□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گو خۇڭلېي
4 - ئايدىكى شىنجاڭ يېشىللىققا پۈركەندى، پۇرسەت ناھايىتى كۆپ. يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن ئاقىل كېۋەزلىككىچە، شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونىدىن تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ ئىچكىرىسىگىچە، ھەممە يەردە ياشلىق سىيمالىرى ھاياتىي كۈچكە تولغانىدى.
شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا كۆپ يىل تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئىگىلىك تىكلىگەنلەر ئۈرۈمچىدە ئولتۇراقلىشىپ ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى ئاچتى، 90 - يىللاردا تۇغۇلغان، چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەن دوكتور شىنجاڭغا كېلىپ يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىگە ئاتلاندى، خۇنەنلىك قىز جەنۇبىي شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، كامېرا ئارقىلىق چۆللۈكتە يېشىللىق بەرپا قىلىش مۆجىزىسىنى خاتىرىلىدى... شىنجاڭنىڭ جەلپكارلىقى دەۋر بايانىنى يەككە پۇرسەتكە ئايلاندۇرۇشتىكى مىڭلىغان - تۈمەنلىگەن مۇمكىنچىلىكتە.
ھەقىقىي ياشلىق ھاياتىي كۈچى ھەمىشە دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئالدىنقى سېپى ۋە ئۈمىدكە تولغان جايلاردا بارلىققا كېلىدۇ. شىنجاڭ سىغدۇرۇشچان، ئوچۇق قىياپىتى بىلەن، كۆڭلىگە ئارزۇ - ئارمانلارنى پۈككەن ياشلارغا ئىگىلىك تىكلەپ كۈرەش قىلىدىغان كەڭ سەھنە ھازىرلاپ بېرىپ، ئۇلارنى بۇ جايدا كىشىلىك ھايات قىممىتىنى ئىشقا ئاشۇرىدىغان پۇرسەتنى تېپىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلماقتا.
ئېچىۋېتىشنىڭ ئالدىنقى سېپى
«ئۆزبېكىستاننىڭ تاشكەنت شەھىرىدىكى فېرمونت ياتاق بىناسىنى بېزەش قۇرۇلۇشى» «قازاقىستان تېمىر تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىل بوغالتىرلىق كونترول سىستېمىسى قۇرۇلۇشى»... ئوتتۇرا ئاسىيا سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش تورى ھەر كۈنى دېگۈدەك ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتنىڭ سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش قاتارلىق تۈرلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىپ تۇرىدۇ.
3 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئوتتۇرا ئاسىيا سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش تورى ئارقىلىق ئۇچۇرغا ئېرىشكەن ھەم ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ھاسىل قىلىنغان تۈرلەرنىڭ ئومۇمىي سوممىسى 10 مىليارد يۈەن خەلق پۇلىدىن ئاشتى. ئوتتۇرا ئاسىيا سېتىۋېلىش، خېرىدار چاقىرىش تورىنىڭ قۇرغۇچىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ما خاۋخۇەن ئىلگىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيادا ئىگىلىك تىكلەپ، كۆپ يىل ئېلېكتىرونلۇق سودا بىلەن شۇغۇللانغان، بۇ قېتىم ئىگىلىك تىكلەش ئۈستىدە توختالغاندا، ئۇ مۇنداق دېدى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىش، تەرەققىيات قەدىمى تېزلىشىپ، مىسلىسىز پۇرسەت يارىتىلدى.
2022 - يىلى، ما خاۋخۇەن شېنجېندىكى بىرنەچچە ھەمراھىنى ئېلىپ شىنجاڭ ئۈرۈمچىگە قايتىپ كېلىپ، ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ ئۈرۈمچى، قەشقەر، قورغاس قاتارلىق جايلاردا تەكشۈرۈشتە بولدى، ئارقىدىن يەنە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەتكە باردى. دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى غايەت زور ئۇچۇر پەرقى ئۇنىڭغا شىنجاڭنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»دىكى يادرولۇق رايونى بولۇشتىكى چەكسىز يوشۇرۇن كۈچىنى تونۇتتى.
