□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يىن لۇ
بۇ يىل مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى شياۋ شياۋيۇڭنىڭ قەشقەر مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ئۈچۈن شىنجاڭدا تۇرۇۋاتقانلىقىنىڭ 7 ـ يىلى، ئۆتكەن ئاشۇ كۈنلەردە، «بىر يۇمىلاق شەكىللىك، بىر چاسا شەكىللىك» ئىككى بۇددا مۇنارى ۋە ئۇلارنىڭ ئەتراپىدىن ئۈزلۈكسىز بايقىلىۋاتقان مەدەنىيەت مىراسلىرى مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تۈرىنىڭ مەسئۇلى شياۋ شياۋيۇڭ ۋە ئۇنىڭ ئەترەت ئەزالىرىنىڭ بۇ خارابىلىكتىن تېخىمۇ كۆپ تارىخىي ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ تېپىش ئىرادىسىنى چىڭىتماقتا.
3 ـ ئاينىڭ 31 ـ كۈنى، 2024 ـ يىللىق مەملىكەت بويىچە ئون چوڭ ئارخېئولوگىيەلىك يېڭى بايقاشتىكى ئاخىرقى باھالاشقا كىرگۈزۈلگەن تۈرلەر تىزىملىكى ئېلان قىلىندى، شىنجاڭ قەشقەر مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى بۇ تىزىملىككە كىردى. قۇرۇلما ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن مۇكەممەل ساقلانغان، ئىبادەتخانا ئىمارەتلىرىنىڭ تۈرلىرى بىرقەدەر تولۇق، تارىخىي دەۋرى بىرقەدەر بالدۇر ھەم داۋاملاشقان ۋاقتى بىرقەدەر ئۇزاق بولغان بۇ خارابىلىك دۆلىتىمىزدىكى دەسلەپكى مەزگىلدىكى چوڭ تىپتىكى يەر يۈزى بۇددا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ۋە بۇددا دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇشنىڭ تىپىك ۋەكىلى بولۇپ، يەنە خەن سۇلالىسىدىن تاڭ سۇلالىسىغىچە بولغان مەزگىلدىكى مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك باشقۇرغانلىقى ۋە دىننى باشقۇرغانلىقىنى ئەمەلىي ئىسپاتلىدى.
بىر تەرەپتىن قېزىلدى، بىر تەرەپتىن قوغداپ پايدىلىنىلدى. نۆۋەتتە، مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى تېخى ئاممىغا ئېچىۋېتىلمىگەن بولسىمۇ، مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارماقلىرى ئۇنى كۆرگەزمە قىلىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىش پىلانىنى پائال ئالغا سىلجىتماقتا، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ئىلمىي، مۇۋاپىق، قولايلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن كۆرۈرمەنلەرنى بۇددا دىنىنىڭ قەدىمكى دەۋردىكى شىنجاڭ رايونىدا تارقىلىشى ۋە ئەۋج ئېلىشىنى كۆرۈپ، بۇددا دىنى سەنئىتى مىراسلىرىدا ئەكس ئەتكەن كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلەشكەن، ھەممىنى قوبۇل قىلغان جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىن ھۇزۇرلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ.
بۇددا دىنىنى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش ئالاھىدىلىكىنى نامايان قىلىش
ئارخېئولوگىيەلىك يىل تارىخىنى ئۆلچەشكە ئاساسلانغاندا، قەشقەر شەھىرىنىڭ شەرقىي شىمال تەرىپىدىكى بەشكېرەم يېزىسىنىڭ مورا كەنتىدىكى مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى مىلادىيە 3 ـ ئەسىردە قۇرۇلغان بولۇپ، كېيىن ئوخشاش بولمىغان تارىخىي مەزگىلدە كۆپ قېتىم ئۆزگەرتىلگەن، كېڭەيتىپ ياسالغان، تاكى مىلادىيە 10 ـ ئەسىردىن كېيىنكى مەزگىلگە كەلگەندە تەدرىجىي تاشلىنىپ قالغان.
