تىيانشان تورى   ›   خەۋەر مەركىزى   ›   شىنجاڭ

پىدائىيلىق سەپىرىدىن مەھەللە رىشتىگىچە

□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سى لۇلۇ

ھەر كۈنى، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ تىيانشان رايونى شىمالىي ئازادلىق يولى كوچا باشقارمىسى ساغلاملىق يولى مەھەللىسى مۇلازىمەت زالىغا مەسلىھەت سورىغىلى، ئىش بېجىرگىلى، نەرسە ئالغىلى كېلىدىغانلارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمەيدۇ، تەۋەلىكتىكى ئاھالىلەر بۇ يەرگە كەلسە، خۇددى ئۆز ئۆيىگە قايتىپ كەلگەندەك ھېس قىلىدۇ.

ساغلاملىق يولى مەھەللىسى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى ما لۇلۇ كەلگەنلەرنى كۈتۈۋېلىپ، قايتقانلارنى ئۇزىتىپ، تولىمۇ ئالدىراش بولۇپ كېتىدۇ. ئۇنىڭ بويى ئانچە ئېگىز ئەمەس، چېچىنى ئېگىز قىلىپ بوغۇۋالىدۇ، گەپ قىلغاندا كۈلۈمسىرەپ تۇرىدىغان بولۇپ، ناھايىتى يېقىملىق تەسىر بېرىدۇ. بوۋاي ـ مومايلار ئۇنى قىزىم دەپ، ياشلار ئۇنى ئاچا دەپ چاقىرىدۇ، كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى ئۇنى ياخشى كۆرىدۇ.

ما لۇلۇنىڭ شىنجاڭغا بولغان رىشتى نەۋرە ئاكىسىنىڭ غەربىي قىسىم پىدائىيلىق سەپىرىدىن باشلانغان. 2014 ـ يىلى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىدا مۇلازىمەت قىلىۋاتقان نەۋرە ئاكىسى شىنجاڭنىڭ ھەيۋەتلىك، گۈزەل مەنزىرىسى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى تەبىئىي شارائىت ۋە ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئوقۇش پۈتكۈزۈش ئالدىدا تۇرغان ما لۇلۇغا سۆزلەپ بېرىپ، ئۇنىڭ قەلبىدە كۈچلۈك تەلپۈنۈش پەيدا قىلدى. شۇ يىلى، ئۇ ئىككىلەنمەي داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى پىدائىيلار مۇلازىمىتى غەربىي قىسىم پىلانىغا تىزىملىتىپ، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىغا بېرىپ ئىككى يىللىق ئاساسىي قاتلام مۇلازىمىتىنى باشلىدى.

«شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە جەلپكارلىقى ۋە سەمىمىي، ئاددىي ـ ساددا خەلق ئىستىلىدىن مەن بۇ يەردە قېلىشنى تاللىدىم.» ما لۇلۇ مۇنداق دېدى: 2016 ـ يىلى پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، يۇرتۇم گەنسۇغا قايتىش ياكى داۋاملىق شىنجاڭدا قېلىپ ئارزۇنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈستىدە ئىزدىنىشتىن ئىبارەت كىشىلىك ھاياتىمدىكى مۇھىم تاللاشقا دۇچ كەلدىم. بىر مەھەل ئويلانغاندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە قېلىپ، مەھەللە خىزمەتچىسى بولۇشنى قارار قىلدىم.

«مەھەللە، مىڭلىغان ـ تۈمەنلىگەن ئائىلە، ئاممىنىڭ ئىشى، بۇلارنىڭ ھەممىسى چىگىش ھەم مۇرەككەپ، مەن مەھەللە مۇلازىمىتىنى ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك قىلىپ، چىن قەلب، چىن ھېسسىيات بىلەن ئۇلارنىڭ ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان مەسىلىلىرىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرىمەن.» ما لۇلۇ مەھەللىنى «ئائىلىسى»، ئاھالىلەرنى «ئائىلە كىشىلىرى» دەپ بىلىپ، ئامما ئويلاۋاتقان ئىشلارنى چىن قەلب، چىن ھېسسىيات، پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى بېجىرىپ، مەھەللىدىكى ئاممىنى تولۇپ تاشقان بەخت تۇيغۇسىغا ئىگە قىلدى.

بارلىق مەھەللە كادىرلىرىغا ئوخشاش، ما لۇلۇ ھەر كۈنى زىيارەت قىلىپ، قوشنىلار ئارىسىدىكى ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ياخشى ساداسىنى يەتكۈزدى. ئۇ تۈرلۈك يوللار ئارقىلىق پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەرقايسى جايلارنىڭ مەھەللە مۇلازىمىتىدىكى ياخشى ئۇسۇل، ياخشى ئىدىيەلىرىنى ئۆگەندى ھەمدە ئەمەلىيەت داۋامىدا ئۈزلۈكسىز سىناق قىلىپ، «ئۈچ كۆپ» خىزمەت ئۇسۇلىنى تېپىپ چىقتى.