بىناكارلىق ساھەسىدە ئوتتۇرا ئاسىيا ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش ئالاقە تورى سۇپىسى قۇرۇش ما خاۋخۇەننىڭ ئىگىلىك تىكلەش يۆنىلىشى ئىدى، لېكىن، دەسلەپكى مەزگىلدە نۇرغۇن ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىدى. «2023 - يىلى 5 - ئايدا، جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، سىياسەتنىڭ پايدىسى يېتىپ كەلدى، ھەمكارلىشىش تەكلىپلىرىنى كەينى - كەينىدىن تاپشۇرۇۋالدۇق.» ما خاۋخۇەن مۇنداق دېدى: شەخسنىڭ تاللىشى دۆلەت ئىستراتېگىيەسى بىلەن ماس قەدەمدە بولسا، دەۋر پايدىسى تەبىئىي ھالدا پۇرسەتكە ئايلىنىدۇ.
بۈگۈنكى كۈندە، ما خاۋخۇەن تاشكەنتتە ئىش بېجىرىش ئورنى تەسىس قىلدى، بۇ، ئۇچۇر توپلاشقا قولايلىق بولۇپلا قالماي، يەنە شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت، كارخانىلارنى تەرجىمە قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلىدى.
شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسىنىڭ بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىشى يەنە تېخىمۇ كۆپ ئوتتۇرا ئاسىيالىق ياشنى شىنجاڭغا كېلىپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئىزدەش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
قىرغىزىستاندىن كەلگەن مەخمۇتكۇلوۋا ئاينۇرە مالاتوۋ شۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى. 2024 - يىلى 10 - ئايدا، مەخمۇتكۇلوۋا ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى شىنجاڭ جياخې جۇڭشىن ئەمگەك مۇلازىمەت چەكلىك شىركىتىدە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ، تەرجىمانلىق خىزمىتى بىلەن شۇغۇللاندى.
«ھازىر جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەمكارلىقى بارغانسېرى قويۇقلاشتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە كۆپىنچىسى شىنجاڭدا ئىشقا ئاشقان، بۇ يەردە نۇرغۇن پۇرسەت بار، مېنىڭ بۇ يەردە قالغۇم بار» دېدى مەخمۇتكۇلوۋا.
مەخمۇتكۇلوۋا بىر قېتىملىق ساياھەتتىن كېيىن شىنجاڭنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، بۇ يەرنىڭ تىنچلىقى ۋە گۈللىنىشىنى ئۇنتۇيالماي ئۇنىڭدا شىنجاڭغا كېلىپ خىزمەت قىلىش ئويى پەيدا بولغانىدى.
2023 - يىلى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ قۇرۇلغانلىق خەۋىرى يېتىپ كەلگەندە، ساياھەت كوپىراتىپىدىكى دوستلىرى ئۇنىڭغا شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونى ئۈرۈمچى بۆلەك رايونى مىدۇڭ فۇنكسىيەلىك رايون بۆلىكىنىڭ خەلقئارا سودا بويىچە يېتىشتۈرۈش بازىسىنى تەۋسىيە قىلىپ، «ئۇ جايدا مەخسۇس ئوتتۇرا ئاسىيا ئىختىساسلىقلىرى ئۈچۈن تەمىنلىنىدىغان بىر پونكىت شەكلىدىكى مۇلازىمەت بار ئىكەن» دېدى. ئۇ دەرھال جۇڭگونىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىش تور بېكىتىگە قىسقىچە تەرجىمىھالىنى يوللاپ، ناھايىتى تېزلا خىزمەتكە قوبۇل قىلىنغانلىق توغرىسىدىكى تەكلىپنى تاپشۇرۇۋالدى.
2024 - يىلى 10 - ئايدا، مەخمۇتكۇلوۋا يەنە بىر قېتىم شىنجاڭغا كېلىپ، بۇ يەردە «ئانىلارچە مۇلازىمەت»نى ھېس قىلدى: خىزمەتچى خادىملار ئۇنىڭ توردا ئوقۇش تارىخى ئېتىراپنامىسى تاپشۇرۇشىغا ياردەم بەردى، گۇڭئەن خەلق ساقچىلىرى نەق مەيداندا پاسپورت ئۇچۇرىنى تەكشۈردى... ئۇنى ئەڭ خۇشال قىلغىنى 60 كىۋادرات مېتىرلىق ئېسىل بېزەلگەن، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى تولۇق بولغان، سومكىسىنى كۆتۈرۈپ كۆچۈپ كىرسىلا بولىدىغان ياتاق ئۆي بار − خەلقئارا ئىقتىساسلىقلار ياتاق بىناسى بولدى.