مورا ئىبادەتخانىسى ئىسمىنىڭ يېقىنقى، ھازىرقى زاماندىكى ئارخېئولوگىيەلىك يازما خاتىرىلەردە كۆرۈلۈشى 19 ـ ئەسىرنىڭ ئاخىرى، 20 ـ ئەسىرنىڭ باشلىرىدا غەرب ئېكسپېدىتسىيە ئەترىتىنىڭ شىنجاڭدا پاراكەندىچىلىك سېلىشى ۋە ئوغرىلىقچە قېزىشىدىن باشلانغان. مورا بۇددا مۇنارىنىڭ نامى ئۇنىڭ مورىغا ئوخشايدىغان سىرتقى شەكلىدىن كەلگەن، «مورا» دېگەن سۆز ئۇيغۇر تىلىدا «تۇرخۇن» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، 12 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ «دارازا» يەنە ئىلگىرى خاتا ھالدا: تاشلىنىپ قالغان تۇر، دەپ قارالغان.
مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى دۆلىتىمىزدە مەملىكەت بويىچە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى 2 ـ قېتىم ۋە 3 ـ قېتىم ئومۇميۈزلۈك تەكشۈرۈش جەريانىدا مەدەنىيەت يادىكارلىقى تارماقلىرىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش خىزمەتچىلىرى تەكشۈرۈش ئەترىتى تەشكىللەپ، خارابىلىك ئىچىدىكى يۇمىلاق شەكىللىك ۋە چاسا شەكىللىك بۇددا مۇنارى ھەم يەر يۈزىدىكى راھىبلار ئۆيى ساقلانمىسىنى ئۆلچەپ سىزدى ھەم مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنىڭ رەسىمىنى سىزىپ، ئالاقىدار سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىنى ساقلاپ قالدى.
2001 ـ يىلى 6 ـ ئايدا، مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى مەملىكەت بويىچە نۇقتىلىق قوغدىلىدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقى ئورۇنلىرى قاتارىغا كىرگۈزۈلدى. 2019 ـ يىلى مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتى باشلاندى، شۇنىڭ بىلەن بىللە بۇ خىزمەتمۇ دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ «جۇڭگونى ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» چوڭ تۈرىگە كىرگۈزۈلدى.
بۇ يىل 1 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، 2024 ـ يىللىق شىنجاڭنىڭ ئارخېئولوگىيە خىزمىتىدىن دوكلات بېرىش يىغىنىدا، شياۋ شياۋيۇڭ 2024 ـ يىللىق ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتىدە يېڭىدىن بايقالغان بىر پارچە كاھىشنى تونۇشتۇردى.
كاھىش ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ئىمارەتلىرىنىڭ مۇھىم قىسمى، كاھىش تاڭ سۇلالىسى دەۋرىدىكى چوڭ تىپتىكى يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىمارەتلەردە دائىم ئىشلىتىلىدىغان بىناكارلىق ماتېرىيالى بولۇپ، كۆپىنچە ئۆگزە، لەمپە، قۇرغۇي قۇيرۇقى شەكىللىك ۋە ھايۋانات بېشى شەكىللىك بېزەك قاتارلىق جايلارغا ئىشلىتىلىدۇ، ئۇ، ئىمارەتنىڭ ھەيۋەتلىك ـ كۆركەملىكى ۋە ئۇنىڭدىكى گۈزەللىك قارىشىنى گەۋدىلەندۈرۈپ بېرىدۇ، شۇنداقلا مۇناسىپ ئەمەلىي ئىشلىتىلىش قىممىتىگە ئىگە بولۇپ، ئەينى چاغدىكى بىناكارلىق تېخنىكىسىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىقى ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىلغانلىقىدىكى بەلگىلەرنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.
«ئۇ بىزنى ئەينى چاغدىكى مورا ئىبادەتخانىسىنىڭ قۇرۇلۇش شەكلى ۋە ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك رايونى قۇرۇلۇش ئۇسلۇبىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغانلىقىنى تونۇشتىن ئىبارەت مۇھىم يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىدى. تارىخىي كىتابلاردا خاتىرىلىنىشىچە، ۋۇ زېتيەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن مەزگىلدە، غەربىي يۇرتتىكى شۇلېجېن بازىرىدا دايۈن ئىبادەتخانىسىنى سالدۇرغان، لېكىن ئۇنىڭ ئېنىق ئورنىنىڭ قەيەردە ئىكەنلىكى يەنىلا بىر سىر بولۇپ قالغان. بۇ كاھىش بىزنىڭ مورا ئىبادەتخانىسىنى ئىلگىرى مەركىزىي ھاكىمىيەت قاتلىمىدىن قۇرۇلغان چوڭ تىپتىكى بۇددا ئىبادەتخانىسى دەپ ھۆكۈم قىلىشىمىزنى مۇھىم ئىسپات بىلەن تەمىنلىدى، بۇ، ئەينى چاغدا مەركىزىي ھاكىمىيەتنىڭ غەربىي يۇرتنى ئۈنۈملۈك ئىدارە قىلغانلىقىنىڭ ئىسپاتى» دېدى شياۋ شياۋيۇڭ.
مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىدىن قېزىپ چىقىلغان 10 مىڭدىن ئارتۇق بۇت پارچىلىرى بۇددا دىنىنىڭ غەربىي يۇرتقا تارقىلىپ ئاندىن ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك ھەم تېخىمۇ كەڭ رايونلارغا تارقالغاندىن كېيىن يۈزبەرگەن خىلمۇخىل ئۆزگىرىشلەر شۇنداقلا ئۇلارنىڭ جۇڭگوچىلاشقان ئالاھىدىلىكلىرىنى نامايان قىلىپ تۇرماقتا. ئوخشاش بولمىغان بۇتلارنىڭ چوڭ ـ كىچىكلىكىدە ناھايىتى چوڭ پەرق بار، بەزىلىرى ھازىرقى ئادەملەردىنمۇ ئېگىز، بەزىلىرىنىڭ ئېگىزلىكى ئاران نەچچە ئون سانتىمېتىر كېلىدۇ، بۇ، ئۇلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تارىخىي دەۋرلەردىن چىققانلىقى، ئوخشاش بولمىغان ھەيكەلتىراشلىق ئۇسلۇبىغا ئىگە بولغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇنىڭدىن باشقا، تېخىمۇ روشەن پەرقى يەنە بۇتنىڭ بەش ئەزاسىنىڭ ئالاھىدىلىكى، قىياپىتى ـ چىراي ئىپادىسى، چاچ شەكلى، چاچ بېزىكى، كىيىم ـ كېچەك، زىننەت بۇيۇملىرى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسىدە بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىش جەريانىدىكى ئۈزلۈكسىز يېڭىلىقنى قوبۇل قىلىش، يۇغۇرۇلۇش، ئىجاد قىلىش ئىزنالىرى بار.
ئارخېئولوگىيە مۇتەخەسسىسلىرى ئۇسلۇبى ھەر خىل بۇت پارچىلىرىنى ئىنچىكە تەھلىل قىلىپ، كۆپ خىل ياساش ھۈنەر ـ سەنئىتى ۋە خاسلىقنى بايقىدى، ئۇنىڭدا جيەنتولو ئۇسلۇبى بار، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك بۇددا دىنى ئۇسلۇبى بار، يەنە غەربىي يۇرت يەرلىك ئۇسلۇبى بار. بەزى مۇتەخەسسىسلەر مۇنداق قارىدى: «قاڭشارلىق، قويۇق قاشلىق، كۆزى چوڭقۇر» بۇتلارنىڭ چىراي پارچىلىرىدا بۇددا دىنى غەربىي يۇرتقا تارقالغان دەسلەپكى مەزگىلدىكى ئالاھىدىلىك بار، ھالبۇكى، «قاشلىرى ئىنچىكە، كۆزلىرى سوزۇنچاق، يۈزى يۇمىلاق بولۇش»تا بۇددا دىنى ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتىن غەربىي يۇرتقا قايتىپ كەلگەندىن كېيىنكى ھەيكەلتىراشلىق ئالاھىدىلىكى بار.
بۇلارنىڭ ھەممىسى بۇددا دىنىنىڭ تارقىلىش جەريانىنىڭ يەنە ئۆزىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىش جەريانى ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ھەممىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى ئىپادىلەيدۇ.
