□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
4 ـ ئاينىڭ 2 ـ كۈنى، كوئېنلۇن تېغى ئېتىكىدىكى خوتەن ناھىيەسى ئاۋات يېزىسىنىڭ قۇمئېغىل كەنتىدە، ھۆرنىساخان مەمتىمىن ھويلىدا تۇرۇپ، گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىدىكى چوڭ قىزىغا سىنلىق تېلېفون قىلىپ: «بۇ بىر نەچچە كۈندە سودا قانداقراق بولۇۋاتىدۇ؟ مەن سىزگە ئەۋەتكەن <تيەنئەنمېن> خاتىرە سۈرىتىنى كۆردىڭىزمۇ؟» دېدى، ئېكراندا قىزى كۈلۈپ تۇرۇپ بېشىنى لىڭشىتتى، ئۇنىڭ كەينىدىكى ئۈستەلدە زىققا ئۆتكۈزۈلگەن قوي گۆشى كاۋىپى رەتلىك تىزىلغانىدى.
ھۆرنىساخان قۇمئېغىل كەنتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى،1990 ـ يىلىدىن ھازىرغىچە، كەنتنىڭ ئاياللار مۇدىرى بولۇشتىن كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى بولۇشقىچە، ئۇ دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىدىغان، دادىل ئىشلەيدىغان ئاياللار سىرتقا چىقىپ ئىشلەش ئەترىتىنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.
ھۆرنىساخاننىڭ ئۆيى قۇملۇققا يېقىن بولۇپ، بۇ جايدا قۇم ـ بورانلىق ھاۋارايى كۆپ كۆرۈلىدۇ، يېرى ئۈنۈمسىز، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان يەر ئاز. كەنت ئاھالىلىرى بۇغداي، قوناق قاتارلىق ئەنئەنىۋى زىرائەتلەرنى تېرىشنى ئاساس قىلىدىغان بولۇپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈمى يۇقىرى ئەمەس. كىچىك ۋاقتىدا، ھۆرنىساخان دائىم چوڭلاردىن شىنجاڭدىن باشقا جايلارغا بېرىپ قۇرۇق مېۋە، كاۋاپ ساتقانلىقى توغرىسىدىكى ھېكايىلىرىنى ئاڭلايتتى، شۇ چاغلاردا ئۇ كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئۆز ھالىتىگە تەن بەرمەي، جاھان كېزىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى، يۇرتىنىڭ قابىل كىشىلەر چىقىدىغان جاي ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغانىدى.
ھۆرنىساخاننىڭ چوڭ قىزى گۈلبەھرەم جېلىل ئائىلىسىدىكى ئۆز ھالىتىگە تەن بەرمىگەن تۇنجى كىشى بولۇپ قالدى. «كىچىك چاغلىرىمدا، مەن قۇملۇقنىڭ ئۇ تەرىپى قانداق جايدۇ؟ دەپ ئويلايتىم» ئىزچىل ئىگىلىك تىكلەش ئارزۇسى بار گۈلبەھرەم 2007 ـ يىلى ئېرى بىلەن گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىنىڭ فوشەن شەھىرىگە بېرىپ، بىر كىچىك دۇكاننى ئىجارىگە ئېلىپ، كاۋاپدان سېتىۋالدى، شۇنداق قىلىپ ئاددىي بىر كىچىك كاۋاپخانا ئېچىلدى. گۆش تاللاش، گۆش توغراش، زىققا ئۆتكۈزۈش... ئەر ـ خوتۇن ئىككىسى ئىشنى تەقسىملەپ ھەمكارلىشىپ، ئۆزىنىڭ ئەمگەكچان ئىككى قولىغا تايىنىپ كىچىك دۇكاننى ماڭدۇردى، يەنە يەتتە كىشىنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۈگۈنكى كۈندە كاۋاپخانىنىڭ ئايلىق ساپ كىرىمى 15 مىڭ يۈەنگە يېقىنلاشتى، يازدا سودا ياخشى چاغلاردا 20 مىڭ يۈەنگە يېتىدۇ.
