□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى يۈ جياڭيەن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ بىن
يورۇقلۇق ۋولت تاختىسى قۇياشتىن نۇر ئالدى، «كۆك ئالتۇن» دەپ تەرىپلەنگەن تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىدا ئۆركەشلەپ ئاقتى، كاربون تۆت ئوكسىدى يەر ئاستىغا كىرگۈزۈلۈپ نېفىت ـ تەبىئىي گاز ئېلىندى... يالقۇنتاغدا رېشاتكىغا يۆلىنىپ تۇرۇپ يىراقلارغا نەزەر سالسىڭىز، يېشىل ماس تەرەققىياتنىڭ ئېكولوگىيەلىك گۈزەل مەنزىرىسى كۆز ئالدىڭىزدا نامايان بولىدۇ.
2025 ـ يىلى، 34 يىللىق تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكى «يېڭى» بولۇشقا قاراپ ئاتلىنىپ، پۈتۈن جەريانلىق يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، يېڭى كەسىپ تەرەققىيات يولىنى سىجىل كېڭەيتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى تەرەققىيات ئەۋزەللىكىگە ئايلاندۇرۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشقا يېشىل قۇۋۋەت قوشتى.
يېشىللىقنى قوغلىشىش
− «يېشىل توك»قا ئۆزگىرىش مېلودىيەسىنى ياڭرىتىش
يېڭىلىق ياراتقاندىلا، يېڭى ئەھۋاللارنى ئۈزلۈكسىز تەتقىق قىلغىلى، يېڭى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىش داۋامىدا يېڭى دەۋردىكى «ئىمتىھانغا بېرىش يولى»دا ياخشى ماڭغىلى بولىدۇ.
«13 ـ بەش يىل»دىن بۇيان، ئەلا سۈپەتلىك بايلىقنىڭ ئىز بېسىشى يېتەرسىز بولۇش، كونا رايونلاردا مۇقىم ئىشلەپچىقىرىش قىيىنلىق دەرىجىسى چوڭ بولۇش قاتارلىق ئامىللارنىڭ تەسىرىدە، تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكىنىڭ مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇشى قاتمۇقات قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى.
قاياققا قاراپ مېڭىش كېرەك؟ قانداق مېڭىش كېرەك؟ تۇرپان جۇڭگودىكى «ئىسسىق قۇتۇپ»، ئويمانلىقتا كۈن نۇرىنىڭ چۈشۈش ۋاقتى ئۇزاق، تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكى بۇ ئەۋزەللىكتىن پايدىلىنىپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى تەرەققىي قىلدۇرۇشنى قارار قىلدى. 2022 ـ يىلى، جۇڭگو نېفىت گۇرۇھىنىڭ تۇنجى بولغان مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈش، زاپاس ساقلاش تۈرى − تۇرپان رايونى 120 مېگاۋاتلىق مەنبە، تور، يۈك كۆتۈرۈش، زاپاس ساقلاش بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تۈرىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك قۇرۇپ چىقتى.
2024 ـ يىلى، تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكىدە يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق چىقىرىلغان توك 153 مىليون كىلوۋات سائەت بولۇپ، 2023 ـ يىلىنىڭ ئوخشاش مەزگىلىدىكىدىن %25.2 ئاشتى، ئۆزى توك چىقىرىپ ئۆزى ئىشلىتىدىغان يېشىل توكنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى بۇ گۇرۇھ شىركەتنىڭ يۇقىرى ئېقىن كەسپىدە 1 ـ ئورۇندا تۇردى.
