تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

چىڭمىڭدا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، روھىغا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش

4 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، گۇچۇڭ دېھقانچىلىق مەيدانى سەنشىلى دادۇن مەھەللىسى تەۋەلىكتىكى پارتىيە ئەزالىرى ۋە ئاممىنى ۋۇجياچۈ جياڭجۈن خاتىرە سارىيىغا بېرىپ گۈل سېۋىتى تەقدىم قىلىشقا تەشكىللىدى، ئۇلار قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان يۈكسەك ھۆرمىتى ۋە چەكسىز سېغىنىشىنى چوڭقۇر ئىپادىلىدى. □ لى خۇابېي فوتوسى

□ ئانار بۇلۇت \شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رېن خۇا

چىڭمىڭدا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار ياد ئېتىلدى، ئۇلارنىڭ سادىق روھىغا گۈل تەقدىم قىلىنىپ تەزىيە بىلدۈرۈلدى. ئۇدا بىرقانچە كۈندىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار «داۋاملاشتۇرۇش . 2025 . چىڭمىڭدا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش» باش تېمىلىق تەشۋىق ـ تەربىيە پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرىنى چوڭقۇر ياد ئېتىپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، ياد ئېتىش داۋامىدا قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، ياد ئېتىش داۋامىدا جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى.

ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىنى ياد ئېتىش

تارىخىي شان ـ شەرەپنى ئەستە چىڭ ساقلاش

يىلدا بىر قېتىم كېلىدىغان چىڭمىڭ بايرىمىدا قەھرىمانلارنىڭ روھى چوڭقۇر ياد ئېتىلىدۇ، تارىخ چوڭقۇر ياد ئېتىلىدۇ.

4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى نازارىتى ئارمىيە بىلەن يەرلىكتىكى ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا «داۋاملاشتۇرۇش . 2025 . چىڭمىڭدا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش» پائالىيىتىنى ئۆتكۈزدى. كۆپچىلىك ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل تەقدىم قىلىپ، سۈكۈتتە تۇرۇپ تەزىيە بىلدۈرگەندىن كېيىن، تەرتىپ بويىچە چېن تەنچيۇ، ماۋ زېمىن، لىن جىلۇ قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەبرىسىگە ئېھتىرام بىلدۈردى، چۈشەندۈرگۈچىنىڭ ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەھرىمانلىق ئىش ئىزلىرى توغرىسىدىكى بايانىنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى، ئىسسىق قان بىلەن تاۋلانغان ئاشۇ ئىنقىلاب يىللىرىنى قايتا ئەسلىدى.

«چىڭمىڭدا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش بىر قېتىملىق روھىي جەھەتتىن تاۋلىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى ۋارىسلىق قىلىش ۋە جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشكە بولغان بىر قېتىملىق سەپەرۋەرلىك.» ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەرنىڭ ۋەكىلى يۆ پېڭفېي ھاياجانلانغان ھالدا مۇنداق دېدى: «ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن خادىم بولۇش سۈپىتىم بىلەن، قىزىل لېكسىيە پائالىيىتىگە پائال قاتنىشىپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھېكايىلىرىنى ئەۋلادلارغا سۆزلەپ بېرىپ، قىزىل روھنىڭ مەڭگۈ ئۆچمەسلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمەن».

4 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى (تەزكىرە ئىشخانىسى) غۇلجا ناھىيەسى ئەۋلىيا يېزىلىق مەركىزىي باشلانغۇچ مەكتەپتە ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە قانۇنچىللىق تەشۋىق ـ تەربىيەسى پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. ئىلى ئوبلاستلىق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە تارىخى تەتقىقات ئىشخانىسى (تەزكىرە ئىشخانىسى)دىكى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار بالىلارغا جاۋ يىمەن، چيۇ شاۋيۈن قاتارلىق ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ھېكايىسىنى سۆزلەپ بېرىپ، بالىلارنى «قانداق قىلىپ قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ ۋەتەنگە جاۋاب قايتۇرۇش» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ مۇزاكىرىنى قانات يايدۇرۇشقا يېتەكلىدى.

«بۈگۈنكى تەشۋىق ـ تەربىيە دەرسخانىسىدا ھەم قىزىل روھ جەھەتتىن تاۋلىنىش ھەم ئەمەلىي قوللىنىشچانلىققا ئىگە قانۇن بىلىملىرى بار بولۇپ، بالىلار ناھايىتى زور ھاسىلاتقا ئېرىشتى.» بۇ مەكتەپنىڭ ئەخلاق تەربىيەسى ئوقۇتقۇچىسى مۇنداق بىلدۈردى، قىزىل روھ ياش ـ ئۆسمۈرلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىگە ئىلھام بېرىدىغان كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندى.

