تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   مەملىكەت

​قەتئىي تۈردە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ئۆز ھوقۇق - مەنپەئىتىمىزنى قوغدايمىز

سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىشنى جاكارلىغانلىقىغا ئىنكاس قايتۇردى:

​قەتئىي تۈردە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ئۆز ھوقۇق - مەنپەئىتىمىزنى قوغدايمىز

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى تېلېگراممىسى سودا مىنىستىرلىقىنىڭ ئاخبارات باياناتچىسى 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا شەرقىي قىسىم ۋاقتى 4 - ئاينىڭ 2 - كۈنى، ئامېرىكا تەرەپنىڭ بارلىق سودا ھەمراھلىرىدىن «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش»نى جاكارلىغانلىقىغا دىققەت قىلدى. جۇڭگو تەرەپ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدۇ ھەم قەتئىي تۈردە قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ ئۆز ھوقۇق - مەنپەئىتىنى قوغدايدۇ.

باياناتچى مۇنداق دېدى: ئامېرىكا تەرەپ ئۆزىنىڭ خەلقئارا سودىدا زىيان تارتقانلىقى توغرىسىدا جار سېلىپ، ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ بولۇش»نى باھانە قىلىپ، بارلىق سودا ھەمراھلىرىدىن ئېلىنىدىغان تاموژنا بېجىنى ئۆستۈردى، بۇ خىل قىلمىش كۆپ يىللاردىن بۇيانقى كۆپ تەرەپلىك سودا سۆھبىتىدە ھاسىل قىلىنغان مەنپەئەت تەڭپۇڭلۇقى نەتىجىسىگە كۆز يۇمغانلىق، شۇنداقلا ئامېرىكىنىڭ ئۇزاق مەزگىل خەلقئارا سودىدا كۆپ مىقداردا پايدا ئالغانلىقىدەك پاكىتقا سەل قارىغانلىق. ئامېرىكا تەرەپ سۇبيېكتىپ، ئۆز ئالدىغا باھالاش ئاساسىدا، ئاتالمىش «تەڭمۇتەڭ تاموژنا بېجى ئېلىش» قارارىنى چىقاردى، بۇ، خەلقئارا سودا قائىدىسىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ، ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ يوللۇق، قانۇنلۇق ھوقۇق - مەنپەئىتىگە ئېغىر زىيان يەتكۈزىدۇ، بۇ، تىپىك يەككە تەرەپلىك زومىگەرلىك قىلمىشى. بۇنىڭغا نۇرغۇن سودا ھەمراھلىرى كۈچلۈك نارازىلىقىنى ۋە ئېنىق قارشى تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باياناتچى مۇنداق بىلدۈردى: تارىخ شۇنى ئىسپاتلىدىكى، تاموژنا بېجىنى ئۆستۈرۈش ئامېرىكىنىڭ ئۆزىدىكى مەسىلىلەرنى ھەل قىلالمايدۇ ھەم ئامېرىكىنىڭ ئۆز مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا خەۋپ يەتكۈزىدۇ. سودا ئۇرۇشىدا يەڭگۈچى بولمايدۇ، قورۇقچىلىقنىڭ چىقىش يولى بولمايدۇ. جۇڭگو تەرەپ ئامېرىكا تەرەپنى يەككە تەرەپلىك تاموژنا بېجى تەدبىرىنى دەرھال ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، سودا ھەمراھلىرى بىلەن باراۋەر سۆھبەتلىشىش ئارقىلىق ئىختىلاپنى مۇۋاپىق ھەل قىلىشقا دەۋەت قىلىدۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 库尔班江·克衣木

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.