تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

نىيە خارابىسىنى قوغدىغۇچىنىڭ قۇم دېڭىزى ۋە يۇلتۇزلۇق ئاسمىنى

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ

3 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، تاڭ ئەمدىلا سۈزۈلگەن ۋاقىتتا، قۇربان ھوشۇر موتوسىكلىتىنىڭ چىرىغىنى ياندۇرۇپ، نىيە خارابىسىگە بارىدىغان چارلاپ تەكشۈرۈش يولىدا كېتىۋاتاتتى. تۆگە مىنىشتىن ئىككى چاقلىق موتوسىكلىت مىنىشكىچە، يەنە تۆت چاقلىق موتوسىكلىت ھەيدەشكىچە، بۇ يولدا ئۇ ئون نەچچە يىل ماڭدى.

«ھاۋارايىدىن ئالدىن مەلۇماتتا دېيىلىشىچە، بۈگۈن قۇم - بورانلىق ھاۋارايى كۆرۈلىدىكەن، ئالدىراپ قايتىپ كەلمىسىڭىزمۇ بولىدۇ، قۇم - بوران كۈچەيسە گەمىگە كىرىپ ئۆزىڭىزنى دالدىغا ئېلىڭ.» قۇربانغا چارلاپ تەكشۈرۈش نۆۋىتى كەلگەندە، خوتۇنى ھەمىشە سەھەر تۇرۇپ، ئۇنىڭغا چارلاپ تەكشۈرۈش يولىدا يەيدىغان نان، ئىچىدىغان سۇ تەييارلاپ، ئۇنىڭغا يولدا بىخەتەرلىككە دىققەت قىلىشنى تاپىلايتتى.

مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى چارلاپ تەكشۈرۈپ يىل بويى سىرتتا يۈرگەچكە، قۇرباننىڭ تېرىسى قارامتۇل قىزىل رەڭگە ئۆزگىرىپ، خۇددى قۇملۇقتىكى قۇم - بوران ۋە قىزىق ئاپتاپ ئارىلىشىپ كەتكەن رەڭگە ئوخشاپ قالغانىدى.

نىيە خارابىسى نىيە ناھىيە بازىرىنىڭ شىمالىغا 100 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگە جايلاشقان، بۇ جاي قۇم - بوراندا كۆمۈلۈپ قالغان خەن، جىن سۇلالىلىرى دەۋرىگە تەۋە جىڭجۆ قەدىمكى شەھىرى خارابىسى. خارابىلىكنىڭ جەنۇبتىن شىمالغا ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 30 كىلومېتىر، شەرقتىن غەربكە كەڭلىكى تەخمىنەن بەش كىلومېتىر بولۇپ، بۇددا دىنى ئىبادەتخانىسى، بۇددا مۇنارى، ئېتىز، يول قاتارلىق چوڭ - كىچىك 200 نەچچە يادىكارلىق بار.

«ھازىر تۆت چاقلىق موتوسىكلىت بار بولدى، بىر قېتىم چارلاپ قوغداشقا پەقەت ئۈچ - تۆت كۈن ۋاقىت كېتىدۇ. 2015 - يىلىدىن ئىلگىرى تۆگىگە مىنىپ چارلاپ قوغدايتتۇق، بىر قېتىم چارلاپ قوغداشقا ئون نەچچە كۈن كېتەتتى» دېدى قۇربان. 2015 - يىلى، ئالاقىدار تارماقلار قۇربانغا ئىككى چاقلىق موتوسىكلىت سەپلەپ بەردى؛ 2022 - يىلى، ئىككى چاقلىق موتوسىكلىت تۆت چاقلىق موتوسىكلىتقا ئالمىشىپ، چارلاپ قوغداش كۆپ قولايلاشتى.