كەڭ تۇپراققا ھۆرمەت بىلدۈرۈپ كۆپ خىللىق بىر گەۋدىلىشىشنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش
«قېزىش خىزمىتى باشلانغان ئالتە يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، بۇ خارابىلىك كۆز ئالدىمىزدا بارغانسېرى روشەنلەشتى، مەن باشلاپ كەلگەن تۈركۈم ـ تۈركۈم ئوقۇغۇچىلارمۇ ئۆسۈپ يېتىلدى.» مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسى بىلەن شىنجاڭ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئارخېئولوگىيە تەتقىقات ئورنى ھەمكارلىشىپ مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى قېزىشنى باشلىغاندا، ئارخېئولوگىيە ئەترىتىدە مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىدىن كەلگەن كۆپلىگەن تولۇق كۇرس ئوقۇغۇچىلىرى، ماگىستىر ئاسپىرانتلار، دوكتور ئاسپىرانتلار بار بولۇپ، ئۇلار شياۋ شياۋيۇڭغا ئەگىشىپ، سانسىزلىغان سىرلار ساقلىنىۋاتقان بۇددا مۇنارى ۋە ئۇنىڭ ئېتىكىدىكى «چوڭ توپا دۆۋىلىرى»دە «شىنجاڭدا ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش» سەپىرىنى باشلىغانىدى.
شىنجاڭلىق قىز جاۋھار باقىتبېك مەركىزىي مىللەتلەر داشۆسىدە ماگىستىر ئاسپىرانتلىقتا ئوقۇۋاتقاندا، يېتەكچى ئوقۇتقۇچىسى شياۋ شياۋيۇڭغا ئەگىشىپ، مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىگە بېرىپ قېزىش خىزمىتىگە قاتناشتى، ئاخىر ئۇنىڭ تولۇق كۇرس بۆلىكىدە تۆت يىل ئوقۇغان تارىخ كەسپى رېئاللىقتا ئۇدۇللاشتى.
خارابىلىكنى تۇنجى قېتىم كۆرگەندە، ئۇلارنىڭ كۆز ئالدىدىكى پەرقلەندۈرگىلى بولىدىغان نەرسە پەقەت ئىككى بۇددا مۇنارى بولۇپ، ئەتراپ سېرىق قۇم بىلەن قاپلانغانىدى، شياۋ شياۋيۇڭ كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: جاۋاب دەل سېرىق قۇم ئاستىدا.
بىر ئورۇندا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندا، ئەترەت ئەزالىرى خارابىلىكنىڭ يەر شەكلى ئالاھىدىلىكى، يەر قاتلىمىنىڭ كەسمە يۈزىنى تونۇشنى، رەتلەپ چىقىلغان بارلىق يادىكارلىقلارنى ھىم خالتىغا سېلىپ، بەلگە ۋە تۈرگە ئايرىپ ساقلاشنى، يەنە خارابىلىك، يادىكارلىقنىڭ رەسىمىنى سىزىپ، ئىستېرېئولۇق ئۆلچەمنى ئېنىق بەلگىلەشنى ئۆگىنىشى كېرەك... ئېھتىياتچان، ئىنچىكە، ئەمەلىيەتچىل بولۇش ئۇلار ئۆگىنىدىغان مۇھىم دەرسلىك ئىدى.
ئارخېئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش تېخنىكىلىق ئىش، شۇنداقلا جىسمانىي ئەمگەك، تاغ ـ دەريالاردىن ھالقىش، قىيا ـ دۆڭلەرگە يامىشىش، دالىدا يېتىپ ـ قوپۇش دائىملىق ئىش. مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى ئارخېئولوگىيە ئەترىتىدە يېرىمدىن كۆپرەكى قىز ئوقۇغۇچى بولۇپ، ئىلگىرى كۆپىنچىسى جاپالىق مۇھىتتا ئۇزاق ۋاقىت تۇرۇپ باقمىغانىدى، مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى چوڭ بىر تىك دۆڭدە بولۇپ، دەسلەپتە قىزلار ناھايىتى تەستە يامىشىپ چىقاتتى، بىر قېزىش مەزگىلى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ئۇلار چاققان بولۇپ كەتتى.
قىزىقىش، قىزغىنلىق، تەپەككۇر قىلىشقا ھېرىسمەن بولۇش بۇ بىر ئەۋلاد ئوقۇغۇچىلارنىڭ شياۋ شياۋيۇڭ ئەڭ ئېتىراپ قىلىدىغان تەرىپى. «مەيلى دەسلەپ قول سېلىپ ئىشلىگەندە قانچىلىك ئاستا، قانچىلىك قىيىن بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنىڭ ئالدىغا كەلگەندە كۆزلىرىدىن ھەمىشە مېنى تەسىرلەندۈرىدىغان نۇر چاقناپ تۇراتتى.» شياۋ شياۋيۇڭ مۇنداق قارىدى: بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەلگۈسىدە ئارخېئولوگىيە خىزمىتى بىلەن شۇغۇللىنىش ـ شۇغۇللانماسلىقىدىن قەتئىينەزەر، ئۇلار كەڭ تۇپراققا ھۆرمەت بىلدۈرگەن بۇ كۈنلەر ھامان ئۇلارنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى مۇھىم تەسىرات بولۇپ قالىدۇ.
