تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

ئاپتونوم رايونىمىز سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ 257 تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپىسىنى ئېلان قىلدى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 - ئاينىڭ 5 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سو رۇڭجى خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى «2025 - يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىسى تىزىملىكى»نى بېسىپ تارقىتىپ، سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تەرەپنى چۆرىدەپ، 257 تۈرلۈك كونكرېت ۋەزىپىنى سىستېمىلىق ئورۇنلاشتۇرما قىلىپ، «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاش نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى موتورىنى بەرپا قىلىشنى تۈزۈم كاپالىتى بىلەن تەمىنلىدى.

«خىزمەت ۋەزىپىسى تىزىملىكى»دە 46 ئاساسلىق مەسئۇل ئورۇننىڭ جەمئىي 257 تۈرلۈك خىزمەت مەزمۇنى ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، كۆزلىمە ئۈنۈم، مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتى ۋە تاماملاش ۋاقىت چەكلىمىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

سۈپەت كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى جەھەتتە 150 تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بۇنىڭ ئىچىدە، يېزا ئىگىلىكىدە سۈپەتنى ئۆستۈرۈپ ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش جەھەتتە، يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز - ئېرىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىشتە لاياقەتلىك بولۇش نىسبىتى %98تىن يۇقىرى بولۇش ھالىتى ساقلىنىدۇ، باغ - ئورمان مەھسۇلاتى بىلەن تەمىنلەش ئىقتىدارى ئۆستۈرۈلىدۇ، مېۋە مەھسۇلات مىقدارى 9 مىليون توننىدىن كۆپرەككە يەتكۈزۈلىدۇ، يېڭى ھوسۇل ئېلىنغان ئاشلىقنىڭ سۈپەت بىخەتەرلىكى خەۋپ - خەتىرىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش قاتارلىقلار داۋاملىق ياخشى ئىشلىنىدۇ، يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتى ئالغا سىلجىتىلىدۇ.

سانائەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشنى تېزلىتىش جەھەتتە، مۇھىم تېخنىكىلىق جابدۇقلارنىڭ سۈپەت سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش، ئاچقۇچلۇق تېخنىكىلاردىكى بوغما ھالەتنى بۆسۈپ ئۆتۈش، تۇنجى دانە (يۈرۈش) مەھسۇلاتلارنى بېكىتىشنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى، 10دىن 15كىچە ئىلغار دەرىجىلىك، قالتىس دەرىجىلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق زاۋۇت يېتىشتۈرۈلىدۇ، ئاپتونوم رايوندىكى 200 كەسىپلەشكەن، سەرخىل، ئالاھىدە، يېڭىچە ئوتتۇرا، كىچىك كارخانا قاتارلىقلار تىرىشىپ يېتىشتۈرۈلىدۇ، ياسىمىچىلىق تېخنىكىسىنى يېڭىلاش ۋە سۈپەت دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تېزلىتىلىدۇ.

ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك زامانىۋى مۇلازىمەت كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش جەھەتتە، مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت - ساياھەت ئىستېمال مۇھىتىنى ئەلالاشتۇرۇش، پۇل مۇئامىلە مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، «ئىشنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بېجىرىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، مۇلازىمەت كەسپىنىڭ قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولۇنىدۇ.

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشى جەھەتتە، «خىزمەت ۋەزىپىسى تىزىملىكى»دە 107 تۈرلۈك خىزمەت تەدبىرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش ئۈنۈمىنى كۈچەيتىش جەھەتتە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى قانۇن يۈرگۈزۈش جەھەتتىن قوغداش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى مەمۇرىي جەھەتتىن قوغداش مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى مەنبەدىن قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىق تەدبىرلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى ئايلاندۇرۇپ قوللىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەھەتتە، ئاپتونوم رايوننىڭ پاتېنت مۇكاپاتىنى باھالاش چارىسىنى بېسىپ تارقىتىش، پاتېنتنى ھەقلىق ئۆتۈنۈپ بېرىش ئىجازىتى ۋە كەسىپلەشتۈرۈش نىسبىتىنى يىل ئىچىدە %10تىن كۆپرەك ئاشۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى يۆتكەپ ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشنى كۈچەيتىش، پۈتۈن يىللىق بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىنى رەنىگە قويۇپ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سوممىسىنى 1 مىليارد 800 مىليون يۈەندىن كۆپرەككە يەتكۈزۈش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى مۇلازىمىتىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئۇچۇر ئاممىۋى مۇلازىمەت تور نۇقتىلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە قاپلاش، ۋىلايەت، شەھەر دەرىجىلىك بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئاممىۋى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرىنىڭ ئاپتونوم رايون بويىچە قاپلاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈپ %50كە يەتكۈزۈش قاتارلىقلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى، خەلققە قولايلىق يارىتىش، خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى ئاممىۋى مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارغا تۈرتكە بولۇنىدۇ.

ئاپتونوم رايونلۇق سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى تەشكىللەش، ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ۋە ئۈزۈل - كېسىل بولغان مەسئۇلىيەت سېپىنى بەرپا قىلىپ، تارماق ھالقىغان، رايون ھالقىغان ئىش تەقسىماتى بويىچە ھەمكارلىشىش، ئالاقىلىشىش، ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سۈپەت ۋە بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى كۈچلۈك رايونى قۇرۇلۇشىنىڭ تۈرلۈك نىشان - ۋەزىپىلىرىدە ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.