئېقىنىدىكى 15 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىكى 3000دىن ئارتۇق سانائەت كارخانىسى ۋە 500 مىليونغا يېقىن ئاھالىنى ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇشتا گاز بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، ئىككى ئوبلاستتىكى 8 مىليون ئاھالىنى تۇرمۇشتا ئىشلىتىلىدىغان گاز بىلەن تەمىنلەش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان.
تەبىئىي گاز بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى تەشەببۇسكارلىق ھوقۇقىنى ھەقىقىي ئىگىلەش ئۈچۈن، بۇلتۇر، تارىم نېفىتلىكى جەنۇبىي شىنجاڭنى گازلاشتۇرۇش تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولى قۇرۇلۇشى كېيىڭ لىنىيەسى قۇرۇلۇشىنى مۇددەتتىن 16 كۈن بۇرۇن تاماملاپ ئىشقا كىرىشتۈرۈپ، ئاساسلىق تەبىئىي گاز مەنبەسى بىلەن جەنۇبىي شىنجاڭنى گاز بىلەن تەمىنلەش تۇرۇبا تورىنى ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا راۋانلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى.
بۇ قېتىمقى پار بىلەن تەمىنلەش پەسلىدە، تارىم نېفىتلىكى مەۋقەنى كۆكيار، ياقا «قوشماق» تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرىغا قويۇپ، «بىر جەنۇب، بىر شىمال» يۇقىرى پەللىنى تەڭشەشتىن ئىبارەت «قوش كاپالەت»نى بەرپا قىلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆكيار تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش، تەبىئىي گاز ئېلىش مەزگىلى 115 كۈن بولۇپ، جەمئىي 170 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 100 مىليون كۇب مېتىرغا يېقىن ئېشىپ، كۈندىلىك ئەڭ چوڭ تەبىئىي گاز ئېلىش مىقدارى 1 مىليون 990 مىڭ كۇب مېتىر بولدى؛ ياقا تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرىنىڭ كۈندىلىك ئەڭ چوڭ گاز ئېلىش مىقدارى 2 مىليون 320 مىڭ كۇب مېتىر بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى ئىشەنچلىك ئىسسىنىش ۋە تۇرمۇشتا گاز ئىشلىتىش كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.
بۇ قېتىمقى ئىسسىنىش پەسلى مەزگىلىدە، تارىم نېفىتلىكى «بىر قۇدۇققا بىر تەدبىر» چارىسىنى قوللىنىپ، بوز، دابېي، كېلا 2، كېشېن قاتارلىق گازلىقلاردىكى ئىشلەپچىقىرىش قۇدۇقلىرىنى ئىز قوغلاپ ئەلالاشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، مەھسۇلات مىقدارىنى ھەربىر قۇدۇققىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، قۇدۇقلارنىڭ ئېچىلىش نىسبىتىنى 2.5 پىرسەنت پوئېنت ئۆستۈرۈپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە تەبىئىي گاز ئىشلەپچىقىرىش مىقدارىنى پىلاندىكى سەۋىيەدىن ئاشۇرۇپ يۈرۈشتۈرۈپ، تەبىئىي گاز مەھسۇلات مىقدارىنىڭ مۇقىم ئېشىشىغا ھەر تەرەپلىمە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.