«ئارخېئولوگىيە ئۆگەندىم، يەنە قېزىش نەق مەيدانىغا كىردىم، مەن مۇشۇنداق مول تارىخىي نەزەر دائىرە ۋە جانلىق ئەمەلىيەت ئارقىلىق، جۇڭخۇا زېمىنىدا يۈزبەرگەن ھېكايىلەرنى ھەقىقىي چۈشەندىم.» جاۋھار ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن شىنجاڭغا قايتىپ كېلىپ، ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى بولدى، ئۇ يەنە ئوقۇغۇچىلارنى بارلىق پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ قول سېلىپ ئىشلەپ، كەڭ تۇپراقتا ساقلىنىپ تۇرۇۋاتقان مەدەنىيەت خارابىلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ، تارىخىي ئۇچۇرلارنى ئىزدەپ، تارىخىي ھېكايىلەرنى ياخشى سۆزلەشكە رىغبەتلەندۈردى.
خارابىلىكنى قوغدىغانلىق تارىخىمىزنى قوغدىغانلىق
ھەر قېتىم ئارخېئولوگىيە ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى ياكى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش كوللېكتىپى مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىگە كەلگەندە، يىراقتىنلا ئۆزلىرىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن كېلىۋاتقان دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش خادىملىرى − ئاكا ـ ئۇكا توختى غېنى، ياقۇپجان غېنىنى كۆرەتتى. بۇ جاي ئۇلارنىڭ «ئىش بېجىرىش رايونى»، شۇنداقلا ئاكا ـ ئۇكا ئىككىيلەن كىچىكىدىن چوڭ بولغان جاي ئىدى.
ئاكا ـ ئۇكا ئىككىيلەن شىنجاڭدىكى بىپايان تۇپراقتا تۇرۇپ دالا مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىۋاتقان نۇرغۇن خادىملارغا ئوخشاش كەچۈرمىشكە ئىگە − ئۇلار دادىسى ھەتتا بوۋىسىنىڭ قولىدىن يۆتكىگىلى بولمايدىغان مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش ۋەزىپىسىنى ئۆتكۈزۈۋالغانىدى. توختىنىڭ دادىسى غېنى 1985 ـ يىلىدىن باشلاپ مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى مۇھاپىزەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى ئۈستىگە ئالدى، توختى قۇرامىغا يەتكەندىن كېيىن، دادىسى كۈچ ئۇلاش تايىقىنى ئۇنىڭغا تاپشۇرۇپ بەردى، كېيىن ياقۇپجانمۇ ئاكىسىغا ئەگىشىپ مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى مۇھاپىزەت قىلىش خادىمى بولدى.
«دادام كەم سۆز كىشى، كىچىك ۋاقتىمدا مەن ئۇنىڭدىن يۇمىلاق، چاسا شەكىللىك توپا ئىمارەتلەر نېمە دەپ سورىغىنىمدا، ئۇ پەقەت قەدىمكى دەۋردىكى بۇددا مۇنارى، قوغدىشىمىز كېرەك، دەيتتى. مەن ئۇنىڭ ئىشىغا ۋارىسلىق قىلغان چاغدىمۇ، ئۇ ئارتۇق گەپ قىلماي، <ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم چارلايسەن، باشقىلارنى كىرگۈزمەيسەن> دېگەن بىر ئېغىز گەپنىلا تاپىلىدى» دېدى توختى.
توختى دادىسىنىڭ تاپىلىغىنى بويىچە، مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى دەپ بېكىتىلگەن قوغداش رايونى ئىچىدە، مەيلى بوران چىقسۇن ياكى يامغۇر ياغسۇن، ھەر كۈنى ئاز دېگەندە ئىككى قېتىم چارلاپ، رېشاتكىلارنىڭ بوشاپ قالغان ـ قالمىغانلىقىنى ياكى يوچۇق بار ـ يوقلۇقىنى، ئادەملەرنىڭ كىرگەن ئاياغ ئىزى، ئاپتوموبىل ئىزىنىڭ بار ـ يوقلۇقىنى، قار ـ يامغۇرلۇق كۈنلەردىن كېيىن بۇددا مۇنارىدا ئۆرۈلۈپ چۈشكەن، بۇزۇلغان جايلارنىڭ بار ـ يوقلۇقىنى، بۇددا مۇنارى ئۇلىغا ھايۋانلارنىڭ زىيان يەتكۈزگەن ـ يەتكۈزمىگەنلىكىنى تەكشۈردى.