«بۈگۈنكى كۈندە، يالغۇز مىدۇڭ رايونىلا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ئون نەچچە كارخانىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلدى. بۇ يەرنىڭ ياخشى سودا مۇھىتى ھەربىر كەسىپكارنى خاتىرجەم تەرەققىي قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى» دېدى مەخمۇتكۇلوۋا.
پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى مۇنبەت تۇپراق
«كارخانىنىڭ بىرىنچى سېپىگە، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكمىگەندە، ھەقىقىي مەسىلىنى ھەرگىز بايقىغىلى بولمايدۇ.» 3 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى بىلەن شەرقىي جۇڭغار ئىقتىساد - تېخنىكا تەرەققىيات رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى بىرلىشىپ قانات يايدۇرغان «100 دوكتور 100 كارخانىدا تۇرۇش» پائالىيىتىگە قاتناشقاندا، ۋاڭ گاڭ ھاياجېنىنى باسالمىدى، بۇ قېتىم ئۇ كارخانىلارنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شۇ جايدىكى كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىق مۇددىئانامىسى ھاسىل قىلدى.
چەت ئەلدىن قايتىپ كەلگەن خېيلۇڭجياڭ خېگاڭلىق بۇ دوكتور 2022 - يىلى ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش بويىچە شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنىگە خىزمەتكە چۈشۈپ، قۇياش ئېنېرگىيەسى ئىسسىقلىقىدىن پايدىلىنىش ۋە ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش تەتقىقاتىنى ئاساسلىق ھۇجۇم نىشانى قىلدى. بۇ مۇنبەت تۇپراقنىڭ پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىغا بولغان تەقەززاسىنى 40 كۈن داۋاملاشقان «ئىختىساسلىقلارنى جەلپ قىلىش ھۇجۇمى»دىن كۆرۈۋالغىلى بولاتتى. شۇ چاغدا شىنجاڭ قۇرۇلۇش شۆيۈەنى ئېنېرگىيە قۇرۇلۇشى شۆيۈەنىنىڭ مۇدىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان لى ۋېنلياڭ ۋاڭ گاڭنىڭ ۋەتەنگە قايتىش مۇددىئاسى بارلىقىدىن خەۋەر تېپىپ، ھەر كۈنى بىر قېتىم تېلېفونلىشىپ، شىنجاڭدىكى تەرەققىيات پۇرسىتىنى ھەر تەرەپلىمە تونۇشتۇردى. «لى مۇدىرنىڭ سەمىمىيىتىدىن شىنجاڭنىڭ ئىختىساسلىقلارغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم» دېدى ۋاڭ گاڭ ئەسلەپ.
شىنجاڭغا كەلگىنىگە ئىككى يىلدىن ئاشقان ۋاڭ گاڭنىڭ پەن تەتقىقات ئىشلىرى تېز سۈرئەتلىك يولغا كىردى. مەكتەپ تەرەپنىڭ قوللىشى بىلەن، ۋاڭ گاڭ باش بولۇپ ئىلتىماس قىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ تەبىئىي پەن فوندى ياشلار ئىلىم - پەن فوندى تۈرى قاتارلىق ئۈچ تۈرنىڭ ھەممىسى تولۇق تۇرغۇزۇلدى، ئۇمۇ 2024 - يىلى دۆلەت دەرىجىلىك يۇقىرى قاتلاملىق ياش ئىختىساس ئىگىسى بولۇپ باھالاندى.
«ئوقۇش پۈتكۈزۈپلا ئەترەتنى باشلاپ تۈر ئىلتىماس قىلىپ، تېزلا ئېتىراپ قىلىشقا ئېرىشتىم، بۇ ئەسلىدىكى پىلانىمدا ئويلاشقىمۇ جۈرئەت قىلالمايدىغان ئىش ئىدى» دېدى ۋاڭ گاڭ. ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنىڭ تەرەققىيات شەرق شامىلىغا تايىنىپ، ۋاڭ گاڭنىڭ كوللېكتىپى قۇياش ئېنېرگىيەسىدىن پايدىلىنىپ ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش ساھەسىدە ئارقا - ئارقىدىن بۆسۈش ھاسىل قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر تۈر ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى.
ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئۇ ئىلگىرى - كېيىن بولۇپ يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق قاتتىق جىسىم ئارقىلىق ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش تەجرىبىخانىسى، ئۇزاق ۋاقىتلىق ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ساقلاش تېخنىكىسى تەتقىقاتى تەجرىبىخانىسى ۋە دالا تەتقىقات بازىسىنى قۇردى ھەم مەكتەپ دەرىجىلىك پەن تەتقىقات كوللېكتىپىنى تەشكىللەپ قۇردى. ھازىر، ئۇ ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تەتقىقات سۇپىسى ۋە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇشنى ئىلتىماس قىلىشقا تۇتۇش قىلىۋاتىدۇ. «شىنجاڭ ماڭا مۆلچەرىمدىكىدىنمۇ ياخشى ئۆسۈپ يېتىلىش سەھنىسى ھازىرلاپ بەردى» دېدى ۋاڭ گاڭ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تەرەققىياتى تېز بولۇپ، گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمى ۋە توك چىقىرىش مىقدارى بىردەك مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. گېنېراتورلار سىغىمچانلىقى كۆلىمىنىڭ تېز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭ «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» ۋە ئېنېرگىيە ساقلاش تېخنىكىسىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش ئارقىلىق، ئىستېمال ئىقتىدارىنى ئۈنۈملۈك ئۆستۈردى، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تولۇق تەرەققىي قىلدى.
«كەسىپ زەنجىرىنىڭ تۆۋەن ئېقىمىغىمۇ ئىنتايىن زور تەرەققىيات بوشلۇقى يوشۇرۇنغان» دېدى شىنجاڭ ۋېيپېڭ ديەنكې ئۇچۇر پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى ياڭ فېڭچېڭ. ئاپتونوم رايوندىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ شىركەت يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك سېتىش بۆلىكىنى مەخسۇس ھۇجۇم نىشانى قىلدى.
دەسلەپتە قۇرۇلغان ئۈچ كىشىلىك كوللېكتىپنىڭ نەچچە يىل ئىچىدە 50 نەچچە ئادەمگە تەرەققىي قىلغانلىقىنى، شىركەتنىڭ يەنە مۇنتىزىم توك سېتىش زالى بارلىقىنى كىممۇ ئويلاپ يەتسۇن. ياڭ فېڭچېڭ مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون «ئون چوڭ كەسىپ توپى» نۇقتىلىق ساھەلىرىنى چۆرىدەپ كەسىپ زەنجىرىنى مۇكەممەللەشتۈردى، كارخانىلار شىنجاڭنىڭ كەسىپ ئېھتىياجىغا ماسلاشسىلا، تەرەققىيات بوشلۇقى تاپالايدۇ.
«شىركەت ئۆسۈپ يېتىلىش جەريانىدا، پەن - تېخنىكا تارماقلىرى ئىشىك ئالدىغىچە بېرىپ يېتەكچىلىك قىلىپ، كەسىپ زەنجىرىنىڭ يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىمى ئۈچۈن سۇپا ھازىرلاپ بەردى» دېدى ياڭ فېڭچېڭ. بۈگۈنكى كۈندە شىركەتنىڭ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سودىسى بويىچە تەدبىر بەلگىلەش سىستېمىسى دەل يۇقىرى - تۆۋەن ئېقىمدىكىلەرنىڭ ئېھتىياجىنى تولۇق چۈشەنگەندىن كېيىن ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ ياسالغان.
بۇ سىستېما مېتېئورولوگىيە سانلىق مەلۇماتى، ئېلېكتىر تورى يۈكى، توك چىقىرىشنى ئالدىن مۆلچەرلەش قاتارلىق 18 تۈرلۈك سانلىق مەلۇمات مەنبەسىنى توپلاپ ئەقلىي ئىقتىدارلىق ھېسابلاش ئۇسۇلىغا ئايلاندۇرۇپ، 15 مىنۇت ئىچىدە 96 ۋاقىت بۆلىكىدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى تەڭشەپ، ھەربىر كىلوۋات يېشىل توكنى ئۆز جايىغا يەتكۈزۈپ، ئېلېكتىر ئىستانسىسى ۋە توك ئىشلىتىدىغان شىركەتلەرنى تېخىمۇ ئىلمىي ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەمىنلەش - ئېھتىياج تەدبىرى بىلەن تەمىنلەيدۇ.
2024 - يىلى، شىنجاڭ ۋېيپېڭ ديەنكې ئۇچۇر پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتى ئىشقا ئاشۇرغان سودا توك مىقدارى 400 مىليون كىلوۋات سائەت بولدى. ھازىر شىركەتنىڭ كەسپىي مۇلازىمەت دائىرىسى شىنجاڭدىن شەنشى، تيەنجىن، سىچۇەن، گەنسۇ قاتارلىق جايلارغىچە كېڭەيدى.