ئىشلەپچىقىرىلغان يېشىل توكتىن قانداق قىلغاندا ئۈنۈملۈك پايدىلانغىلى بولىدۇ؟ تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكى مەشغۇلات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى توك ئارقىلىق قوزغىتىشنى سىجىل ئومۇملاشتۇرۇپ، توك بىلەن ھەرىكەتلىنىدىغان بۇرغىلاش ماشىنىسى، ماينىڭ ئورنىغا توك ئىشلىتىلىدىغان بۇرغىلاش ماشىنىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئالدىغا تەتقىق قىلىپ، تۈرلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئۈسكۈنىلىرىدە ئۆز يېشىل توك ئورنىتىلغان ئېلېكتىر تورى ئارقىلىق توك تەمىنلەش بىلەن تولۇق قاپلاشنى ئىشقا ئاشۇردى، بۇنىڭ بىلەن توك ئارقىلىق قوزغىتىلىدىغان ئۈسكۈنىلەرنىڭ قۇرۇلۇش نەق مەيدانىدىكى شاۋقۇن ئاۋازى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىدى، خىزمەتچىلەرنىڭ خىزمەت مۇھىتى ۋە تۇرمۇش مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، «يېشىل مەشغۇلات» كەيپىياتقا ئايلاندى.
نۆۋەتتە، تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكى يېڭىدىن قۇرۇلغان ۋېنجىساڭ تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى توپى، ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىنكى نېفىت قىزدۇرۇش پېچى قاتارلىقلارنى يېشىل توك بىلەن تەمىنلەشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، نېفىتلىكتە يېشىل نېفىت ئېلىش، يېشىل ئىشلەپچىقىرىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
يېشىللىقنى كېڭەيتىش
− «كۆك ئالتۇن» يىغىپ تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرنى تەمىنلەش
ۋەزىيەتنى كۆزلەپ ھەرىكەتكە كەلگەندىلا، كۈچ مۇجەسسەملەپ قۇدرەت تاپالايدۇ. تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكىدە نېمە بار؟ بۇ بايلىقلاردىن قانداق پايدىلىنىش كېرەك؟
2010 ـ يىلى، تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكى تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇمكىنچىلىك لايىھەسىنى تەتقىق قىلىشنى باشلاپ، قۇرۇپ تۈگىگەن تەبىئىي گاز ساقلانمىسىنى تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرىغا ئۆزگەرتىشنى پىلانلىدى.
2018 ـ يىلى 10 ـ ئايدا، جۇڭگو نېفىتى غەربىي شىمال رايونىدىكى تۇنجى تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى توپى − ۋېنجىساڭ تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى توپىنىڭ ئالدىنقى باسقۇچلۇق قۇرۇلۇش تۈرى بۆلۈمى قۇرۇلدى.
ۋېنجىساڭ تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى توپى قۇرۇپ كەتكەن تۆت تەبىئىي گاز ساقلانمىسىدىن ئۆزگەرتىپ قۇرۇلغان بولۇپ، تەبىئىي گاز ساقلانمىسىنىڭ يېپىنچا قاتلىمى قېلىن، تارقىلىشى مۇقىم، يېپىلىشچانلىقى ياخشى، زاپاس قاتلىمىنىڭ فىزىكىلىق خۇسۇسىيىتى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە. ۋېنجىساڭ تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرى توپى دۆلەت، ئاپتونوم رايون ھەمدە جۇڭگو نېفىتىنىڭ نۇقتىلىق ئېنېرگىيە قۇرۇلۇش تۈرىگە كىرگۈزۈلدى.
«14 ـ بەش يىل» مەزگىلىدە، تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكى كەينى ـ كەينىدىن قۇرۇپ كەتكەن تەبىئىي گاز ساقلانمىسىنى تەبىئىي گاز ساقلاش ئامبىرىغا ئۆزگەرتتى. نۆۋەتتە ئىككى دەۋرىيلىك تەبىئىي گاز ئېلىش ۋەزىپىسى تاماملىنىپ، جەمئىي 296 مىليون كۇب مېتىر تەبىئىي گاز ئېلىندى. ئېلىنغان تەبىئىي گاز قىشلىق تەمىنلەش «چوڭ قوشۇنى»غا قوشۇلۇپ، مىڭلىغان ـ تۈمەنلىگەن ئائىلىلەرگە «بەخت گازى» يەتكۈزدى.
بۇنىڭدىن باشقا، تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكى يەنە تارقاق تەبىئىي گازنى يىغىۋېلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرۇپ، يىغىلغان تارقاق تەبىئىي گازنى «ئىسكىلاتقا تولۇق كىرگۈزۈپ»، پۇقرالارنىڭ ئۆيلىرىگە ئۈزلۈكسىز يەتكۈزدى. 2024 ـ يىلى، تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكى 21 مىليون 500 مىڭ كۇب مېتىر تارقاق تەبىئىي گاز سېتىپ، 15 مىليون يۈەن ئۈنۈم يارىتىپ، 38 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئاز قويۇپ بەردى. ئەگەر ھەربىر ئائىلە ھەر كۈنى بىر كۇب مېتىر تەبىئىي گاز سەرپ قىلىش بويىچە ھېسابلىغاندا، 2024 ـ يىلى قايتا يىغىۋېلىنغان تەبىئىي گاز 59 مىڭ ئائىلىنىڭ بىر يىل ئىشلىتىشىگە يېتىدۇ.
يېشىللىقنى كۆپەيتىش
− تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنىڭ يېڭى ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزۈش
دولقۇن مەۋج ئۇردى، يېڭىلىق يارىتىش رولىنى چىڭ تۇتقاندىلا، كەلگۈسى كېمىنى تىزگىنلىگىلى بولىدۇ.
2023 ـ يىلى، تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكى سەنتاڭخۇ نېفىت ئېلىش باشقۇرۇش رايونىنىڭ نيۇچۈەنخۇ شەرقىي رايونى CCUS − EOR (كاربون تۆت ئوكسىدى يىغىش، پايدىلىنىش ۋە پېچەتلەپ ساقلاش − نېفىت ئېلىش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش) باشلامچى سىناق رايونى جۇڭگو نېفىتىنىڭ «تۆت چوڭ ئۈلگىلىك قۇرۇلۇش، ئالتە كىچىك ئۈلگىلىك قۇرۇلۇش» ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىنىڭ بىرى قىلىندى.
2023 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، سەنتاڭخۇ نېفىت ئېلىش باشقۇرۇش رايونى نەق مەيداندا كاربون تۆت ئوكسىدىنى كىرگۈزۈش سىنىقىنى باشلىدى، نېفىت قۇدۇقلىرىنىڭ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش نىسبىتى %80كە يېتىپ، يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق ئىشلەپچىقىرىش نەتىجىسى نامايان بولدى، سىناق ئۈنۈمى مۆلچەردىكىدىن ياخشى بولۇپ، تېخنىكا مۇمكىنچىلىكىنى دەسلەپكى قەدەمدە ئىسپاتلىدى.
2024 ـ يىلى 8 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنى، سەنتاڭخۇ نېفىت ئېلىش باشقۇرۇش رايونىنىڭ نيۇچۈەنخۇ شەرقىي رايونى CCUS − EOR باشلامچى سىناق رايونىنىڭ كاربون تۆت ئوكسىدىنى ئايلانما كىرگۈزۈش پونكىتى پۈتۈپ ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، بۇلغىما قويۇپ بېرىشنى نۆللەشتۈرۈشكە يېقىنلاشتۇرۇش ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ھازىرغىچە، سەنتاڭخۇ نېفىت ئېلىش باشقۇرۇش رايونىنىڭ نيۇچۈەنخۇ شەرقىي رايونى CCUS − EOR باشلامچى سىناق رايونى جەمئىي 69 مىڭ توننا كاربون تۆت ئوكسىدى كىرگۈزدى، باشلامچى سىناق رايونىنىڭ مەھسۇلات مىقدارى بىر ھەسسە ئاشتى.
تۇرپان ـ قومۇل نېفىتلىكى «شەرقىي شىنجاڭ رايونى يېشىل، ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە چوڭ بازىسى قۇرۇش» نىشانىنى چىڭ كۆزلەپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز ۋە يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىغا سىجىل تۈرتكە بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ كۆپ خىللاشقان تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرۇشىنى سىستېمىلىق پىلانلاپ، نېفىتلىكنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلىشىغا پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولىدۇ.