
4 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، ئاۋات ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ جىڭيى توقۇمىچىلىق پەن ـ تېخنىكا چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، كارخانىدا تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىدىغان مەخسۇس خادىم كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئەھۋالىنى ئىگىلىمەكتە.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، ئاۋات ناھىيەسى كارخانىدا تۇرۇش مەخسۇس ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، 120 نەپەر پارتىيەلىك كادىرنى كارخانىدا تۇرۇپ مۇلازىمەت قىلىدىغان مەخسۇس خادىم سۈپىتىدە ئالاقىدار كارخانىلارغا چوڭقۇر چۆكۈپ، سىياسەتنى يېشىپ چۈشەندۈرۈش، يېتەكلەش، يار ـ يۆلەك بولۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، كارخانىلارنىڭ قىيىنچىلىقى ۋە ئىلتىماس ـ تەلەپلىرىنى ھەل قىلىشقا تاللاپ ئەۋەتتى.□باۋ لياڭتىڭ فوتوسى