خاتىرجەم ھالدا ئورنىغا قايتىش
«مۇساپە بېكىتكۈچى، مۇنەۋۋەر يېتەكچى، مونتاژ، رېژىسسور... بىز ئازادىلىكنى ياخشى كۆرىدىغان، ئىش قىلىشنى خالايدىغان، ئىش قىلالايدىغان ھەمراھلارنى قوبۇل قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ساياھەت ئىشلىرىنى ئورتاق راۋاجلاندۇرماقچى.» 3 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، ۋاڭ شياۋخەن ۋىيشىن دوستلار چەمبىرىكىدە ئەتىيازلىق خىزمەتكە قوبۇل قىلىش ئېلانى چىقىرىپ، يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ ئاۋات پەسلىگە تەييارلىق كۆردى.
ۋاڭ شياۋخەننىڭ نەزەرىدە، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىنىڭ تەرەققىياتى پۇختا قەدەم بىلەن ياخشىلىنىشقا يۈزلەنگەنىدى. 2024 - يىلى، مەدەنىيەت - ساياھەت كەسپى ئاپتونوم رايوننىڭ «ئون چوڭ كەسىپ توپى» قاتارىغا كىرگۈزۈلدى، مەدەنىيەت - ساياھەت تارماقلىرى بىلەن ساھە جەمئىيەتلىرىنىڭ نازارەت قىلىپ تۈرتكە بولۇشىدا، كەسىپنىڭ قېلىپلىشىشى كۆرۈنەرلىك ئۆستى. بۇ كەسىپ بىلەن شۇغۇللانغۇچىلار ئەمدى نوقۇل ھالدا ئېقىم مىقدارىنى قوغلاشماستىن، بەلكى مۇلازىمەت ۋە تەشكىللەش جەھەتتە ياخشى رىقابەتنى قانات يايدۇرۇشقا باشلىدى. بۇ خىل ئۆزگىرىش ۋاڭ شياۋخەننى خۇشال قىلدى − ئۇ «قىزغىن مۇھەببىتى ئارقىلىق يۇرتنى گۈللەندۈرۈش» ئىستىقبالىنى كۆردى.
ئۈچ يىل ئىلگىرى، ۋاڭ شياۋخەن بېيجىڭدىكى مەلۇم كىنو - تېلېۋىزىيە شىركىتىدە سېنارىست ۋە رېژىسسور بولۇپ ئىشلەۋاتقانىدى، يىللىق مائاشىمۇ خېلى كۆپ ئىدى، لېكىن باشتىن - ئاخىر «لەيلەپ» يۈرگەندەك ھېس قىلاتتى. ئۇ چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىنى ئايلاندى، ھەر قېتىم شىنجاڭغا قايتقاندا، ھەمىشە يۇرتىنىڭ گۈزەل تاغ - دەريالىرىدىن چوڭقۇر ھاياجانلىناتتى. «ھەربىر شىنجاڭلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىگە بۇ تۇپراقنىڭ گۈزەللىكىنى كۆرسىتىشنى ئويلايدۇ، مەنمۇ شۇنداق» دېدى ۋاڭ شياۋخەن.
شۇنىڭ بىلەن ۋاڭ شياۋخەن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ ساياھەت كەسپىگە كىرىشىپ كەتتى، ئىشنى ئالدى بىلەن ساياھەت يېتەكچىسىدىن باشلاپ، ھازىر ئىككىنچى سەپكە چېكىنىپ شەھەرلىكلەرنى ئەڭ چۈشىنىدىغان ساياھەت كوپىراتىپى قۇردى. بۇ جەرياندا، ۋاڭ شياۋخەن ئۆزىگە ئوخشاش يۇرتىنى قىزغىن سۆيىدىغان نۇرغۇن ھەمراھلار بىلەن تونۇشتى.
دەل مۇشۇ قىزغىن مۇھەببەت ئۇلارنىڭ خىزمەتتە تەننەرخ بىلەن ھېسابلاشماسلىقىغا، پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلىشىگە تۈرتكە بولدى. ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ كەسپىي ساياھەت سۈرىتى تارتىش ئۈسكۈنىلىرىنى سەپلەشتىن ساياھەتچىلەرگە سۇ يەتكۈزۈپ بېرىش، ئۇلارنىڭ سومكىلىرىنى كۆتۈرۈشكىچە، يەنە ھازىرقى سىستېمىلىق تەربىيەلەش كوللېكتىپىغىچە، بارلىق ئەترەت يېتەكچىلىرىدىن توغرا بولغان مەدەنىيەت چۈشەندۈرۈشىنى پىششىق ئىگىلەشنى تەلەپ قىلدى.
«ئەترەت يېتەكچىسى يول باشلىغۇچى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشتىكى ئەلچى بولۇشى كېرەك» دېدى ۋاڭ شياۋخەن سالماقلىق بىلەن. بۈگۈنكى كۈندە ئۇنىڭ خىزمىتى ئالدىراش، ئۆز يۇرتىدا يىلتىز تارتىپ، قىزغىن سۆيگەن كەسپىگە ئاتلانغاچقا، كۆڭلى ھەرقانداق ۋاقىتتىكىدىن تېخىمۇ خاتىرجەم ئىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭغا كېلىدىغان كىشىلەرنىڭ بارغانسېرى كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، «شىنجاڭ تەشۋىقاتچىسى» قوشۇنى ئۈزلۈكسىز زورايدى. خۇنەندىن شىنجاڭغا كەلگەن 95 - يىللاردا تۇغۇلغان لى شىن كېرىيە ناھىيەسى دەريابويى يېزىسىدا يىلتىز تارتىپ ئاساسىي قاتلام كادىرى بولغاندىن كېيىن، ئۆز ئىختىيارلىقى بىلەن «شىنجاڭ تەشۋىقاتچىسى» بولدى، ئۇ دەريابويى يېزىسىنىڭ كۆچەت تىكىش قۇرۇلۇشىغا قاتنىشىپلا قالماي، يەنە بۇ قىممەتلىك جەرياننى سۈرەتكە ئېلىپ خاتىرىلىدى.
«قۇملۇقتىكى كىچىك بازارنى قوغداش − دەريابويى يېزىسىدا كۆچەت تىكىش خاتىرىسى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى دەل لى شىن ئېرى ئەي چىڭ بىلەن بىرلىشىپ ئىشلىگەن. بۇ ھۆججەتلىك فىلىمدە بۇ يېزىدىكى ئاممىنىڭ ماكانىنى قوغداش، قۇملىشىش بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن سۆكسۆك ئۆستۈرگەنلىكى توغرىسىدىكى ھېكايە خاتىرىلەنگەن بولۇپ، «پەننى ئومۇملاشتۇرۇۋاتقان جۇڭگو» 2020 - يىللىق مەملىكەتلىك ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ساھەسىدە پەننى ئومۇملاشتۇرۇش مىكرو سىنى يېڭىلىق يارىتىش، ئىگىلىك تىكلەش مۇسابىقىسىدە 1 - دەرىجىلىك مۇكاپاتقا ئېرىشتى.
خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلاردا، لى شىن ئەر - خوتۇن ئىككىيلەن ھەمىشە يۇرتداشلار ئۈچۈن قۇملۇقتا ئۆستۈرگەن توشقانزەدىكىنىڭ تەشۋىقات سۈرىتىنى تارتىش، دەريابويى يېزىسىدىكى كونا بۇيۇملارنى سۈرەتكە تارتىش قاتارلىقلار ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى بۇ يەردىكى ئۆزگىرىشلەرنى كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى.
لى شىن مۇنداق دېدى: ئەتراپىمدا كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇرغۇن ھېكايىلەر بار: پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىنمۇ خالىسانە لېكسىيەنى داۋاملاشتۇرغان مەتتۇرسۇن قاسىم بوۋاي، ئۆز يېنىدىن پۇل چىقىرىپ خەتتاتلىقنى ئۆگىتىدىغان مەدەنىيەت سارىيى خادىمى، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ غەم - ئەندىشىسىنى تۈگىتىپ، قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىپ بېرىدىغان كەنتتە تۇرۇشلۇق كادىرلار...
«دەل مۇشۇ ئاددىي كىشىلەر ئۆز خىزمەت ئورنىدا كۈنبويى چىڭ تۇرۇش ۋە ئەجىر قىلىش ئارقىلىق شىنجاڭدا كۈنسېرى يېڭىلىنىۋاتقان ئۆزگىرىشلەرنى ھاسىل قىلماقتا.» ئەمما ئۇ ئۆزىمۇ باشتىن - ئاخىر ئوخشاش ئېتىقادنى كۆڭلىگە پۈكۈپ كەلدى − مەن ئىككى قولۇمغا تايىنىپ بۇ تۇپراقنى تېخىمۇ گۈزەللەشتۈرىمەن، مانا بۇ مېنىڭ قىممىتىم.