تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭ تۇنجى قېتىملىق ئاقىل چارۋىچىلىق قەرز پۇلى تارقاتتى

جانلىق مۈلۈك رەنىگە قويۇشقا بولىدىغان مۈلۈككە ئايلاندى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇ خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى تۇرپان شۆبە بانكىسى «ئاقىل چارۋىچىلىق ھالىتى + ئاقىل چارۋىچىلىق قەرز پۇلى» يېڭىلىق يارىتىش ئەندىزىسىگە تايىنىپ، شۇ جايدىكى باقمىچىلىق ئائىلىلىرىگە شىنجاڭ بويىچە تۇنجى قېتىملىق ئاقىل چارۋىچىلىق قەرز پۇلى تارقىتىپ بېرىپ، جانلىق مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشقا بولىدىغان مۈلۈككە ئايلاندۇرۇپ، باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنىڭ رەنە بۇيۇمى دائىرىسىنى كېڭەيتتى.

«بۇ 2 مىليون يۈەنلىك ئاقىل چارۋىچىلىق قەرز پۇلىنىڭ تولۇق نامى AI ئەقلىي ئىقتىدارلىق چارۋىلارنى پەرقلەندۈرۈش چارۋىچىلىق ھالىتى قەرز پۇلى.» جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى تۇرپان شۆبە بانكىسىنىڭ مۇئاۋىن بانكا باشلىقى خۇ يى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ، نەرسە تورى، چوڭ سانلىق مەلۇمات ھەم سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار تېخنىكىسىنى چوڭقۇر يۇغۇرۇپ، يېڭىلىق يارىتىپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلغان قەرز پۇل مەھسۇلاتى. «دېھقانلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈش بۇلۇت سۇپىسى ئاقىل چارۋىچىلىق ھالىتى»نى بەرپا قىلىش ئارقىلىق، ئەقلىي ئىقتىدارلىق كامېرا، مۇھىت سېنزورى قاتارلىق ئۈسكۈنىلەردىن پايدىلىنىپ، چارۋىلارنىڭ بەدەن ئالاھىدىلىكى، بېقىلىش مۇھىتىنى 24 سائەت ھەرىكەت ھالىتىدە كۆزىتىپ، بېقىلىۋاتقان چارۋا سانى، يۇقۇم خەۋپ ـ خەتىرى قاتارلىق يادرولۇق سانلىق مەلۇماتلارنى ھەر ۋاقىت ئىز قوغلاپ، جانلىق مۈلۈكنىڭ پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكىنى قاپلىغان خەۋپ ـ خەتەرنى كونترول قىلىش مودېلى بەرپا قىلىندى، بانكا رەنە بۇيۇمىنىڭ ھالىتىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىپ، كىرېدىت مەبلىغىنى باشقۇرۇشنى ئۈنۈملۈك كۈچەيتەلەيدۇ.

ئەنئەنىۋى چارۋىچىلىق بىلەن شۇغۇللىنىدىغان باقمىچىلىق ئائىلىلىرى دائىم مۈلۈك ھوقۇقىنى بېكىتىش قىيىن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر تۈپەيلىدىن مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈشتىكى بوغما ھالەتكە دۇچ كېلىدۇ، ئاقىل چارۋىچىلىق قەرز پۇلىنىڭ «نەرسە تورى ئارقىلىق ھوقۇق بېكىتىش + سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق تەسۋىر ھاسىل قىلىش»تىن ئىبارەت قوش قاتلاملىق قۇۋۋەت قوشۇشى بولغاچقا، بانكا جانلىق مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشقا بولىدىغان «رەقەملىك مۈلۈك»كە ئايلاندۇرۇپ، كىرېدىت باشقۇرۇشتا ئاساسلىقى تۇراقلىق مۈلۈكنى رەنىگە قويۇشقا تايىنىش چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلىيالايدۇ.

«ئىلگىرى بىز چارۋىچىلىق قەرز پۇلى بېجىرگەندە بانكىغا قاترايتتۇق، ماتېرىيال تاپشۇراتتۇق، تەكشۈرۈپ تەستىقلاشنى ساقلايتتۇق، يەنە پەقەت ئۆي قاتارلىق تۇراقلىق مۈلۈكلەرنىلا رەنىگە قويالايتتۇق.» تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى ئايدىڭكۆل بازىرى خۇايۈەن كەنتىدىكى باقمىچى ئادىل ئابلىم مۇنداق دېدى: «ھازىر ئاقىل چارۋىچىلىق قەرز پۇلى بار بولدى، تىرىك چارۋىلارنى رەنىگە قويغىلى بولىدىغان بولدى، قەرز پۇل ئېلىش ناھايىتى قولايلىق، يان تېلېفون ئارقىلىقلا ئىلتىماس قىلغىلى بولىدۇ».

ئادىلنىڭ چارۋىچىلىق، باقمىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغىنىغا ئون نەچچە يىل بولغان بولۇپ، بۇ يىل باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتكەچكە مەبلىغى يېتىشمەي قالدى. 3 ـ ئاينىڭ بېشىدا، جۇڭگو يېزا ئىگىلىك بانكىسى تۇرپان شۆبە بانكىسىنىڭ خېرىدارلار دىرېكتورى ئۇنىڭ قەرز پۇل ئېلىش ئېھتىياجىنى ئىگىلىگەندىن كېيىن، ئاقىل چارۋىچىلىق كۆرۈنۈشى سىستېمىسىغا تايىنىپ، ئۇ بېقىۋاتقان 1100 كالىنىڭ قىممىتىنى دەل جايىدا باھالاپ چىقتى ھەم تىجارەت سودا سوممىسى سانلىق مەلۇماتىغا بىرلەشتۈرۈپ، بىر ھەپتە ئىچىدىلا ئۇنىڭغا 2 مىليون يۈەن قەرز پۇلى بېجىرىپ بەردى.

بۇ قەرز پۇلغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ئادىل بۇ يىل ئۆزىنىڭ باقمىچىلىق كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، 1500 كالا بېقىشنى پىلانلىدى. «بۇ، مەبلەغ جەھەتتىن مەدەت بېرىشلا ئەمەس، تېخىمۇ مۇھىمى باقمىچىلىق ئۇسۇلىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش» دېدى ئادىل.

خۇ يى مۇنداق بىلدۈردى: «پەن ـ تېخنىكا + پۇل مۇئامىلە»نىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى ئارقىلىق، بانكىمىز چارۋىچىلىق كەسپىنىڭ مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش ئەندىزىسىدە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلدى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ باقمىچىلىق ئائىلىلىرىنى «بارماق ئارقىلىق قەرز پۇل بېجىرىش، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق ئىناۋەت دەرىجىسىنى ئاشۇرۇش» پايدىسىدىن بەھرىمەن قىلىپ، شىنجاڭ چارۋىچىلىقىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كۈچلۈك قۇۋۋەت قوشىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.