«دادام شۇ چاغدا خارابىلىككە كىرمەكچى بولسا ئۈچ - تۆت كۈن ۋاقىت كېتەتتىكەن، ھازىر ھاۋا ياخشى بولسا، موتوسىكلىت مىنىپ تۆت - بەش سائەتتىلا يېتىپ بارغىلى بولىدۇ» تۆت چاقلىق موتوسىكلىتىنى مىنىپ، قۇربان چارلاش يولىغا ماڭدى.

قۇربان تۇرۇشلۇق نىيە ناھىيەسى سالغۇزەك يېزىسىنىڭ قىزىل بايراق كەنتى نىيە خارابىسىگە ئەڭ يېقىن بىر كەنت. تاشيول كەنتكە تۇتاشتۇرۇلغان بولۇپ، يېزا - بازىرى، ناھىيە بازىرى ھەتتا خوتەن شەھىرىگە بېرىشمۇ كۆپ قولايلاشتى.

«كىچىكىمدىن تارتىپلا مەن دادام بىلەن نىيە خارابىسىنى چارلايتتىم، ئۇ ئەجدادلار قالدۇرغان قىممەتلىك بايلىق. بىز ۋەتەننىڭ قىممەتلىك مەدەنىيەت مىراسلىرىنى ياخشى قوغدىشىمىز كېرەك.» قۇربانمۇ سىرتقا چىقىپ ئىشلەمچىلىك قىلىشنى ئويلاپ باققان، دادىسىنىڭ نەسىھەت قىلىشى بىلەن ئۇ بۇ خىيالىدىن ۋاز كەچكەن.

«دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنى زور كۈچ بىلەن قوللايدۇ، ھازىر ھەر ئايدا مائاشىم بار» چارلاش ئېلىپ بارغاندىن باشقا چاغلاردا، قۇربان خوتۇنى بىلەن قوي باقىدىكەن، يەنە قوغۇن تېرىپتۇ.

نىيە خارابىسى بايقالغان 100 نەچچە يىل ۋاقىتتا، زور بىر تۈركۈم دۇنيانى زىلزىلىگە سالغان قىممەتلىك مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى قېزىۋېلىندى، «شەرقتىن كۆتۈرۈلسە بەش يۇلتۇز، جۇڭگو ئېلىگە نەپ يېتەر» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن كىمخاب مۇھاپىزەت يەڭلىكى، «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش، ئەۋلادلارغا بەخت تىلەش» دېگەن خەت كەشتىلەنگەن چىللاۋاتقان خوراز شەكلى چۈشۈرۈلگەن كىمخاب ياستۇق قاتارلىق مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى مۇشۇ يەردىن تېپىلغان. گەرچە بۇ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئەمەلىي بۇيۇمىنى كۆرۈپ باقمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ ئۆزى ۋە دادىسى قوغداۋاتقان خارابىلىكتىن قېزىۋېلىنغانلىقىنى بىلگەچكە، قۇربان ناھايىتى پەخىرلىنىدۇ.

200دىن ئارتۇق چارلاش نۇقتىسى ئىچىدە، ئەڭ يىراق نۇقتا نىيە خارابىسىنىڭ يادرولۇق رايونىغا 15 كىلومېتىر كېلىدۇ.

چارلاپ تەكشۈرگەندە قۇربان قۇم - بورانغا ئۇچراپ قېلىشتىن ئەڭ ئەنسىرەيدۇ. ئەتىياز بىلەن ياز پەسلى ئالمىشىپ، سوغۇق ۋە ئىللىق ھاۋا بىرىككەندە، تەكلىماكان قۇملۇقىدا يەر - جاھاننى قاپلىغان قۇم - بوران شەكىللىنىدۇ. «قارا بوران چىقىپ كۆزنىمۇ ئاچقىلى بولمايدۇ، قۇم ئۇرۇلۇپ يۈزنى ئېچىشتۇرۇۋېتىدۇ.» قۇربان ئەتىگەندە سىرتقا چىققاندا ھاۋا تۇتۇق بولۇپ، چۈشتىن ئۆتۈپلا، قارا بوران جاھاننى قاپلاپ چاڭ - توزانلارنى ئۇچۇرۇپ باستۇرۇپ كەلدى. ئىلگىرى قۇم - بورانلىق ھاۋارايىغا دۇچ كەلگەندە، قۇربان پەقەت قويۇق سۆكسۆكلىكتىن بىرنى تېپىپ شۇ جايدا يېتىپ، كىيىملىرى بىلەن بېشىنى ئوراپ، قۇم - بوران ئۆتۈپ كەتكەندە ئاندىن داۋاملىق چارلايتتى.