شامال چاقماق دەرياسى ئېقىپ ئۆتىدىغان چۆكۈندى تۈزلەڭلىكتىن سىيپاپ ئۆتۈپ، نەمخۇش ھىدنى پات ـ پات مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىگە ئېلىپ كېلىدۇ، بۇ يەنە قوغداش خىزمىتىگە ئاۋارىچىلىك تۇغدۇردى − يامغۇرنىڭ كۆپ يېغىشى بىلەن خارابىلىك ئەتراپىدىكى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر كۆپەيدى، بۇنىڭغا ئەگىشىپ ھاشاراتلارمۇ كۆپەيدى، قۇرت يېگەن تۆشۈكلەر بۇددا مۇنارىنىڭ گەۋدىسىگە تارقالدى، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنىڭ يىلتىز سىستېمىسىمۇ ئاستا ـ ئاستا مۇنارنىڭ ئاستىغىچە ئۇزاردى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاپتونوم رايوندىكى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى تارماقلىرى بۇددا مۇنارىنىڭ ئاساسىي گەۋدىسىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، تەبىئىي سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆرۈلۈپ چۈشۈش، بۇزۇلۇشنىڭ ئالدىنى ئالدى. بۇددا مۇنارىدا كىچىك ئۆزگىرىشلەر بولغاندا، توختى بۇددا مۇنارىنىڭ زەخىملىنىشى، يوشۇرۇن خەۋپلەرنىڭ ھەممىسىنى خاتىرىلەپ، ئاندىن دوكلات قىلىپ تۇردى.
مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسىنى ئارخېئولوگىيەلىك قېزىش خىزمىتى باشلانغاندىن تارتىپ، توختى بىلەن ياقۇپجاننىڭ كۈندىلىك خىزمىتىدە يەنە بىر تۈر كۆپەيدى − ئۇلار ئارخېئولوگىيە ئەترىتى ئەزالىرى بىلەن بىللە قېزىشنى ئۆگەندى. «بىز پەن ـ تېخنىكىلىق ئىشلارنى بىلمەيمىز، قىلالمايمىز، لېكىن كۈچ چىقىرىدىغان، يۈگۈر ـ يېتىم، يۆتكەش ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلالايمىز، بۇ ئىشلار بەك ئەھمىيەتلىك. مۇئەللىملەر دائىم رەتلەپ چىقىلغان بۇت، ساپال پارچىلىرى، پۇللارنى كۆرسىتىپ تۇرۇپ بىزگە ھېكايە سۆزلەپ بېرىدۇ.» توختى مۇنداق دېدى: بىزمۇ بۇ تارىخىي ھېكايىلەرنى ئۆيدىكىلەرگە، كەنتتىكىلەرگە سۆزلەپ بېرىپ، كۆپچىلىكنى تارىخنى چۈشىنىپ، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداشنىڭ مۇھىملىقىنى بىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىمىز.
توختى خارابىلىكنى قوغداپ، ھېكايە ئاڭلاپ، كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئائىلىسىدىكىلەر، دوستلىرى ھەم ساياھەتچىلەرنىڭ بىرلىكتە 1800 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۇ بۇددا مۇنارىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرۈشىنى ئارزۇ قىلىپ كەلمەكتە.
بۇ كۈنلەر بارغانسېرى يېقىنلاشماقتا.
2024 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنى، «مورا ئىبادەتخانىسى خارابىسى مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى قوغداش يىرىك پىلانى (2024 ـ يىلىدىن 2035 ـ يىلىغىچە)» دۆلەت مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىدارىسىنىڭ تەستىقىي جاۋابىغا ئېرىشتى، مورا ئىبادەتخانىسى خارابىلىكىدە پات ئارىدا «يېڭى شانلىق سەھىپە» قايتا گەۋدىلىنىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گۈزەل قىياپىتى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىنىدۇ.