شىنجاڭ گېزىتى، جىڭ، 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى بەي سۇجۈن خەۋەر قىلىدۇ: 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، جۇڭگو مېتاللۇرگىيە - گېئولوگىيە باش ئىدارىسىنىڭ 2025 - يىللىق شىنجاڭ چارلاش - ئېچىش بىرلەشمە جېڭىنى نەق مەيداندا ئالغا سىلجىتىش يىغىنى جىڭ ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. يىغىندا، شىنجاڭدا 123 قېزىلما بايلىقنى چارلاپ تەكشۈرۈش - ئېچىش نۇقتىلىق تۈرى مەركەزلىك ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەم جىڭ ناھىيەسىنىڭ ئاقتۇبەكىز مىس كۆپ خىل مېتال كېنى قاتارلىق ۋەكىللىك ئالتە نۇقتىلىق ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ماس قەدەمدە قوزغىتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ قېتىم ئىش باشلانغان ئالتە ۋەكىللىك نۇقتىلىق تۈر غۇلجا شەھىرى، جىڭ ناھىيەسى، قابا ناھىيەسى، ئۇچتۇرپان ناھىيەسى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، تولى ناھىيەسىنى قاپلىغان، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاقتۇبەكىز مىس كۆپ خىل مېتال كېنى تۈرى تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقىنىڭ دۆلەت دەرىجىلىك يېشىل چارلاش ئۈلگە تۈرى ئۆلچىمى بويىچە ئالغا سىلجىتىلىدىكەن.
جۇڭگو مېتاللۇرگىيە - گېئولوگىيە باش ئىدارىسى پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن ئىدارە باشلىقى نيۇ جيەنخۇا مۇنداق بىلدۈردى: بۇ، ئىدارىمىزنىڭ شىنجاڭنىڭ قېزىلما بايلىقلارنى چارلاپ تەكشۈرۈش - ئېچىش ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا ئومۇميۈزلۈك سىڭىشىپ، «مەركەز بىلەن يەرلىكنىڭ بايلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش زەنجىرنى مۇقىملاشتۇرۇش ئەندىزىسى»نى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق بىخەتەرلىكىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى كۈچلۈك تىرەك بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.
جىڭ ناھىيەسى شىنجاڭ تىيانشان كان ھاسىل بولۇش بەلبېغىدىكى يادرولۇق رايونغا جايلاشقان بولۇپ، مىس، ئالتۇن، ۋولفرام، مولىبدېن قاتارلىق مېتال كانلىرى ھەم ھاك تاش قاتارلىق مېتاللوئىد كان بايلىقىنىڭ يوشۇرۇن كۈچى ئالاھىدە گەۋدىلىك. «2002 - يىلى بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىغا كىرىپ ئورۇنلاشقاندىن بۇيان، بىز چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى سىكارىن تىپلىق تۆمۈر - مىس كۆپ خىل مېتال كان ياتمىسىنى بايقىدۇق، كەلگۈسىدە پەن - تېخنىكا كۈچ قوشۇش ۋە يېشىل چارلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ تۈرلەرنىڭ ماكانلىشىشىغا تۈرتكە بولىمىز.» نيۇ جيەنخۇا مۇنداق دېدى: جۇڭگو مېتاللۇرگىيە - گېئولوگىيە باش ئىدارىسى شىنجاڭدا جەمئىي 30 نەچچە جايدىكى چوڭ، ئوتتۇرا تىپتىكى كان ياتمىسىنى تەكشۈرۈپ تاپتى، 786 مىليون توننا تۆمۈر رۇدىسى، 30 مىليون توننىدىن ئارتۇق مانگان رۇدىسى، 120 توننىدىن ئارتۇق ئالتۇن تاپشۇردى، قابا ئالتۇن كېنى بازىسى ۋە تاۋئىربېك ئالتۇن كېنى بازىسىنى قۇرۇپ، سېتىش كىرىمىنى 1 مىليارد يۈەندىن ئاشۇرۇپ، شۇ جايدىكى 1000غا يېقىن كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى.
كېيىنكى قەدەمدە، جۇڭگو مېتاللۇرگىيە - گېئولوگىيە باش ئىدارىسى بورتالا ئوبلاستى، ئىلى ئوبلاستى قاتارلىق سەككىز ۋىلايەت، ئوبلاست بىلەن ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرىدۇ، بايىنغولىن ئوبلاستى، تارباغاتاي ۋىلايىتى قاتارلىق بەش ۋىلايەت، ئوبلاستتىكى تۈرلۈك چارلاش - ئېچىش كەسپىنى داۋاملىق كېڭەيتىدۇ، ئىستراتېگىيەلىك قېزىلما بايلىق جەھەتتە زاپاسنى كۆپەيتىپ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشنى نۇقتىلىق ئالغا سىلجىتىدۇ، شىنجاڭنىڭ يېشىل كانچىلىق تەرەققىياتى ۋە ئېكولوگىيە - مۇھىتنى تۈزەش خىزمىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تىرەك بولىدۇ.