ھۆرنىساخان ئىككىنچى قىزىم گۈلىستان جىلىلمۇ «بەك ياراملىق» دېدى. 2017 ـ يىلى، 20 ياشلىق گۈلىستان يۇرتىنىڭ خاس مەھسۇلاتلىرىنى ئېلىپ، ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ خېفېي شەھىرىگە بېرىپ، يايما ئېچىپ ئىگىلىك تىكلەش يولىغا ماڭدى. قۇرۇق ئۈزۈم، چىلان، ياڭاق، ناۋات... كۆپچىلىك نېمىنى ياخشى كۆرسە، ئۇ شۇنى سېتىپ، ئۈچ يىلدىن كېيىن يېتەرلىك دەسمايە توپلاپ، گۈلىستانمۇ ئاچىسىغا ئوخشاش بىر كاۋاپخانا ئاچتى.
«ئىككىنچى قىزىمنىڭ دۇكىنىنىڭ سودىسى ناھايىتى ياخشى، كۈندە 10 نەچچە مىڭ يۈەنلىك كاۋاپ ساتالايدۇ. ھازىر ئۈچىنچى قىزىم فوشەندە چوڭ ئاچىسىغا ياردەملىشىپ كاۋاپخانا ئېچىۋاتىدۇ، ئۈچلا قىزىم يېنىمدا ئەمەس» دېدى ھۆرنىساخان.
«تۇنجى قېتىم سىرتقا چىقىپ شۇنچە يىراققا كېتىپتۇ، سىز ئەنسىرىمىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىدى مۇخبىر.
«بالىلىرىم دۆلەت ئورتاق تىلىنى ناھايىتى ياخشى ئۆگەندى، شۇ جايدىكى كىشىلەر بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇشتا قىينالمايدۇ، يەنە كېلىپ جاپاغا چىداملىق، چوقۇم ياخشى نەتىجە قازىنالايدۇ» دېدى ھۆرنىساخان ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا.
ئۈچ قىزىنىڭ ھەممىسىنىڭ قولىدىن ئىش كېلىدۇ، بۇنداق بولۇشى ھۆرنىساخاننىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇشىدىن سىرت، يەنە قىزلارنىڭ دادىسىنىڭ تەسىرىدىنمۇ ئايرىلالمايدۇ. ھۆرنىساخان مۇنداق دېدى: ئېرىم خېلى نامى بار تىككۈچى بولۇپ، كەنتىمىزدە بىر كىيىم ـ كېچەك زاۋۇتى ئېچىپ، كەنتىمىزدىكى ئاياللارنى يېتەكلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇردى، بالىلىرىم تىجارەت يولىنى دادىسىدىن ئۆگەنگەن.
ھۆرنىساخان ئۆز ئائىلىسىنىڭ تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى كەنتتىكى ئاياللارنى بېيىش يولىغا مېڭىشقا يېتەكلىدى. كەنت ئاياللار مۇدىرى بولغان 30 يىلدا، ھۆرنىساخان ھەمىشە ئاياللارنى ئۆيدىن چىقىپ، جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ، بىلىم ئۆگىنىش، ماھارەت ئۆگىنىش ئارقىلىق تۇرمۇشىنى ئۆزگەرتىشكە ئىلھاملاندۇردى. ئۇنىڭ تەسىرىدە، كەنتتىكى بارغانسېرى كۆپ ئايال قۇملۇقتىن چىقىپ، ئائىلە ئىقتىسادىنىڭ «تۈۋرۈكى»گە ئايلاندى.
«پۈتۈن كەنتتە ھازىر 680 كىشى شىنجاڭ سىرتىدا ئىشلەمچىلىك قىلىۋاتىدۇ، ئۇلارنىڭ تەڭ يېرىمى ئاياللار» دېدى ھۆرنىساخان.