چىڭمىڭ بايرىمى يېتىپ كېلىش پەيتىدە، قومۇل شەھەرلىك ھەربىيلىكتىن چېكىنگەنلەر ئىشلىرى ئىدارىسى «قەھرىمانلار ئىزىنى ئىزدەش ئۆيگە قايتىش يولى» ناملىق ھۆججەتلىك فىلىمنى ئېلان قىلدى. «ھۆججەتلىك فىلىمدە ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تۇغقانلىرىنى ئىزدەش شۆبە ئەترىتىنىڭ نەزەرى ئارقىلىق، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىزلىرى ئىزدىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرى چوڭقۇر قېزىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ تۇغقانلىرىنى ئىزدەش جەريانىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلەر بايان قىلىنىپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار روھى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، قىزىل تومۇر داۋاملاشتۇرۇلغان» دېدى قومۇل ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ باشلىقى جوۋ يەنچىن.

غايە ـ ئېتىقادنى چىڭىتىش

دۆلەت مۇھەببىتىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش

زىلزىلىگە سالار يەر ـ جاھاننى قەھرىمانلىق جاسارىتى، ئۆتسىمۇ قانچە دەۋر ئۇرغۇپ تۇرار ئەزىمەتلەر شىجائىتى. قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ مۇستەھكەم ئېتىقادى، يالقۇنجاپ تۇرغان دۆلەت مۇھەببىتى ئىنتايىن قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق.

4 ـ ئاينىڭ 3 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، نىيە ناھىيەسى «قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ قايغۇلۇق ھېسسىياتىنى ئىپادىلەش، تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ يېڭى مۇساپىگە ئاتلىنىش» پارتىيە ئەزالىرى چىڭمىڭدا پىيادە مېڭىش پائالىيىتى ئۆتكۈزدى. 60 نەچچە ئورۇندىكى 480 پارتىيە ئەزاسى قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىش ئىزلىرىدىن ئۆگىنىپ، كۆپ خىل شەكىللەر ئارقىلىق قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان چوڭقۇر ياد ئېتىشى ۋە سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى. ئارقىدىن، پارتىيە ئەزالىرى بەش يۇلتۇزلۇق قىزىل بايراقنى ئېگىز كۆتۈرۈپ، «ئىتتىپاقلىق كۈچ» «كوممۇنىستىك پارتىيە بولمىسا، يېڭى جۇڭگو بولمايتتى» قاتارلىق ناخشىلارنى ئېيتىپ، نىيە ناھىيەسىنىڭ يىڭبىن مەيدانىدىن يولغا چىقىپ، ئاخىر نىيە مۇزېيىغا كېلىپ، پىيادە مېڭىش جەريانىدا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىزلىرىنى ئىزدىدى.

نىيە ناھىيەسىدىكى غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى خەن گاڭ مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىمقى پائالىيەت ماڭا نىسبەتەن بىر قېتىملىق ئىدىيە جەھەتتىن تاۋلىنىش بولدى، ۋەتىنىمنى تېخىمۇ قىزغىن سۆيىدىغان بولدۇم. غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى بولۇش سۈپىتىم بىلەن، مەن داۋاملىق تىرىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشىمەن».

4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، شىنجاڭ چېگرادىن كىرىش ـ چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش باش پونكىتى تارباغاتاي چېگرا باشقۇرۇش تارماق ئەترىتى تولى چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىلىرى جۇڭيۇڭشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار خاتىرە مۇنارىغا كېلىپ، قەبرە تېشىنى سۈرتۈش، قەبرە تېشىغا ئالتۇنرەڭ ھەل بېرىش، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلاش، گۈل تەقدىم قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىنقىلابىي ئەجدادلارنى چوڭقۇر ياد ئەتتى ۋە ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.

«ئىنقىلابىي قۇربانلار ئۆز جىسمى ئارقىلىق دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغدايدىغان مۇستەھكەم سېپىل بەرپا قىلىپ، چېگرا لىنىيەسىنى قوغدىدى، بىز ئەۋلادلار، ياشلار جەزمەن ئەجدادلىرىمىزنىڭ ئىرادىسىگە ۋارىسلىق قىلىپ، گۈللەنگەن جۇڭخۇانى قەتئىي قوغداپ، چېگرا رايوننىڭ بىخەتەرلىكى، مۇقىملىقىنى قوغدىشىمىز كېرەك» دېدى تولى چېگرا باشقۇرۇش چوڭ ئەترىتىنىڭ خەلق ساقچىسى گۇڭ گۇچياۋ.