ھازىر قوغداش پونكىتىدا قۇم - بوراندىن ئۆزىنى دالدىغا ئالىدىغان جاي − قۇم بارخانلىرى ئاستىدىكى گەمە ياسالغان بولۇپ، ئىچىگە گۈرۈچ، ئۇن، ياغ، يېقىلغۇ گاز ئوچىقى سەپلەنگەن، قۇم - بوران يېتىپ كەلگەندە قوغدىغۇچىلار كىرىپ ئۆزىنى دالدىغا ئالالايدۇ.

تەكلىماكان قۇملۇقى دۇنيادىكى 2 - چوڭ كۆچمە قۇملۇق بولۇپ، قۇم - بوران نىيە خارابىسىنى قوغداشقا قارىتا تېخىمۇ يۇقىرى تەلەپ قويدى. «بەزى چاغلاردا بىز كۆرگەن بەزى خارابىلىكلەر قۇم - بوران سەۋەبىدىن يەنە بىر قېتىم كەلگەندە كۆمۈلۈپ قالىدۇ، بىزنىڭ خىزمىتىمىز دەل ئىمكانقەدەر بۇ خارابىلىكلەرنىڭ ئورنى ۋە ئەھۋالىنى دەل جايىدا خاتىرىلەش.» چارلىغاندا يان تېلېفون سىگنالى يوق بولۇپ، كۆپ يىل چارلاشتا توپلىغان تەجرىبىلەر قۇرباننى خارابىلىكنىڭ تىرىك خەرىتىسىگە ئايلاندۇردى، ئۇ كاللىسىدا چارلاش لىنىيەسىنى پىلانلاپ، خارابىلىكنىڭ ئاساسىي ئەھۋالىنى كاللىسىدا ساقلىۋېلىپ، قايتىپ بارغاندىن كېيىن مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش تارماقلىرىغا تېلېفون ئارقىلىق دوكلات قىلىدۇ.

نىيەنىڭ ھېكايىسى مەڭگۈ بايقاش بىلەن كۆمۈلۈش ئارىسىغا مۇجەسسەملەنگەن، قوغدىغۇچىلار بۇ ئارىلىقنى قەدىمى بىلەن ئۆلچەپ، بۇ جايدىكى قۇم دېڭىزى ۋە يۇلتۇزلۇق ئاسماننى قوغدىماقتا.

«بۇ خىزمەت زېرىكىشلىك، يەنە بەلگىلىك خەتىرى بولغاچقا، ئىشلەشنى خالايدىغان ياشلار كۆپ ئەمەس. لېكىن مەن تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرنىڭ نىيە خارابىسىنى قوغداشقا قاتنىشىپ، بۇ قىممەتلىك تارىخىي يادىكارلىقنى ياخشى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» قۇربان مۇنداق دېدى: نىيە خارابىسىدىكى بەش قوغدىغۇچىنىڭ ھەممىسى قىزىل بايراق كەنتىدىن كەلگەن، ئوتتۇرىچە يېشى 45 ياشتىن ئاشىدۇ.

قۇم دېڭىزىنىڭ ئۇ بېشىدا ئۇپۇق سۈزۈلدى، يېڭى بىر كۈنلۈك چارلاش ئىزلىرى موتوسىكلىت قالدۇرغان كونا ئىزنىڭ ئورنىنى ئالىدۇ. قۇربان كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئىلغار ئۈسكۈنىلەرنىڭ موتوسىكلىتنىڭ ئورنىنى ئېلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.