تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئومۇمىي گېنېراتورلار كۆلىمى سىغىمچانلىقى 10 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشتى

شىنجاڭ گېزىتى، ئۈرۈمچى، 4 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېي خەۋەر قىلىدۇ: 4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، خۇاديەن كەيشېڭ مورى چۆرېن يورۇقلۇق ۋولت ئېنېرگىيە ساقلاش 1 ـ پونكىتىنىڭ تورلاشتۇرۇلۇپ ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئومۇمىي گېنېراتورلار كۆلىمى سىغىمچانلىقى 10 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، 10 مىليون 97 مىڭ كىلوۋات33 / مىليون 713 مىڭ كىلوۋات سائەتكە يېتىپ، گېنېراتورلار كۆلىمى سىغىمچانلىقى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى.

شىنجاڭنىڭ يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرلىرى كۆپ خىل، تېخنىكىسى ئىلغار بولۇپ، ئۆز رايونىنىڭ ئېنېرگىيە تىپىنى ئۆزگەرتىشنى تىرەك بىلەن تەمىنلىگەندىن سىرت، يەنە باشقا رايونلارنى كۆپ خىللاشقان تېخنىكا تاللىشى بىلەن تەمىنلىدى. 10 مىليون 97 مىڭ كىلوۋاتلىق ئېنېرگىيە ساقلاش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسى ئىچىدە، يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن جەمئىي 218ى قۇرۇلدى، بۇ ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرلىرى تۆمۈر فوسفاتلىق لىتىي، تولۇق ۋانادىيلىق سۇيۇقلۇق، دەرىجىدىن تاشقىرى كوندېنساتور قاتارلىق كۆپ خىل تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

2024 ـ يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك گېنېراتورلار كۆلىمىنىڭ سىغىمچانلىقى 100 مىليون كىلوۋاتتىن ئېشىپ، غەربىي قىسىم رايوندىكى تۇنجى «يۈز مىليون كىلوۋات كۇلۇبى»غا كىرگەن ئۆلكە بولۇپ قالدى. يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىشتا ئارىلاپ ئۈزۈلۈش ۋە تۇراقسىزلىق مەۋجۇت، بولۇپمۇ شىنجاڭدا، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىشتا «ئەتىياز، كۈزدە كۆپ بولۇش، قىش، يازدا ئاز بولۇش» ئالاھىدىلىكى شەكىللەنگەن، بۇ، ئېلېكتىر تورىنىڭ ياز ۋە قىشتا ئېلېكتىر يۈكى يۇقىرى پەللىسى كۆرۈلۈشتەك ئالاھىدىلىكى بىلەن قارمۇقارشى.

ئېنېرگىيە ساقلاش تۈرى ئېلېكتىر تورىنىڭ بىخەتەر يۈرۈشۈشىدىكى «مۇقىملاشتۇرغۇچ» «تەڭشىگۈچ» بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئاساسلىقى «يۇقىرى ـ تۆۋەن پەللىنى تەڭشەش» رولىنى ئوينايدىغان بولۇپ، «توكدان»غا ئوخشايدۇ. توك ئىشلىتىش تۆۋەن پەللىسىدە، ئېنېرگىيە ساقلايدىغان باتارېيەگە توك قاچىلاپ ئېنېرگىيە ساقلىنىدۇ؛ توك ئىشلىتىشنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە، باتارېيەدىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى قويۇپ بېرىلىپ ئېلېكتىر ئېنېرگىيە كەمتۈكلۈكىنى تولدۇرىدۇ. يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش قۇرۇلۇش دەۋرىيلىكى قىسقا بولۇش، ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى جانلىق بولۇش، ئىنكاس قايتۇرۇش سۈرئىتى تېز بولۇش قاتارلىق ئەۋزەللىكلەرگە ئىگە بولۇپ، ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ ئايلىنىشى جەريانىدا يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش، چاستوتىنى تەڭشەش، بېسىمنى تەڭشەش، زاپاس قالدۇرۇش، قارا قوزغىتىش قاتارلىق كۆپ خىل ئىقتىدارنى جارى قىلدۇرالايدۇ، ئۇ، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپلا قالماي، يەنە يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە سىستېمىسىنىڭ ئاچقۇچلۇق تىرىكى.

شىنجاڭ يەنە «بازارغا سېلىپ سودىلىشىش + بۆلۈنمە ۋاقىتلىق توك باھاسى + سىغىم تولۇقلىمىسى» سىياسەت بىرىكمە تەدبىرىگە تايىنىپ، ئېنىرگىيە ساقلاش كەسپىنىڭ تەرەققىيات تېز يولىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولدى. قومۇل شىسەنجيەنفاڭ شامال رايونىدا، يېڭى تىپتىكى مۇستەقىل ئېنېرگىيە ساقلاش ئېلېكتىر ئىستانسىسى يۇقىرى ـ تۆۋەن پەللە باھا پەرقى ئارقىلىق ئىقتىسادىي ئۈنۈمگە ئېرىشتى، ئايلاندۇرۇش ئۈنۈمى %90كە يېقىن بولۇپ، پايدىلىنىش سەۋىيەسى مەملىكەت بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇردى. 2024 ـ يىلىلا، شىنجاڭدا پۈتۈن يىلدا يېڭىدىن كۆپەيگەن يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش مىقدارى 5 مىليون 553 مىڭ كىلوۋات19 / مىليون 529 مىڭ كىلوۋات سائەت بولۇپ، 2023 ـ يىلىدىكىدىن %139 ئاشتى. مۆلچەرلىنىشىچە، 2025 ـ يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شىنجاڭدا يېڭى تىپتىكى ئېنېرگىيە ساقلاش بويىچە ئېلېكتىر تورىغا ئۇلىنىش كۆلىمى 20 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشىدىكەن.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.