4 ـ ئاينىڭ 4 ـ كۈنى، قاراماي شەھىرىدىكى 49 ئوقۇتقۇچى ـ ئوقۇغۇچى قارامايدىن يولغا چىقىپ، خوتەندىكى «ۋېنيۇڭ يولى»غا بېرىپ، ۋەتەن ۋە خەلق ئۈچۈن باتۇرلۇق بىلەن ئۆزىنى بېغىشلىغان قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى، ياد ئەتتى. ئوقۇغۇچى قەيسەر مەدەنىيەت مۇنداق دېدى: «قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلار ھاياتى بەدىلىگە ۋەتەننى قوغدىغان، بىز ئۇلارنىڭ تۆلىگەن بەدىلىنى ئۇنتۇپ قالساق بولمايدۇ. <ۋېنيۇڭ يولى>غا بېرىپ تەزىيە بىلدۈرۈش بىزنىڭ قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان ھۆرمىتىمىزنى ئىپادىلەپلا قالماي، بىزنى قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ قەدىمىگە ئەگىشىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ».

قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىش

جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەش كۈچىنى قوبۇل قىلىش

قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈشتە، جەزمەن قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىش كېرەك. شەخسنىڭ كۈرەش قىلىش ئىرادىسىنى مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت دەۋر ئېقىمىغا سىڭدۈرۈپ، قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ روھىنى ئىش ئورنىدا تۆھپە يارىتىش كۈچىگە ئايلاندۇرغاندىلا، ئاندىن قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ئەڭ چوڭقۇر خاتىرجەم قىلغانلىق ھېسابلىنىدۇ.

4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق ئادەم كۈچى بايلىقى ۋە ئىجتىمائىي كاپالەت نازارىتى پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ، «ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىپ ئەسلىي مەقسەتنى ئەسلەش، تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ ئىستىلنى تۈزىتىپ ئىنتىزامنى چىڭىتىش» − «پارتىيە بايرىقى تىيانشاندا نۇر چاچتى» باش تېمىلىق پارتىيە كۈنى پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللىدى. قىپقىزىل پارتىيە بايرىقى ئالدىدا، پارتىيە ئەزالىرى تەنتەنىلىك قەسەم بېرىپ، پارتىيەگە كىرىش قەسىمىنى تەكرارلىدى.

پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ھەرقايسى پارتىيە ياچېيكىلىرى «پارتىيە قائىدىسى، پارتىيە ئىنتىزامىغا رىئايە قىلىش»نى باش تېما قىلىپ، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش تەسىراتلىرىغا بىرلەشتۈرۈپ، پىكىر ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىش، مۇھاكىمە قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇردى. كۆپچىلىك ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش ھېسسىياتىنى خىزمەتلەرگە تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، كۇچا شەھەرلىك ۋەتەننى سۆيۈش، ئارمىيەنى ھىمايە قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى 21 ئورۇن بىلەن بىرلىكتە «چىڭمىڭدا قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈرۈش، ساداقەتمەن روھقا مەڭگۈ ۋارىسلىق قىلىش» باش تېمىسىدىكى قەھرىمانلار، ئىنقىلابىي قۇربانلارنى ياد ئېتىش پائالىيىتىنى قانات يايدۇردى. «چېگرا رايون قوغدىغۇچىسى» ئىنقىلابىي قۇربان سۈن گوفۇنىڭ قەبرىسى ئالدىدا، كۆپچىلىك لۆڭگە بىلەن قەبرە تېشىنى ئىنچىكىلىك بىلەن سۈرتۈپ، گۈل، تەزىيە بۇيۇملىرىنى تىزدى. ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللىرى ئىنقىلابىي قۇربانلارغا ئاتاپ «سىز مېنىڭ قەلبىمدىكى مەڭگۈلۈك يۇلتۇز» دېگەن شېئىرنى دېكلاماتسىيە قىلدى، ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن پېشقەدەم ئەسكەرلەر ئىنقىلابىي قۇربان سۈن گوفۇنىڭ ھايات ۋاقتىدىكى تەسىرلىك ھېكايىلىرىنى ھاياجانلانغان ھالدا سۆزلەپ بەردى.

كۇچا شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتى تەشكىلات بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم ئىشلىرى ئەزاسى سۈبىنۇر ئابدۇشۈكۈر مۇنداق دېدى: «بۇنىڭدىن كېيىنكى خىزمەت جەريانىدا، بىز ئىنقىلابىي قۇربانلارغا بولغان سېغىنىشنى ئەمەلىي ھەرىكىتىمىزگە ئايلاندۇرۇپ، مەۋقەنى ئۆز خىزمەت ئورنىمىزغا قويۇپ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىمىز».

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.