«<ئۈچ كۆپ> ئاھالىلەر كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى كۆپ سوراش، ئامما كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلارنى كۆپ سۆزلەش، ئامما ئارزۇ قىلىدىغان ئىشلارنى كۆپ قىلىشتىن ئىبارەت» دېدى ما لۇلۇ كۈلۈپ تۇرۇپ. ئالدىنقى بىر مەزگىلدە، گۇاڭخۇا يولىدىكى بىر قورۇدا يۇندى يولى توسۇلۇپ قېلىش سەۋەبىدىن ئۆي ـ جاي ماجىراسى يۈز بەرگەندە ما لۇلۇ نەق مەيدانغا بېرىپ ماجىرانى مۇرەسسە قىلدى ھەمدە ئاھالىلەرنى يىغىپ سەمىمىي سۆھبەتلىشىش يىغىنى ئاچتى. يىغىندا ئۇ ئىككى تەرەپنى مەسىلىنى بىر تەرەپ قىلىشتىكى قىيىن نۇقتا ۋە ئىلتىماس ـ تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويۇشقا يېتەكلەپ، ھەمكارلىشىپ مەسىلىنى ھەل قىلىپ، ئاخىرىدا ھەربىر ئائىلە 20 يۈەن پۇل چىقىرىش، ئۆي ـ جاي مۇلازىمەت شىركىتى قالغان پۇلنى ئۈستىگە ئېلىشتىن ئىبارەت ھەل قىلىش لايىھەسىنى تۈزۈپ چىقتى.

«زىددىيەتلىشىپ قېلىشتىن قول ئېلىشىپ ئەپلىشىپ قېلىشقىچە بولغان جەرياندا ھېلىمۇ ياخشى شياۋما بىز ئۈچۈن كۆۋرۈكلۈك رول ئوينىدى» دېدى ئاھالە ۋەكىلى چېن شياۋمېي ھاياجانلانغان ھالدا. بۇ خىل چىن قەلب ئارقىلىق چىن ھېسسىياتقا ئېرىشىشتەك خىزمەت ئىدىيەسى ما لۇلۇنى ئاممىنىڭ چوڭقۇر ئىشەنچىسىگە ئېرىشتۈردى.

«بوۋا، بۈگۈن نېپىز كىيىنىۋاپسىز، دەرھال قېلىنراق كىيىنىۋېلىڭ»، «ھەدە، سىز بۈگۈن چېچىڭىزنى ھەقىقەتەن چىرايلىق ياسىۋاپسىز»... ما لۇلۇ مەھەللىدىكى ياشانغانلار توپىغا بەك كۆڭۈل بۆلىدۇ. ئۇ مەھەللىنىڭ كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش، ياشانغانلار ۋە بالىلار كۆپ بولۇشتەك ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن، «ياشانغانلار، بالىلار» مۇلازىمەت ماركىسى ئارقىلىق، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، خەتتاتلىق قاتارلىق ئۆزگىچە پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ، بىلىندۈرمەي تەسىر كۆرسىتىش داۋامىدا كۆپچىلىكنى جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىگە ۋارىسلىق قىلىش، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشكە يېتەكلىدى، ھەر مىللەت ئاممىنى بىللە ئولتۇراقلىشىش، بىللە ئۆگىنىش، بىللە ئىشلەش، بىللە كۆڭۈل ئېچىش داۋامىدا ئۇيۇشۇش كۈچى، مەركەزگە ئىنتىلىش كۈچىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە يېتەكلىدى.

«ئېرىممۇ غەربىي قىسىم پىلانى پىدائىيسى، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە بولغاچقا بىز بىر جۈپلەردىن بولۇپ قالدۇق.» ئائىلىسىدىكىلەرنى تىلغا ئالغاندا، ما لۇلۇنىڭ چېھرىدە بەخت تەبەسسۇمى جىلۋىلەندى، ئۇ كىچىك ئائىلىسىنىڭ بەختىنى چېگرا رايوننىڭ چوڭ تەرەققىياتى بىلەن يۇغۇردى.

«ئۈرۈمچى مېنىڭ ئىككىنچى يۇرتۇم، مەن داۋاملىق چىن قەلب ئارقىلىق چىن ھېسسىياتقا ئېرىشىپ، مەھەللىنى ئىدارە قىلىش ۋە چېگرا رايوننى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن كۈچ قوشىمەن» دېدى ما لۇلۇ.

مەسئۇل مۇھەررىر : 阿曼古力·阿布都热合曼

ئەسكەرتىش:

تورىمىزدىكى ئەسەرلەرنىڭ نەشر ھوقۇقى شىنجاڭ گېزىتخانىسى(شىنجاڭ گېزىتچىلىك ـ تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى)گە تەۋە. نەشر ھوقۇقىغا ئىگە ئەسەر ھوقۇق بېرىلمىگەن ئەھۋالدا باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلىتىش قاتتىق مەنئى قىلىنىدۇ. باشقا سۇپىلارغا كۆچۈرۈپ ئىشلەتكەندە مەنبەسى، ئەسلىي ماۋزۇسى، ئاپتورنىڭ ئىسمى ئەسكەرتىلىشى كېرەك، يادرولۇق مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ.